مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 34 - قېتىملىق يىغىنى بېيجىڭدا يېپىلدى

2022.04.22 08:58 مەنبە: خەلق تورى

  ​زاكاز مال ۋە ھاسىلىي مەھسۇلات قانۇنى، يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن كەسپىي مائارىپ قانۇنى قاتارلىقلار ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى

  ​شى جىنپىڭ رەئىس پەرمانى ئىمزالىدى

  لى جەنشۇ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

  13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 34 - قېتىملىق يىغىنى 4 - ئاينىڭ 20 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا يېپىلدى. يىغىندا ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق، زاكاز مال ۋە ھاسىلىي مەھسۇلات قانۇنى، يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن كەسپىي مائارىپ قانۇنى ماقۇللاندى؛ ۋاڭ مېڭخۇينى تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش قارار قىلىندى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئايرىم - ئايرىم ھالدا 111 -، 112 -، 113 - نومۇرلۇق رەئىس پەرمانى ئىمزالىدى. كومىتېت باشلىقى لى جەنشۇ يېپىلىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەردىن 138 كىشى يىغىنغا قاتناشتى، يىغىنغا قاتناشقانلار سانى قانۇندا بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن.

  يىغىندا 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ سانىنى تەقسىملەش لايىھەسى، 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئاز سانلىق مىللەت ۋەكىللىرىنىڭ سانىنى تەقسىملەش لايىھەسى، تەيۋەن ئۆلكىسىدىن 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىدىغان ۋەكىللەرنى كېڭىشىپ سايلاش لايىھەسى ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى.

  يىغىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ «2002 - يىلى 6 - ئاينىڭ 7 - كۈنى ساينت پېتېربۇرگ (رۇسىيە فېدېراتسىيەسى)دا ئىمزالانغان <شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ رايون تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئاپپاراتى توغرىسىدىكى كېلىشىمى>نىڭ كېلىشىمنامىسى»نى تەستىقلاش توغرىسىدىكى قارارى، «1930 - يىلى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش ئەھدىنامىسى»نى تەستىقلاش توغرىسىدىكى قارارى، «1957 - يىلى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشنى بىكار قىلىش ئەھدىنامىسى»نى تەستىقلاش توغرىسىدىكى قارارى ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى.

  يىغىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ۋەكىللەرنىڭ سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئايرىم ۋەكىللەرنىڭ ۋەكىللىك سالاھىيىتى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى.

  يىغىندا ئاۋاز بېرىش ئارقىلىق، يىڭ يۇڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ئەزالىقىغا، چېن رۇنئېر مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ئەزالىقىغا، ۋاڭ جيەنجۈن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى جەمئىيەت قۇرۇلۇشى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ئەزالىقىغا تەيىنلەندى؛ جياڭ ۋېي ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىق ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى.

  يىغىندا يەنە ۋەزىپىگە تەيىنلەش ۋە ۋەزىپىدىن قالدۇرۇشقا ئالاقىدار باشقا لايىھە ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىرىدىن ۋاڭ چېن، ساۋ جيەنمىڭ، جاڭ چۇنشيەن، شېن يۆيۆ، جى بىڭشۈەن، ئەركىن ئىمىرباقى، ۋەن ئېشياڭ، چېن جۇ، ۋاڭ دۇڭمىڭ، بەيما چىلىن، دىڭ جۇڭلى، خاۋ مىڭجىن، سەي دافېڭ، ۋۇ ۋېيخۇا، باش كاتىپ ياڭ جېنۋۇ يىغىنغا قاتناشتى.

  دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ياڭ شياۋدۇ، دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارى جاۋ كېجى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مەھكىمە باشلىقى جوۋ چياڭ، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى جاڭ جۈن، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ھەرقايسى مەخسۇس كومىتېتلىرىنىڭ ئەزالىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ قىسمەن ۋەكىللىرى، ئالاقىدار تارماقلاردىكى مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلار يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.

  يېپىلىش يىغىنىدىن كېيىن، 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 28 - قېتىملىق مەخسۇس تېمىلىق لېكسىيە ئۆتكۈزدى، كومىتېت باشلىقى لى جەنشۇ رىياسەتچىلىك قىلدى. سۇچىلىق مىنىستىرلىقى خۇاڭخې دەرياسى سۇچىلىق كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇدىر ۋاڭ ئەننەن «خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسى ئېكولوگىيەسىنىڭ ئۆزگىرىشىدىن ئادەم بىلەن دەريانىڭ مۇناسىۋىتىگە نەزەر» دېگەن تېمىدا لېكسىيە سۆزلىدى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ