مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 115-قېتىملىق كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنى ئۆتكۈزدى

ئالاقىدار لايىھەلەر ۋە تەكلىپلەرگە قاراپ چىقىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، لى جەنشۇ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

2022.04.20 20:35 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ئاينىڭ 20-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 115-قېتىملىق كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنى 4-ئاينىڭ 19-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى. كومىتېت باشلىقى لى جەنشۇ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇدىر ئەزاسى لى فېينىڭ زاكاز مال ۋە ھاسىلىي مەھسۇلات قانۇنى لايىھەسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش پىكرى توغرىسىدىكى دوكلاتى، كەسپىي مائارىپ قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش پىكرى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، ئالاقىدار لايىھەلەرنىڭ تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن نۇسخىسىغا قاراپ چىقىلدى.

  يىغىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى شىن چۈنيىڭ بەرگەن 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى سانىنى تەقسىملەش لايىھەسى، 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئاز سانلىق مىللەت ۋەكىللىرى سانىنى تەقسىملەش لايىھەسى، تەيۋەن ئۆلكىسىدىن 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىدىغان ۋەكىللەرنى كېڭىشىپ سايلاش لايىھەسىگە قاراپ چىقىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، ئالاقىدار لايىھەلەر قاراپ چىقىلدى.

  يىغىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇدىر ئەزاسى جاڭ يېسۈينىڭ «2002-يىلى 6-ئاينىڭ 7-كۈنى سانكت پېتېربۇرگ (رۇسىيە فېدېراتسىيەسى)دە ئىمزالانغان ‹شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ رايون تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئاپپاراتى توغرىسىدىكى كېلىشىمى›گە تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى كېلىشىمنامىسى»، «1930-يىلىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش ئەھدىنامىسى»، «1957-يىلىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشنى بىكار قىلىش ئەھدىنامىسى»گە قاراپ چىقىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، شەرتنامىنى تەستىقلاش توغرىسىدىكى قارار لايىھەسىنىڭ ۋاكالىتەن تۈزۈلگەن نۇسخىسىغا قاراپ چىقىلدى.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باش كاتىپى ياڭ جېنۋۇ يىغىندا ئايرىم ۋەكىللەرنىڭ ۋەكىللىك سالاھىيىتى ۋە تەيىنلەش-قالدۇرۇش لايىھەسىگە قاراپ چىقىش ئەھۋالى توغرىسىدا دوكلات بەردى.

  كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنىدا يۇقىرىقى لايىھەلەرنىڭ تۈزىتىلگەن نۇسخىسى، لايىھەسى قاتارلىقلارنى دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇش قارار قىلىندى.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىرىدىن ۋاڭ چېن، ساۋ جيەنمىڭ، جاڭ چۈنشيەن، شېن يۆيۆ، جى بىڭشۈەن، ئەركىن ئىمىرباقى، ۋەن ئېشياڭ، چېن جۇ، ۋاڭ دۇڭمىڭ، بەيما چىلىن، دىڭ جۇڭلى، خاۋ مىڭجىن، سەي دافېڭ، ۋۇ ۋېيخۇا يىغىنغا قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ