مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭ گوۋۇيۈەن پەرمانى ئىمزالىدى

تۈزىتىلگەندىن كېيىنكى «يەر ناملىرىنى باشقۇرۇش نىزامى» ئېلان قىلىندى

2022.04.22 21:42 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ئاينىڭ 22-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ يېقىندا گوۋۇيۈەن پەرمانىغا ئىمزا قويۇپ، تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى «يەر ناملىرىنى باشقۇرۇش نىزامى»نى ئېلان قىلدى.

  يەر نامى جەمئىيەتنىڭ ئاساسىي ئاممىۋى ئۇچۇرى، تارىخىي مەدەنىيەتنىڭ مۇھىم ۋاسىتىسى. يەر ناملىرىنى باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ ۋە قېلىپلاشتۇرۇپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات، خەلق تۇرمۇشى ۋە خەلقئارا ئالاقىنىڭ ئېھتىياجىغا ئۇيغۇنلىشىپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن، ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان «نىزام»نى كۆپ يىللاردىن بۇيانقى يولغا قويۇش تەجرىبىلىرىنى يەكۈنلەش ئاساسىدا، يەر ناملىرىنى باشقۇرۇش خىزمىتى دۇچ كەلگەن بەزى يېڭى ئەھۋال، يېڭى مەسىلىلەرگە قارىتا «نىزام»غا تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى.

  تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى «نىزام» جەمئىي يەتتە باب، 44 ماددا بولۇپ، يەر ناملىرىنى باشقۇرۇشقا قارىتا ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق بەلگىلىمە چىقىرىلىپ، يەر ناملىرىنى باشقۇرۇشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، ئىلمىيلاشتۇرۇش، قېلىپلاشتۇرۇش سەۋىيەسى يەنىمۇ ئۆستۈرۈلۈپ، يېڭى دەۋردىكى يەر ناملىرى خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىشنى قانۇنچىللىق كاپالىتىگە ئىگە قىلدى.

  بىرىنچىدىن، باشقۇرۇش پىرىنسىپى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. «نىزام»دا مۇنداق بەلگىلەندى: يەر ناملىرىنى باشقۇرۇشتا پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىش — دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشقا، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئەۋج ئالدۇرۇشقا، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشقا، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشقا پايدىلىق؛ يەر ناملىرى نىسپىي مۇقىملىقىنى ساقلاش كېرەك.

  ئىككىنچى، تۈزۈلمە-مېخانىزم مۇكەممەللەشتۈرۈلدى. «نىزام»دا بىرتۇتاش نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، دەرىجىگە ئايرىپ مەسئۇل بولۇش پىرىنسىپى بويىچە، گوۋۇيۈەننىڭ خەلق ئىشلىرى تارمىقى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ يەر ناملىرى خىزمىتىنى بىرتۇتاش نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ، گوۋۇيۈەننىڭ باشقا ئالاقىدار تارماقلىرى، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يەر ناملىرى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ۋە باشقا ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ يەر ناملىرىنى باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى يەر ناملىرىنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى ئورنىتىشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشى كېرەكلىكى بەلگىلەندى.

  ئۈچىنچى، نام بېرىش، نامنى يېڭىلاشنى باشقۇرۇش كۈچەيتىلدى. «نىزام»دا يەرگە نام بېرىش قائىدىسى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، يەرگە نام بېرىش، نامنى ئۆزگەرتىشتە تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك ئىلتىماس ماتېرىيالى ۋە ئۇنىۋېرسال باھالاش، مۇتەخەسسىسلەر دەلىللەش، پىكىر ئېلىش قاتارلىق تەلەپلەر ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، يەرگە نام بېرىش، نامنى يېڭىلاشنى تەستىقلاش تەرتىپى دەرىجە ۋە تۈرگە ئايرىپ بەلگىلىنىپ، يەر نامىنى ئەنگە ئېلىش، ئېلان قىلىش تۈزۈمى ئورنىتىلدى.

  تۆتىنچى، يەر ناملىرىنى ئىشلىتىش قېلىپلاشتۇرۇلدى. «نىزام»دا يەر نامى يېزىقى، ئوقۇلۇشى، قوشۇپ يېزىلىشى قاتارلىقلار قېلىپلاشتۇرۇشقا ئۇيغۇن بولۇشى كېرەكلىكى بەلگىلەندى. گوۋۇيۈەننىڭ خەلق ئىشلىرى تارمىقى دۆلەت يەر نامى ئۇچۇر ئامبىرىنى بىر تۇتاش قۇرۇدىغانلىقى، يەر نامى ئۇچۇر بايلىقىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش مېخانىزمى، ئۆلچەملىك يەر نامىنى ئىشلىتىش دائىرىسى، يەر نامى بەلگىسىنى باشقۇرۇش، ئۆلچەملىك ئادرېس تۈزۈش، ئۆلچەملىك يەر نامىنى نەشر قىلىش قاتارلىق تەلەپلەر ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

  بەشىنچى، مەدەنىيەتنى قوغداش تەكىتلەندى. «نىزام»دا مۇھىم تارىخىي مەدەنىيەت قىممىتىگە ئىگە، جۇڭخۇا تارىخىي مەدەنىيەت تومۇرىنى گەۋدىلەندۈرىدىغان ھەمدە زور ئىجتىمائىي تەسىرگە ئىگە دۆلەت ئىچىدىكى داڭلىق تەبىئىي جۇغراپىيەلىك ئەمەلىي گەۋدىلەرگە نام بېرىش، نامىنى ئۆزگەرتىشتە گوۋۇيۈەنگە يوللاپ تەستىقلىتىش بەلگىلەندى؛ يەر ناملىرى مەدەنىيىتىنى قوغداش مەخسۇس بابىنى تەسىس قىلىپ، يەر ناملىرى مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداشنى كۈچەيتىش، قوغداش تىزىملىكى تۈزۈش، ئارخىپ باشقۇرۇشنى ياخشى ئىشلەش، جەمئىيەتنىڭ قاتنىشىشىغا ئىلھام بېرىش قاتارلىق تەلەپلەر ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

  بۇنىڭدىن باشقا، «نىزام»دا نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنىڭ ئومۇمىي تەلىپى ۋە كونكرېت تەدبىرلىرى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى؛ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا يەر نامى قويۇش، نامىنى ئۆزگەرتىش، ئەنگە ئالدۇرۇشقا يوللىماسلىق ياكى ۋاقتىدا ئەنگە ئالدۇرماسلىق، ئۆلچەملىك يەر نامىنى ئۆلچەملىك ئىشلەتمەسلىك، يەر نامى بەلگىسىنى بۇزۇۋېتىش قاتارلىق قىلمىشلارنىڭ مۇناسىپ قانۇن جاۋابكارلىقى بەلگىلەندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ