مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ 25 ـ قېتىملىق يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ مۇنداق تەكىتلىدى

رەقەملىك ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئۆلكە دەرىجىلىكتىن تۆۋەن مالىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك

لى كېچياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، خەن جېڭ قاتناشتى

2022.04.21 08:49 مەنبە: خەلق تورى

  ■ تور كۈچلۈك دۆلىتى ئىستراتېگىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، رەقەملىك تېخنىكىنى ھۆكۈمەتنىڭ باشقۇرۇش مۇلازىمىتىدە كەڭ قوللىنىپ، ھۆكۈمەتنىڭ رەقەملىك، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەش كېرەك. ئۆلكە دەرىجىلىكتىن تۆۋەن ھۆكۈمەتلەر ئارا مالىيە مۇناسىۋىتىنى راۋانلاشتۇرۇپ، ھوقۇق ـ مەسئۇلىيەت تەقسىماتىنى تېخىمۇ مۇۋاپىقلاشتۇرۇپ، كىرىمنى ئايرىشنى تېخىمۇ قېلىپلاشتۇرۇپ، مالىيە كۈچىنىڭ تارقىلىشىنى نىسپىي تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام كاپالىتىنى تېخىمۇ كۈچلۈك قىلىپ، مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار قۇرۇشنى تېزلىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەتنىڭ باراۋەر بولۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. قانۇن ـ بەلگىلىمە بويىچە بولۇش، ئوبيېكتىپ، ئادىل بولۇش، ئىلمىي بېكىتىش، ھوقۇق بىلەن مەسئۇلىيەت بىردەك بولۇش، مەسئۇلىيەتنى ئۆمۈرلۈك سۈرۈشتۈرۈش پىرىنسىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىلمىي، قېلىپلاشقان، مۇۋاپىق بولغان ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش، باھالاش كۆرسەتكۈچى سىستېمىسىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ تەبىئىي بايلىق، مۈلۈكنى باشقۇرۇش ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئادا قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. دىققەتنى پۇل مۇئامىلىنىڭ پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا مۇلازىمەت قىلىشىدىكى كەمتۈكلۈكلەر، ئاجىز تۈرلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، پۇل مۇئامىلىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسىنى قوللىشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پۇل مۇئامىلە سىستېمىسىنىڭ يېڭى دەۋردىكى پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئېھتىياجىغا تېخىمۇ ياخشى ماسلىشىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. دۇنيا پەن ـ تېخنىكىسىنىڭ ئالدىنقى سېپىگە يۈزلىنىش، ئىقتىساد ئاساسىي جەڭ مەيدانىغا يۈزلىنىش، دۆلەتنىڭ مۇھىم، زور ئېھتىياجىغا يۈزلىنىش، خەلقنىڭ ھاياتى، ساغلاملىقىغا يۈزلىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، باتۇرلۇق بىلەن بۇرچنى زىممىگە ئالىدىغان، قېتىرقىنىپ تەتقىق قىلىدىغان، قىممەت يارىتىدىغان رىغبەتلەندۈرۈش يۆنىلىشىنى تۇرغۇزۇپ، ئەسلىي ئىجادىي نەتىجىلەرنىڭ ئۈزلۈكسىز بارلىققا كېلىشىگە، پەن ـ تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئۈنۈملۈك ئايلاندۇرۇشقا پايدىلىق بولغان يېڭىلىق يارىتىش ئېكولوگىيەسىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، كەڭ پەن ـ تېخنىكا خادىملىرىنى ھەركىم ئۆز قابىلىيىتىنى نامايان قىلىشقا، ھەركىم ئۆز ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى، مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شى جىنپىڭ 4 ـ ئاينىڭ 19 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ 25 ـ قېتىملىق يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا «رەقەملىك ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»، «ئۆلكە دەرىجىلىكتىن تۆۋەن مالىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتى خىزمىتىنى يەنىمۇ ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»، «رەھبىرىي كادىرلار ۋەزىپىدىن ئايرىلغاندا تەبىئىي بايلىق، مۈلۈكلەرنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش، باھالاش كۆرسەتكۈچى سىستېمىسىنى ئورنىتىش ۋە ئۇنى تاكامۇللاشتۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىر»، «<14 ـ بەش يىل> مەزگىلىدە پۇل مۇئامىلىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسىنى قوللىشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش خىزمەت لايىھەسى»، «پەن ـ تېخنىكا جەھەتتە رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى بىرقانچە پىكىر» قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى.

  شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: تور كۈچلۈك دۆلىتى ئىستراتېگىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، رەقەملىك تېخنىكىنى ھۆكۈمەتنىڭ باشقۇرۇش مۇلازىمىتىدە كەڭ قوللىنىپ، ھۆكۈمەتنىڭ رەقەملىك، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەش كېرەك. ئۆلكە دەرىجىلىكتىن تۆۋەن ھۆكۈمەتلەر ئارا مالىيە مۇناسىۋىتىنى راۋانلاشتۇرۇپ، ھوقۇق ـ مەسئۇلىيەت تەقسىماتىنى تېخىمۇ مۇۋاپىقلاشتۇرۇپ، كىرىمنى ئايرىشنى تېخىمۇ قېلىپلاشتۇرۇپ، مالىيە كۈچىنىڭ تارقىلىشىنى نىسپىي تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام كاپالىتىنى تېخىمۇ كۈچلۈك قىلىپ، مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار قۇرۇشنى تېزلىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەتنىڭ باراۋەر بولۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. قانۇن ـ بەلگىلىمە بويىچە بولۇش، ئوبيېكتىپ، ئادىل بولۇش، ئىلمىي بېكىتىش، ھوقۇق بىلەن مەسئۇلىيەت بىردەك بولۇش، مەسئۇلىيەتنى ئۆمۈرلۈك سۈرۈشتۈرۈش پىرىنسىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىلمىي، قېلىپلاشقان، مۇۋاپىق بولغان ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش، باھالاش كۆرسەتكۈچى سىستېمىسىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ تەبىئىي بايلىق، مۈلۈكنى باشقۇرۇش ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئادا قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. دىققەتنى پۇل مۇئامىلىنىڭ پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا مۇلازىمەت قىلىشىدىكى كەمتۈكلۈكلەر، ئاجىز تۈرلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، پۇل مۇئامىلىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسىنى قوللىشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پۇل مۇئامىلە سىستېمىسىنىڭ يېڭى دەۋردىكى پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئېھتىياجىغا تېخىمۇ ياخشى ماسلىشىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. دۇنيا پەن ـ تېخنىكىسىنىڭ ئالدىنقى سېپىگە يۈزلىنىش، ئىقتىساد ئاساسىي جەڭ مەيدانىغا يۈزلىنىش، دۆلەتنىڭ مۇھىم، زور ئېھتىياجىغا يۈزلىنىش، خەلقنىڭ ھاياتى، ساغلاملىقىغا يۈزلىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، باتۇرلۇق بىلەن بۇرچنى زىممىگە ئالىدىغان، قېتىرقىنىپ تەتقىق قىلىدىغان، قىممەت يارىتىدىغان رىغبەتلەندۈرۈش يۆنىلىشىنى تۇرغۇزۇپ، ئەسلىي ئىجادىي نەتىجىلەرنىڭ ئۈزلۈكسىز بارلىققا كېلىشىگە، پەن ـ تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئۈنۈملۈك ئايلاندۇرۇشقا پايدىلىق بولغان يېڭىلىق يارىتىش ئېكولوگىيەسىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، كەڭ پەن ـ تېخنىكا خادىملىرىنى ھەركىم ئۆز قابىلىيىتىنى نامايان قىلىشقا، ھەركىم ئۆز ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىرىدىن لى كېچياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، خەن جېڭ يىغىنغا قاتناشتى.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: رەقەملىك ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ھۆكۈمەت ئىدارە قىلىش ئىدىيەسى ۋە شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىشتىكى مۇھىم تەدبىر بولۇپ، ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىپ، قانۇنچىل ھۆكۈمەت، پاك ھۆكۈمەت، مۇلازىمەتچان ھۆكۈمەت قۇرۇشتا ئەھمىيىتى زور. پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى تور كۈچلۈك دۆلىتى ئىستراتېگىيەسى، چوڭ سانلىق مەلۇمات ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ بىر قاتار مۇھىم، زور ئورۇنلاشتۇرمىلارنى قىلىپ، ھەرقايسى جەھەتلەردىكى خىزمەتلەردە يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردى. پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىشنى رەقەملىك ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرى، ھەرقايسى ھالقىلىرىغا سىڭدۈرۈپ، توغرا سىياسىي يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى قاندۇرۇشنى رەقەملىك ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنىڭ مەۋقەسى ۋە مەقسىتى قىلىپ، ھەر ۋاقىت قوللانغىلى بولىدىغان، ئاقىل، قولايلىق، ئادىل، ئومۇمىي مەنپەئەتدار بولغان رەقەملەشكەن مۇلازىمەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، پۇقرالارنى ئاز قاترىتىش، سانلىق مەلۇماتلارنى كۆپ ئىشقا سېلىش كېرەك. رەقەملەشتۈرۈش ئىسلاھاتى ئارقىلىق ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنىڭ ئۆزگىرىشىگە كۈچ قوشۇپ، ھەرقايسى كەسىپ، ھەرقايسى ساھەلەردە ھۆكۈمەت ئىشلىرىدا قوللىنىش سىستېمىسىنى تۈجۈپىلەپ قۇرۇش، ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش، ھەمكارلىشىپ ھەمتۈرتكە بولۇشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، رەقەملەشتۈرۈشنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ ئىقتىسادنى تەڭشەش، بازارنى نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش، جەمئىيەت باشقۇرۇش، ئاممىۋى مۇلازىمەت، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش قاتارلىق جەھەتلەردىكى فۇنكسىيەسىنى ئادا قىلىشتىكى مۇھىم تىرەكلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ماس، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولغان ھۆكۈمەت رەقەملەشكەن ۋەزىپە ئادا قىلىش ئىقتىدار سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك. سىستېما قارىشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىلمىي، قېلىپلاشقان رەقەملىك ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشى تۈزۈم سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، قانۇن ـ بەلگىلىمە بويىچە سانلىق مەلۇماتتىن يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئورتاق بەھرىمەن بولۇش ۋە تەرتىپلىك ئېچىپ پايدىلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تېخنىكىنى يۇغۇرۇش، كەسىپنى يۇغۇرۇش، سانلىق مەلۇماتلارنى يۇغۇرۇشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، قاتلام ھالقىغان، رايون ھالقىغان، سىستېما ھالقىغان، تارماق ھالقىغان، كەسىپ ھالقىغان ھەمكارلىشىپ باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. سانلىق مەلۇمات بىخەتەرلىكىدىن ئىبارەت بۇ كىرىچنى باشتىن ـ ئاخىر چىڭىتىپ، رەقەملىك ھۆكۈمەتنىڭ ھەر تەرەپلىمە بىخەتەرلىك كاپالىتى سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، رەقەملىك ھۆكۈمەتنىڭ بىخەتەرلىك باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پارتىيە 18 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 ـ ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيان، بىز مالىيە ـ باج تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشنى كۈچەيتىپ، مەركەز بىلەن يەرلىكنىڭ مالىيە ئىش ھوقۇقى ۋە چىقىم مەسئۇلىيىتىنى ئايرىش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ئالغا سىلجىتىپ، مەركەز بىلەن يەرلىكنىڭ كىرىم ئايرىمىسىنى يەنىمۇ راۋانلاشتۇرۇپ، مالىيە يۆتكىمە چىقىم تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھوقۇق بىلەن مەسئۇلىيەت ئېنىق بولغان، مالىيە كۈچى ماسلاشقان، رايونلار ئارا تەڭپۇڭ بولغان مەركەز بىلەن يەرلىك مالىيە مۇناسىۋىتىنى تەدرىجىي شەكىللەندۈردۇق. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، مەركەز بىلەن يەرلىكنىڭ باج ئايرىش تۈزۈمى پىرىنسىپى رامكىسى ئىچىدە، ھۆكۈمەتلەر ئارا مالىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىپ ۋە ئۇنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئۆلكە دەرىجىلىكتىن تۆۋەن مالىيە ئىش ھوقۇقى ۋە چىقىم مەسئۇلىيىتىنىڭ دائىرىسىنى ئېنىق بېكىتىپ، ئۆلكە دەرىجىلىكتىن تۆۋەن ھۆكۈمەتلەر ئارا كىرىم مۇناسىۋىتىنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئۆلكە دەرىجىلىكتىن تۆۋەن يۆتكىمە چىقىم تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۆلكە دەرىجىلىكتىن تۆۋەن مالىيە تۈزۈلمىسىنى تەڭشەش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئۆلكە دەرىجىلىكتىن تۆۋەن مالىيەنى باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇرۇش كېرەك. مالىيە تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئارقىلىق، يەرلىك قورۇقچىلىقنى تۈگىتىپ، بازار توسۇقىنى تۈگىتىپ، ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەتنى باراۋەرلەشتۈرۈشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىدىغان كاپالەت تۈزۈمى ۋە ئۆلچەم سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، كونا ئىنقىلابىي رايونلار، مىللەتلەر رايونلىرى، چېگرا رايونلار، تەرەققىي تاپمىغان رايونلارنى مالىيە جەھەتتىن قوللاش سالمىقىنى زورايتىپ، رايونلارنى قوللاش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ناھىيە دەرىجىلىك مالىيە كۈچىنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك كاپالەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. يەرلىك ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ خەۋپ ـ خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، يوشۇرۇن قەرز خەۋپ ـ خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان، تۈگىتىدىغان ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يوشۇرۇن قەرزنىڭ كۆپىيىشىنى قەتئىي توسۇپ، قانۇن ـ بەلگىلىمىگە خىلاپ قەرز ئېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قىلمىشلىرىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. مالىيە ـ ئىقتىساد ئىنتىزامىنى چىڭىتىپ، مالىيە ـ ئىقتىساد تەرتىپىنى قوغداپ، مالىيە ـ بوغالتىرلىقنى نازارەت قىلىش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: رەھبىرىي كادىرلار ۋەزىپىدىن ئايرىلغاندا تەبىئىي بايلىق، مۈلۈكنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش تۈزۈمى ئورنىتىلىپ، 2015 ـ يىلى نۇقتىدا سىناق قىلىش قانات يايدۇرۇلۇپ، 2017 ـ يىلى ئومۇميۈزلۈك كېڭەيتىلىپ، قاتتىق ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تۈزۈمىنى ئىجرا قىلىش جەھەتتە كۈچلۈك تۈزۈم چەكلىمىسى شەكىللەندۈرۈلدى. رەھبىرىي كادىرلارنىڭ بايلىق، مۇھىتقا ئالاقىدار تەدبىر بەلگىلەش ۋە نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئەھۋالىنى باھالاش ئۆلچىمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، تەبىئىي بايلىقلارنى قوغداش، ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقى، تېرىلغۇ يەرلەرنى قوغداش قىزىل سىزىقى، بۇلغىمىنى ئازايتىپ كاربوننى تۆۋەنلىتىش، دەريا، كۆل باشلىقى تۈزۈمى قاتارلىق پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم، زور ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى ئالاقىدار باھالاش كۆرسەتكۈچلىرىگە سىڭدۈرۈش كېرەك. باھالاش كۆرسەتكۈچىنىڭ سالمىقى ۋە نومۇر قويۇش ئۇسۇلىنى ئىلمىي بېكىتىپ، تەبىئىي بايلىق، مۈلۈكلەرنىڭ ئەمەلىي مىقدارى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سۈپىتى قاتارلىق ئاچقۇچلۇق كۆرسەتكۈچلەرنىڭ يېتەكچىلىك رولىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، دۆلەت يىرىك پىلانىدا بېكىتىلگەن بايلىق، مۇھىتنىڭ چەكلىمە خاراكتېرىلىك كۆرسەتكۈچىنى گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك. ھەرقايسى جايلارنىڭ تەبىئىي بايلىق جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكى ۋە ئاساسىي گەۋدىلىك فۇنكسىيە ئورنى جەھەتتىكى پەرقنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئويلىشىپ، كۆرسەتكۈچ تەسىس قىلىش جەھەتتە ئىلمىي، دەل جايىدا بولۇشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش دائىرىسى ۋە مەزمۇنىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئىسپاتلانغان پاكىتلارنى ئاساس قىلىپ، ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىپ باھالاش يەكۈنىنىڭ تارىخنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. تۈرلۈك نازارەتچىلىكنى تۇتاشتۇرۇش، ماسلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىقتىسادىي تەپتىش نەتىجىسىنى باھالاش، ۋەزىپىگە تەيىنلەش ـ قالدۇرۇش، مۇكاپاتلاش ـ جازالاشتىكى مۇھىم پايدىلىنىش ماتېرىيالى قىلىش كېرەك. ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، ئالاقىدار ماتېرىيال ۋە سانلىق مەلۇماتلارنىڭ چىنلىقى، توغرىلىقى، مۇكەممەللىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، بايلىق، مۇھىت سانلىق مەلۇماتىدا ساختىلىق قىلىش قىلمىشى سادىر قىلغانلارنىڭ جاۋابكارلىقىنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پۇل مۇئامىلىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسىنى قوللاش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىپ، دىققەتنى ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش، پەن ـ تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش، پەن ـ تېخنىكا تىپىدىكى ۋە يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىلار قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، پۇل مۇئامىلىنىڭ تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پەن ـ تېخنىكا ئىناۋەتلىك قەرز پۇل مۇلازىمەت ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، تەرەققىيات خاراكتېرلىك، سىياسەت خاراكتېرلىك پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيەت دائىرىسى ئىچىدە پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا مۇلازىمەت قىلىش رولىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، بانكىچىلىق، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ دۆلەتنىڭ مۇھىم، زور پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان كارخانىلارغا مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، كۆپ قاتلاملىق كاپىتال بازىرىنىڭ بىۋاسىتە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، سۇغۇرتا ۋە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كېپىللىك ئاپپاراتلىرىنىڭ خەۋپ ـ خەتەرنى تەڭ ئۈستىگە ئېلىش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، پۇل مۇئامىلىنىڭ پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى قوللاشتىكى تاشقى تىرەكلىك رولىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. تۆۋەن چەك تەپەككۇرى، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، مەۋقەنى كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىشقا قويۇپ، پۇل مۇئامىلىنىڭ پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشىنى قوللىشى ۋە پۇل مۇئامىلە خەۋپ ـ خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، خەۋپ ـ خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەشتىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: پەن ـ تېخنىكا جەھەتتە رىغبەتلەندۈرۈش پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم كاپالەت بولۇپ، پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش يوشۇرۇن كۈچىنى قويۇپ بېرىش، يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچىنى قوزغىتىشتا مۇھىم رولغا ئىگە. پەن ـ تېخنىكا خادىملىرىنى ۋەتەننى سۆيۈش ھېسسىياتى، ۋەتەنگە ئۆزىنى بېغىشلاش ئىرادىسى بىلەن ئاڭلىق ھالدا پەن ـ تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىش، يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن ـ تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىش، كۈچ قوشۇشقا ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك. مەنىۋى رىغبەتلەندۈرۈش بىلەن ماددىي رىغبەتلەندۈرۈشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، دۆلەتنىڭ جىددىي ئېھتىياجى ۋە ئۇزاق مۇددەتلىك ئېھتىياجىنى چىقىش قىلىپ، پەن ـ تېخنىكا تەرەققىياتى، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى، دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك خەۋپسىزلىكى قاتارلىقلارغا مۇھىم، زور تۆھپە قوشقان پەن ـ تېخنىكا كوللېكتىپى ۋە خادىملىرىنى نۇقتىلىق مۇكاپاتلاش كېرەك. پەن تەتقىقات تۈرلىرىنى تەشكىللەش، باشقۇرۇش مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىپ، پەن ـ تېخنىكا خادىملىرىنىڭ پەن تەتقىقات خىزمەت ۋاقتىدا پۈتۈن دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرۈپ يېڭىلىق يارىتىشى، ئىجاد قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ياش پەن ـ تېخنىكا خادىملىرىنى رىغبەتلەندۈرۈشنى زورايتىپ، ياشلارغا زور مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش پۇرسىتى بېرىشكە جۈرئەت قىلىپ، ياش ئىختىساسلىقلارنىڭ ئۆز كارامىتىنى كۆرسىتىشىگە پايدىلىق مۇھىت يارىتىپ بېرىش كېرەك. پەن تەتقىقات خىراجىتى جەھەتتە مۇقىم قوللاش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، پەن تەتقىقات خادىملىرىنىڭ ئۇللۇق، ئاممىۋى پاراۋانلىق خاراكتېرىدىكى تەتقىقات يۆنىلىشىدە «بىر ئىشقا ئۇزاق يىل ئەجىر قىلىشى»نى ئىزچىل قوللاش كېرەك. رىغبەتلەندۈرۈش ۋە چەكلەشكە تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۈنۈملۈك چەكلەش ۋە نازارەت قىلىش مېخانىزمىنى ئورنىتىش كېرەك.

  مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى يىغىنغا قاتناشتى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ