مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ بېيجىڭ پەن - تېخنىكا داشۆسىدىكى پېشقەدەم پىروفېسسورلارغا جاۋاب خەت قايتۇرۇپ مۇنداق تەكىتلىدى

ئىلىم تەتقىق قىلىشتا ئەستايىدىل ۋە ئېھتىياتچان بولۇش، ئۆز مەنپەئىتىدىن كېچىپ باشقىلارغا ياردەم بېرىش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، دۆلەتكە ئۆزىنى بېغىشلايدىغان قەيسەر ئىرادىگە ئىگە تېخىمۇ كۆپ يۇقىرى ساپالىق ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش كېرەك

2022.04.25 09:34 مەنبە: خەلق تورى

  جاۋاب خەت

  بېيجىڭ پەن - تېخنىكا داشۆسىدىكى پېشقەدەم پىروفېسسورلار:

  ياخشىمۇسىلەر، خېتىڭلاردىن خەۋەردار بولدۇم. بېيجىڭ پەن - تېخنىكا داشۆسى قۇرۇلغاندىن بۇيان، دۆلىتىمىزنىڭ پولات - تۆمۈر سانائىتى تەرەققىياتىغا پائال تۆھپە قوشتى، مەكتەپ قۇرۇلغانلىقىغا 70 يىل بولغان مۇشۇ پەيتتە، سىلەرنى ھەم پۈتۈن مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار، خىزمەتچىلەر، كەڭ مەكتەپداشلارنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن ۋە سەمىمىي سالام يوللايمەن!

  مىللەتنىڭ گۈللىنىشى زور بىر تۈركۈم ھەم ئەخلاقلىق، ھەم قابىلىيەتلىك ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈشكە جىددىي ئېھتىياجلىق. سىلەرنىڭ ئىلىم تەتقىق قىلىشتا ئەستايىدىل ۋە ئېھتىياتچان بولۇش، ئۆز مەنپەئىتىدىن كېچىپ باشقىلارغا ياردەم بېرىش روھىنى داۋاملىق ئەۋج ئالدۇرۇپ، خاسلىقتا چىڭ تۇرۇپ، تىرىشىپ ئالدىنقى قاتاردىكى نەتىجىلەرنى يارىتىپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلايدىغان، پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىدىغان غايىلىك، ئىقتىدارلىق، دۆلەتكە ئۆزىنى بېغىشلايدىغان قەيسەر ئىرادىگە ئىگە تېخىمۇ كۆپ يۇقىرى ساپالىق ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈپ، پولات - تۆمۈر كەسپىنىڭ يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشى، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پەن - تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى، ياسىمىچىلىق كۈچلۈك دۆلىتىنىڭ پولات تۈۋرۈكىنى تاۋلاپ چىقىش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن!

  شى جىنپىڭ

  2022 - يىلى 4 - ئاينىڭ 21 - كۈنى

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 - ئاينىڭ 22 - كۈنى تېلېگراممىسى)

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 4 - ئاينىڭ 21 - كۈنى بېيجىڭ پەن - تېخنىكا داشۆسىدىكى پېشقەدەم پىروفېسسورلارغا جاۋاب خەت قايتۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ يۇقىرى ساپالىق ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش، پولات - تۆمۈر كەسپىنىڭ يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشى، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە بولغان سەمىمىي ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  شى جىنپىڭ جاۋاب خېتىدە مۇنداق دېدى: بېيجىڭ پەن - تېخنىكا داشۆسى قۇرۇلغاندىن بۇيان، دۆلىتىمىزنىڭ پولات - تۆمۈر سانائىتى تەرەققىياتىغا پائال تۆھپە قوشتى، مەكتەپ قۇرۇلغانلىقىغا 70 يىل بولغان مۇشۇ پەيتتە، سىلەرنى ھەم پۈتۈن مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار، خىزمەتچىلەر، كەڭ مەكتەپداشلارنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن ۋە سەمىمىي سالام يوللايمەن!

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: مىللەتنىڭ گۈللىنىشى زور بىر تۈركۈم ھەم ئەخلاقلىق، ھەم قابىلىيەتلىك ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈشكە جىددىي ئېھتىياجلىق. سىلەرنىڭ ئىلىم تەتقىق قىلىشتا ئەستايىدىل ۋە ئېھتىياتچان بولۇش، ئۆز مەنپەئىتىدىن كېچىپ باشقىلارغا ياردەم بېرىش روھىنى داۋاملىق ئەۋج ئالدۇرۇپ، خاسلىقتا چىڭ تۇرۇپ، تىرىشىپ ئالدىنقى قاتاردىكى نەتىجىلەرنى يارىتىپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلايدىغان، پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىدىغان غايىلىك، قابىلىيەتلىك، دۆلەتكە ئۆزىنى بېغىشلايدىغان قەيسەر ئىرادىگە ئىگە تېخىمۇ كۆپ يۇقىرى ساپالىق ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈپ، پولات - تۆمۈر كەسپىنىڭ يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشى، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پەن - تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى، ياسىمىچىلىق كۈچلۈك دۆلىتىنىڭ پولات تۈۋرۈكىنى تاۋلاپ چىقىش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن!

  بېيجىڭ پەن - تېخنىكا داشۆسى (ئەسلىدىكى بېيجىڭ پولات - تۆمۈر شۆيۈەنى) 1952 - يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، يېڭى جۇڭگودا قۇرۇلغان تۇنجى پولات - تۆمۈر سانائىتى ئالىي مەكتىپى ھېسابلىنىدۇ. يېقىندا، بېيجىڭ پەن - تېخنىكا داشۆسىدىكى 15 پېشقەدەم پىروفېسسور باش شۇجى شى جىنپىڭغا خەت يېزىپ، مەكتەپنىڭ 70 يىلدىن بۇيانقى تەرەققىيات ئەھۋالىنى دوكلات قىلىپ، دۆلىتىمىز پولات - تۆمۈر كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ يۇقىرى ساپالىق ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش قەتئىي ئىرادىسىنى بىلدۈردى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ