مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ چىڭخاۋسۇنىڭ ۋۇجۇدقا كەلگەنلىكىنىڭ 50 يىللىقى ھەم ئىنسانىيەت سەھىيە - ساغلاملىق ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىشقا كۈچ قوشۇش خەلقئارا مۇنبىرىگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

2022.04.27 10:54 مەنبە: خەلق تورى

  4 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ چىڭخاۋسۇنىڭ ۋۇجۇدقا كەلگەنلىكىنىڭ 50 يىللىقى ھەم ئىنسانىيەت سەھىيە - ساغلاملىق ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىشقا كۈچ قوشۇش خەلقئارا مۇنبىرىگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: چىڭخاۋسۇ جۇڭگو تۇنجى بولۇپ بايقىغان ھەم مۇۋەپپەقىيەتلىك ئايرىپ ئالغان بەزگەك كېسىلىگە تاقابىل تۇرىدىغان ئالاھىدە ئۈنۈملۈك دورا بولۇپ، ۋۇجۇدقا كەلگەن 50 يىلدىن بۇيان، جۇڭگونىڭ بەزگەك كېسىلىنى پۈتۈنلەي تۈگىتىشىگە ياردەم بەردى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، جۇڭگو دورا بىلەن تەمىنلەش، تېخنىكا جەھەتتىن ياردەم بېرىش، بەزگەك كېسىلىگە تاقابىل تۇرۇش مەركىزى قۇرۇشقا ياردەم بېرىش، خادىملارنى تەربىيەلەش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىل ئارقىلىق، پۈتۈن يەر شارىدا چىڭخاۋسۇنى پائال كېڭەيتىپ ۋە ئەمەلىي قوللىنىپ، پۈتۈن يەرشارى بولۇپمۇ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەردىكى نەچچە مىليون كىشىنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇپ، يەرشارى بويىچە بەزگەك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - داۋالاش، ئىنسانلارنىڭ ساغلاملىقىنى قوغداش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىرلىكتە، ئاممىۋى سەھىيە ساھەسىدىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى قويۇقلاشتۇرۇپ، قول تۇتۇشۇپ يەرشارىۋى تەھدىت ۋە خىرىسقا تاقابىل تۇرۇپ، ئىنسانىيەت سەھىيە - ساغلاملىق ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ساغلاملىقىنى قوغداش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.

  4 - ئاينىڭ 25 - كۈنى «دۇنيا بەزگەك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - داۋالاش كۈنى.» چىڭخاۋسۇ ۋۇجۇدقا كەلگەنلىكىنىڭ 50 يىللىقى ھەم ئىنسانىيەت سەھىيە - ساغلاملىق ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىشقا كۈچ قوشۇش خەلقئارا مۇنبىرى شۇ كۈنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى، مۇنبەرنىڭ باش تېمىسى «چىڭخاۋسۇ ئارقىلىق بەزگەك كېسىلىگە تاقابىل تۇرۇش خەلقئارا تەرەققىيات ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئىنسانىيەت سەھىيە - ساغلاملىق ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق بەرپا قىلايلى» بولۇپ، دۆلەت خەلقئارا تەرەققىيات ھەمكارلىق مەھكىمىسى، دۆلەت سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتى، دۆلەت جۇڭيى تېبابىتى دورىلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى بىرلىكتە مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزدى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ