مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنى ئېچىلدى

2022.04.22 09:15 مەنبە: خەلق تورى

  يىغىندا ئەتىيازلىق يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش تەدبىرلىرىنى يەنىمۇ چىڭ تۇتۇش، ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىش ۋە مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن مۇقىم تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش؛ ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش، تەمىنلەشنى ئاشۇرۇش تەدبىرلىرىنى بېكىتىپ، ئېنېرگىيەنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ئورۇنلاشتۇرۇلدى

  گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 20-چېسلا گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا ئەتىيازلىق يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش تەدبىرلىرىنى يەنىمۇ چىڭ تۇتۇش، ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىش ۋە مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن مۇقىم تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش؛ ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش، تەمىنلەشنى ئاشۇرۇش تەدبىرلىرىنى بېكىتىپ، ئېنېرگىيەنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىش بىلەن مۇقىم بولغان مال باھاسى ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشۈشىنى مۇۋاپىق دائىرىدە ساقلاشتىكى ئاساسلىق تىرەك. ئاشلىق قاتارلىق مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، تەمىنلەشنى مۇقىملاشتۇرۇش ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئومۇملۇقنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش، بولۇپمۇ مال باھاسىنى مۇقىملاشتۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشتا مۇقىملاشتۇرغۇچلۇق رول ئوينايدۇ، نۆۋەتتىكى خەلقئارا ئاشلىق بازىرىدا ئېنىقسىزلىق ئېشىۋاتقان ۋە بەزى دۆلەتلەردە پۇل پاخاللىقى ئۆرلەۋاتقان ئەھۋلدا بۇ تېخىمۇ مۇھىم بولماقتا. ئېلىمىزدە ئاشلىق بىلەن تەمىنلەش ۋە زاپاس ساقلاش يېتەرلىك، بۇ يىل ئەتىيازلىق تېرىلغۇ مۇقىم قانات يايدۇرۇلۇپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكى كاپالەتكە ئىگە بولدى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەتىيازلىق يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشنى ياخشى تۇتۇپ، پۈتۈن يىللىق ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. بىرىنچىدىن، پۈتۈن يىللىق ئاشلىق تېرىش كۆلىمى ۋە مەھسۇلات مىقدارىنى قاتلاممۇ قاتلام ئايرىپ، جايلارنىڭ يەرلەرنى تولۇق تېرىشىغا، تېرىشقا ماس كېلىدىغان مەزگىلدە تېرىشقا ھەيدەكچىلىك قىلىپ، تېرىلغۇ يەرنى ئاق تاشلىۋېتىشىگە يول قويماي، ۋەزىپىنى تاماملىمىغانلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. جايلار ئاشلىق بىخەتەرلىكى مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقۇم مۇداپىئە-تىزگىن خىزمىتى ۋە ئەتىيازلىق يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى تەكشۈرۈپ باھالاشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىپ، خىزمەتتە مەخسۇس ئىسمېنا تەشكىللەپ، ئەتىيازلىق يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرى بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش، باھانى مۇقىملاشتۇرۇش ۋە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش-سېتىشنى ماسلاشتۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەش كېرەك. يازلىق ئاشلىق ئېتىزلىرىنى پەرۋىش قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، يەرنىڭ نەملىكىگە ئاساسەن مايسىلارنى ئوغۇتلاپ، سۇغىرىپ، يېزا ئىگىلىكىدە ئاپىتىدىن ئۈنۈملىك مۇداپىئەلىنىش كېرەك. ئەگەر يەرگە بىر مەھەل سەل قارالسا يەر دېھقاننى بىر يىل زىيانغا ئۇچرىتىدۇ. ھازىر ئەتىيازلىق تېرىلغۇنىڭ ھالقىلىق مەزگىلى، دېھقانلارنى يەر تۈزلەش ۋە ئۇرۇق سېلىپ مايسا يېتىشتۈرۈشكە يېتەكلەش كېرەك. يېڭىچە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشنىڭ سۇبيېكتىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ۋاكالىتەن تېرىش، ۋاكالىتەن تېرىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، ئۇششاق دېھقانلار ۋە يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان دېھقانلارنىڭ يەر تېرىشىغا ياردەم بېرىش كېرەك. ئىككىنچىدىن، ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلىرىنىڭ تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇلۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. تەشكىللەش ۋە يېتەكلەشنى ئىلمىي، ياخشى ئىشلەپ، دېھقانچىلىق پەيتىگە دەخلى قىلماي، سىرتقا چىققان دېھقانلارنىڭ يۇرتىغا قايتىپ دېھقانچىلىق قىلىشى، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىنىڭ بازارلارغا سېلىنىپ كەنتكە كىرىشى، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ قاتنىشى، يېزا ئىگىلىك تېخنىكلىرىنىڭ تۆۋەنگە چۆكۈپ مۇلازىمەت قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرى كارخانىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە خام ئەشيا، ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئۈچىنچىدىن، «كۆك-تاق» قورۇلۇشىنى ياخشى تۇتۇش كېرەك. يېڭى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى توشۇش يېشىل كارىدورى سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كۆكتات قاتارلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ راۋان ئوبوروت قىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. تۆتىنچىدىن، يېزا ئىگىلىكىنى قوللاش، دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈشكە دائىر تۈرلۈك سىياسەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىغا ياردەم بېرىش مەبلىغىنى دېھقانلارنىڭ قولىغا تېزدىن تارقىتىپ، بۇغداينىڭ «بىر قېتىملىق پۈركۈش ئارقىلىق ئۈچ خىل ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش» تەك يېڭى تولۇقلىما سىياسىتىنى يولغا قويۇش كېرەك. بەشىنچىدىن، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرى تولۇقلىمىسىنى كۆپەيتىش تەدبىرىنى تەتقىق قىلىپ، ئاشلىق سېتىۋېلىشقا كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى ۋاقتىدا ياخشى ئىشلەپ، دېھقانلارنىڭ ئاشلىق تېرىش ئاكتىپلىقىنى قوغداش ۋە قوزغاش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئېنېرگىيە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئاساسىي تىرىكى. مەۋقەنى دۆلىتىمىزنىڭ ئەھۋالىغا قويۇپ، تاشقى مۇھىتتىكى يېڭى خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇپ، مۇھىم نۇقتىنى چىڭ تۇتۇپ، ئېنېرگىيە تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، سۇ كەلگۈچە توغان سېلىپ، شارائىتى پىشىپ يېتىلگەن، تەرەققىياتقا ئېھتىياجلىق ئېنېرگىيە تۈرلىرىدە ئىش باشلاشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئېنېرگىيە قۇرۇلمىسىنىڭ سىجىل ئەلالىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. بۇ يەنە ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى كېڭەيتىدۇ ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولىدۇ، ھەم ھازىرقىغا، ھەم كەلگۈسىگە پايدىلىق. بىرىنچىدىن، كۆمۈرنىڭ ئاساسىي ئېنېرگىيەلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. بىرلىكتە ھەمكارلىشىپ، كۆمۈرچىلىك كارخانىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۈر قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش سىياسىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، يەرلىكنىڭ مۇقىم ئىشلەپچىقىرىشقا كاپالەتلىك قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى تولۇق قويۇپ بېرىش كېرەك. ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش، ئىشلەپچىقىرىشنى كېڭەيتىش، يېڭىدىن ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈش قاتارلىقلار ئارقىلىق، بۇ يىل يېڭىدىن 300 مىليون توننا كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى كۆپەيتىش كېرەك. كۆمۈردىن پاكىز، يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، زاپاس ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. بازارلاشتۇرۇش، قانۇنچىللاشتۇرۇش چارىسىنى قوللىنىپ، كۆمۈر باھاسىنىڭ مۇۋاپىق دائىرىدە يۈرۈشۈشىگە يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك. ئىككىنچىدىن، كۆمۈر ئېلېكتىر گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىنىڭ ئېنېرگىيە تېجەش، بۇلغىمىنى ئازايتىشىنى ئۆزگەرتىش، جانلىق ئۆزگەرتىش، ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەشنى ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېنېرگىيەدىن پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، پۈتۈن يىللىق ئۆزگەرتىش كۆلىمىنى 220 مىليون كىلوۋاتتىن ئاشۇرۇش كېرەك. ئۆزگەرتىشتە گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىنى نورمال چوڭ رېمونت قىلىش قاتارلىق ۋاقتلارنى تاللاپ، توك بىلەن مۇقىم تەمىنلەشكە تەسىر يېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. كۆمۈر ئېلېكتىر گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىنى ئۆزگەرتىشكە مەدەت بېرىدىغان پۇل مۇئامىلە سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ئۈچىنچىدىن، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى چىڭىتىپ، مۇتلەق بىخەتەرلىككە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا يادرو ئېلېكتىرىنى تەرتىپلىك تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك. كۆپ يىل تەييارلىق قىلىش ۋە ئومۇميۈزلۈك باھالاپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق، دۆلەتنىڭ يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈلگەن جېجياڭ سەنمېن، شەندۇڭ خەيياڭ، گۇاڭدۇڭ لۇفېڭدىن ئىبارەت ئۈچ يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىنى يېڭىدىن قۇرۇش تۈرىنى تەستىقلاش كېرەك. يىغىندا باشقا ئىشلار مۇھاكىمە قىلىندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ