شى جىنپىڭ جۇڭگو خەلق داشۆسىدە تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىپ، جۇڭگو زېمىنىدا يىلتىز تارتىپ، جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە، دۇنيادا بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان داشۆ قۇرۇش يېڭى يولىنى ئېچىش كېرەك

ۋاڭ خۇنىڭ تەكشۈرۈشتە ھەمراھ بولدى

2022.04.27 10:58 مەنبە: خەلق تورى

  4 - ئاينىڭ 25 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ جۇڭگو خەلق داشۆسىگە كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولدى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ لىدې بىناسىنىڭ ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسى ئاقىل سىنىپىدا نەق مەيداندا ئوقۇتۇشنى كۆزدىن كەچۈرمەكتە ھەم مۇزاكىرە قىلىشقا قاتناشماقتا. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جۈ پېڭ فوتوسى

  4 - ئاينىڭ 25 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ جۇڭگو خەلق داشۆسىگە كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولدى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەتلەشمەكتە ھەم مۇھىم سۆز قىلماقتا.شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەنچى فوتوسى

  ■ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت ياشلارنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىدى، جۇڭگو خەلق داشۆسىدىكى بارلىق ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار، خىزمەتچىلەر، پۈتۈن مەملىكەتتىكى كەڭ مائارىپ خىزمەتچىلىرى ۋە ياش خىزمەتچىلەرگە سەمىمىي سالام يوللىدى. شى جىنپىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى كەڭ ياشلارنىڭ پارتىيەنىڭ تەلىمىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشكە ئىرادە باغلاپ، ياشلىق باھارىغا يۈز كېلىپ، دەۋرگە يۈز كېلىپ، خەلقنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماي، ياشلىق باھارىدىكى مۇسابىقە يولىدا جاسارەت بىلەن ئۇچقاندەك ئىلگىرىلەپ، زامانىمىز ياشلىرىنىڭ ئەڭ ياخشى نەتىجىسىنى قولغا كەلتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلدى!

  ■ «كىم ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەش، قانداق ئادەم تەربىيەلەش، ئادەمنى قانداق تەربىيەلەش» باشتىن - ئاخىر مائارىپتىكى تۈپ مەسىلە بولۇپ كەلدى. پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ماركسىزمنىڭ يېتەكچىلىك ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشتىن ئىبارەت تۈپ ۋەزىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىپ، جۇڭگو زېمىنىدا يىلتىز تارتىپ داشۆ باشقۇرۇپ، جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە، دۇنيادا بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان داشۆ قۇرۇش يېڭى يولىنى ئېچىش كېرەك. كەڭ ياشلار سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنىڭ قەتئىي ئېتىقادچىلىرى، ئاكتىپ تارقاتقۇچىلىرى، نەمۇنىلىك بىلەن ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزگۈچىلەردىن بولۇپ، قەھرىمانلاردىن ئۆگىنىپ، پېشقەدەملەردىن ئۆگىنىپ، ئۈلگىلەردىن ئۆگىنىپ، تىرىشىپ مىللەتنى گۈللەندۈرۈش مۇھىم ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئالالايدىغان دەۋر يېڭى كىشىلىرىدىن بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش دەۋر ئېقىنىدا كۆتۈرەڭگۈ روھ، جاسارەت بىلەن باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلىشى كېرەك.

  ■ دۆلىتىمىزنىڭ ئۆزگىچە تارىخى، ئۆزگىچە مەدەنىيىتى، ئۆزگىچە دۆلەت ئەھۋالى بار، جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە، دۇنيادا بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان داشۆ قۇرۇشتا باشقىلارنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ دوراپ ئىش قىلىپ، ئاددىي ھالدا چەت ئەل داشۆلىرىنى ئۆلچەم ۋە ئەندىزە قىلىشقا بولمايدۇ، بەلكى جۇڭگو زېمىنىدا يىلتىز تارتىپ، جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە، دۇنيادا بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان داشۆ قۇرۇش يېڭى يولىنى ئېچىش كېرەك.

  ■ ئالىي مەكتەپلەر دۆلىتىمىزنىڭ پەلسەپە - ئىجتىمائىي پەنلىرىنىڭ «بەش چوڭ قوشۇنى»دىكى مۇھىم كۈچ. ھازىر، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش نەزەرىيەسى ۋە ئەمەلىيىتى جىددىي ھەل قىلىشقا تېگىشلىك نۇرغۇن يېڭى مەسىلىنى كۆرسىتىپ بەردى، دۇنيادا 100 يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگەرمەكتە، دۇنيا يېڭى داۋالغۇش، ئۆزگىرىش ياساش مەزگىلىگە كىردى، «دۇنياغا نېمە بولدى»، «ئىنسانلار قەيەرگە بارىدۇ» دېگەن دەۋر سوئاللىرىغا ياخشى جاۋاب بېرىشكە جىددىي ئېھتىياجلىق. ماركسىزم ئاساسىي قائىدىلىرىنى جۇڭگونىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈش، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، مەۋقەنى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك پۈتۈن ۋەزىيەتكە ۋە دۇنيادا 100 يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىگە قويۇپ، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈشنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىش كېرەك. جۇڭگوچە پەلسەپە - ئىجتىمائىي پەن بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش تېگى - تەكتىدىن ئېيتقاندا، جۇڭگونىڭ ئۆز ئالدىغا بىلىم سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت. جۇڭگونى تەپسىلىي كۆزىتىپ، دەۋرنى تەپسىلىي كۆزىتىپ، مەۋقەنى جۇڭگونىڭ ئەمەلىيىتىگە قويۇپ، جۇڭگودىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ئىجادىي ئايلاندۇرۇش، يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولۇپ، بىلىمدە يېڭىلىق يارىتىش، نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش، ئۇسۇلدا يېڭىلىق يارىتىشنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگوچە پەلسەپە - ئىجتىمائىي پەنلەرنى دۇنيا ئىلىم - پەن ساھەسىدە ھەقىقىي قەد كۆتۈرگۈزۈش كېرەك. پەلسەپە - ئىجتىمائىي پەن خىزمەتچىلىرى يۆنىلىشى ئېنىق، ئېزىمى ھەقىقىي، بىلىمى يۇقىرى، ئەخلاق - پەزىلىتى دۇرۇس بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاڭلىق ھالدا جۇڭگونىڭ سوئالى، دۇنيانىڭ سوئالى، خەلقنىڭ سوئالى، دەۋرنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىشنى ئىلمىي ۋەزىپە قىلىپ، جۇڭگو يولى، جۇڭگونىڭ ئىدارە قىلىنىشى، جۇڭگو ھەقىقىتىنى نامايان قىلىشنى ئىدىيەۋى ئىنتىلىش قىلىپ، پارتىيە ۋە دۆلەتكە مۇناسىۋەتلىك پۈتۈن ۋەزىيەت خاراكتېرلىك، نېگىزلىك، ئاچقۇچلۇق مۇھىم، زور مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىپ ھەل قىلىشتا ھەقىقىي قابىلىيىتىنى نامايان قىلىپ، ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك. پەلسەپە - ئىجتىمائىي پەنلەرنىڭ جۇڭگو مەدەنىيىتى بىلەن چەت ئەل مەدەنىيىتىنى تۇتاشتۇرۇش، مەدەنىيلىك ئالماشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئۆزگىچە رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگو ساداسى، جۇڭگو نەزەرىيەسى، جۇڭگو ئىدىيەسىنى تارقىتىپ، دۇنياغا جۇڭگونى تېخىمۇ ياخشى چۈشەندۈرۈپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

  4 - ماي ياشلار بايرىمى يېتىپ كېلىش پەيتىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 4 - ئاينىڭ 25 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن جۇڭگو خەلق داشۆسىگە كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولدى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. شى جىنپىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت ياشلارنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىدى، جۇڭگو خەلق داشۆسىدىكى بارلىق ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار، خىزمەتچىلەر، پۈتۈن مەملىكەتتىكى كەڭ مائارىپ خىزمەتچىلىرى ۋە ياش خىزمەتچىلەرگە سەمىمىي سالام يوللىدى. شى جىنپىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى كەڭ ياشلارنىڭ پارتىيەنىڭ تەلىمىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشكە ئىرادە باغلاپ، ياشلىق باھارىغا يۈز كېلىپ، دەۋرگە يۈز كېلىپ، خەلقنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماي، ياشلىق باھارىدىكى مۇسابىقە يولىدا جاسارەت بىلەن ئۇچقاندەك ئىلگىرىلەپ، زامانىمىز ياشلىرىنىڭ ئەڭ ياخشى نەتىجىسىنى قولغا كەلتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلدى!

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «كىم ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەش، قانداق ئادەم تەربىيەلەش، ئادەمنى قانداق تەربىيەلەش» باشتىن - ئاخىر مائارىپتىكى تۈپ مەسىلە بولۇپ كەلدى. پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ماركسىزمنىڭ يېتەكچىلىك ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشتىن ئىبارەت تۈپ ۋەزىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىپ، جۇڭگو زېمىنىدا يىلتىز تارتىپ داشۆ باشقۇرۇپ، جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە، دۇنيادا بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان داشۆ قۇرۇش يېڭى يولىنى ئېچىش كېرەك. كەڭ ياشلار سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنىڭ قەتئىي ئېتىقادچىلىرى، ئاكتىپ تارقاتقۇچىلىرى، نەمۇنىلىك بىلەن ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزگۈچىلەردىن بولۇپ، قەھرىمانلاردىن ئۆگىنىپ، پېشقەدەملەردىن ئۆگىنىپ، ئۈلگىلەردىن ئۆگىنىپ، تىرىشىپ مىللەتنى گۈللەندۈرۈش مۇھىم ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئالالايدىغان دەۋر يېڭى كىشىلىرىدىن بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش دەۋر ئېقىنىدا كۆتۈرەڭگۈ روھ، جاسارەت بىلەن باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلىشى كېرەك.

  جۇڭگو خەلق داشۆسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرغان تۇنجى يېڭىچە مۇنتىزىم داشۆ، ئەسلىسى 1937 - يىلى ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ئوتى ئىچىدە بارلىققا كەلگەن شەنبېي گۇڭشۆ، ھەمدە كېيىنكى خۇابېي بىرلەشمە داشۆسى ۋە بېيفاڭ داشۆ، خۇابېي داشۆ بولۇپ، ئۇزاق مەزگىللىك مەكتەپ باشقۇرۇش ئەمەلىيىتىدە، ئادىمىيەت - ئىجتىمائىي پەنلەر ئالىي مائارىپى ۋە ماركسىزم ئوقۇتۇشى ھەم تەتقىقاتىغا ئەھمىيەت بېرىپ، «دۆلىتىمىزنىڭ ئادىمىيەت - ئىجتىمائىي پەنلەر ئالىي مائارىپى ساھەسىدىكى بىر بايراق» دەپ تەرىپلەنگەن.

  چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9دىن 20 مىنۇتلار ئۆتكەندە، شى جىنپىڭ جۇڭگو خەلق داشۆسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جاڭ دۇڭگاڭ، مەكتەپ مۇدىرى ليۇ ۋېينىڭ ھەمراھلىقىدا ئالدى بىلەن لىدې بىناسىغا كېلىپ، ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسى ئاقىل سىنىپىنىڭ نەق مەيدان ئوقۇتۇشىنى كۆزدىن كەچۈردى. شى جىنپىڭ ياش ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ، ئەستايىدىل ئاڭلاپ ھەم مۇزاكىرىگە قاتنىشىپ، مەكتەپنىڭ مەۋقەنى ئۆز ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسى ئوقۇتۇشى ئىسلاھاتىدا يېڭىلىق يارىتىشنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىپ، يۇقىرى، سەر خىل، ئىلغار سەۋىيەلىك ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسى بەرپا قىلىش ئۇسۇلىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسىنىڭ ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشتە تېگىشلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇش - قىلدۇرالماسلىقىدا، ئاچقۇچلۇق بولغىنى ئەھمىيەت بېرىلگەن - بېرىلمىگەنلىكىگە، ماسلاشتۇرۇلغان - ماسلاشتۇرۇلمىغانلىقىغا، ياخشى ئىشلەنگەن - ئىشلەنمىگەنلىكىگە قاراش كېرەك. ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسىنىڭ ماھىيىتى داۋلى سۆزلەش بولۇپ، شەكىل - ئۇسۇلغا ئەھمىيەت بېرىپ، داۋلىنى چوڭقۇر سۆزلەش، ئېنىق سۆزلەش، جانلىق سۆزلەش كېرەك، ئوقۇتقۇچىلار كۆڭۈل قويۇپ ئۆگىتىپ، ئوقۇغۇچىلار كۆڭۈل قويۇپ ئۆزلەشتۈرۈپ، قەلبلەرنى تۇتاشتۇرۇش، ئەقىل - پاراسەتنى ئۇرغۇتۇپ، قەلبلەرنى ئوزۇقلاندۇرۇش، كۈرەش ئىرادىسىنى ئۇرغۇتۇش مەقسىتىگە يېتىش كېرەك. ياشلار، ئۆسمۈرلەرگە بولغان ئىدىيەۋى - سىياسىي تەربىيە بىر داۋاملاشما جەريان بولۇپ، ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى ئوخشاش بولمىغان باسقۇچلارغا قارىتا، ئىدىيەۋى - سىياسىي تەربىيەنى قاراتمىلىق قانات يايدۇرۇش كېرەك. خەلق داشۆسىنىڭ ئۈزلۈكسىز كۈچەپ، بوشاشماي تىرىشىپ، مۇكەممەل يۈكسەكلىككە يېتىپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئالىي مەكتەپ، ئوتتۇرا مەكتەپ، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسى ئوقۇتۇشىنى تېخىمۇ كۆپ «ئالتۇن دەرسلىك» بىلەن تەمىنلىشىنى ئۈمىد قىلدى. شۇنداقلا ھەرقايسى جايلاردىكى ئالىي مەكتەپلەرنىمۇ ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپلەر بىلەن ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسىنى ئورتاق بەرپا قىلىشنى پائال قانات يايدۇرۇپ، ئالىي مەكتەپ، ئوتتۇرا مەكتەپ، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىغا ئورتاق تۈرتكە بولۇشقا ئىلھاملاندۇردى. شى جىنپىڭ ساۋاقداشلارنى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يول ئىشەنچى، نەزەرىيە ئىشەنچى، تۈزۈم ئىشەنچى، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە باتۇرلۇق بىلەن يول ئاچقۇچى ئاۋانگارتلاردىن بولۇش، تىرىشىپ كەسىپ باشلامچىلىرىدىن بولۇشقا رىغبەتلەندۈردى.

  جۇڭگو خەلق داشۆسىنىڭ مەكتەپ تارىخى كۆرگەزمىسى مەكتەپ مۇزېيىدا تەسىس قىلىنغان. شى جىنپىڭ بۇ يەرگە كېلىپ، مەكتەپنىڭ تارىخىي ئۆزگىرىشى، قۇرۇلۇش تەرەققىياتى ۋە يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ئوقۇتۇش، پەن تەتقىقات نەتىجىلىرى قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو خەلق داشۆسى ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ئوتى ئىچىدە دۇنياغا كەلگەن، پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقىدا تەرەققىي قىلىپ زورايغان بولۇپ، شەرەپلىك ئىنقىلابىي ئەنئەنە ۋە روشەن قىزىل گېنغا ئىگە. چوقۇم بۇ شەرەپلىك ئەنئەنە ۋە قىزىل گېنغا ياخشى ۋارىسلىق قىلىپ، پارتىيەنىڭ بۇ مۇھىم بازىسىنى ياخشى ساقلاش كېرەك. مەكتەپ تارىخىغا دائىر ماتېرىياللارنى قېزىش، رەتلەش ۋە تەتقىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، پارتىيەنىڭ خەلق داشۆسىنى قۇرۇش ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، كەڭ ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنى ئېسىل ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىپ، قىزىل تومۇرنى داۋاملاشتۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك.

  مۇزېينىڭ ئالدىدىكى مەيداندا، شى جىنپىڭ پېشقەدەم پىروفېسسورلار، پېشقەدەم مۇتەخەسسىسلەر ۋە ئوتتۇرا ياش، ياش تايانچ ئوقۇتقۇچىلار ۋەكىللىرىنى يوقلىدى ھەم ئۇلار بىلەن سەمىمىي پاراڭلاشتى. پېشقەدەم پىروفېسسورلار، پېشقەدەم مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تېنىنىڭ ساغلام، روھىنىڭ تېتىك ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ شى جىنپىڭ ئىنتايىن خۇشال بولدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو خەلق داشۆسى ئەزەلدىن ئىختىساسلىقلار توپلاشقان، داڭلىق زاتلار جەم بولغان جاي. پېشقەدەم پىروفېسسورلار، پېشقەدەم مۇتەخەسسىسلەر پارتىيەنىڭ مائارىپ ئىشلىرى ئۈچۈن غايەت زور يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلىپ، مۇھىم تۆھپە قوشتى. ئوتتۇرا ياش، ياش ئوقۇتقۇچىلارنىڭ پېشقەدەم پىروفېسسورلار، پېشقەدەم مۇتەخەسسىسلەردىن ئۆگىنىپ، چوڭ ئۇستاز بولۇشقا ئىرادە باغلاپ، ئوقۇتۇش ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش ۋە پەن تەتقىقاتتا يېڭىلىق يارىتىش جەھەتتە ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنى يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: دۇنيادا بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك داشۆ قۇرۇپ، سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى يېتىشتۈرۈشتە، جەزمەن دۇنيادا بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان سەر خىل ئۇستازلار بولۇشى كېرەك. ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىش، بولۇپمۇ ئوتتۇرا ياش، ياش تايانچ ئوقۇتقۇچىلارنى يېتىشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، خەلق داشۆسىنى دۆلىتىمىزنىڭ ئادىمىيەت − ئىجتىمائىي پەن تەتقىقاتى ۋە ئوقۇتۇش ساھەسىدىكى مۇھىم ئىختىساسلىقلار مەركىزى ھەم يېڭىلىق يارىتىش ئېگىزلىكى قىلىپ بەرپا قىلىش كېرەك.

  جۇڭگو خەلق داشۆسى كۇتۇپخانىسى ئادىمىيەت − ئىجتىمائىي پەن ئىلمى ھۆججەت - ئەسەرلىرىنى ساقلاشنى ئاساس قىلغان بولۇپ، 4 مىليون 100 مىڭ پارچىدىن ئارتۇق كىتاب ساقلانغان. شى جىنپىڭ بۇ يەرگە كېلىپ، كۇتۇپخانىدا ساقلىنىۋاتقان قىزىل ھۆججەت - ئەسەرلەر، قەدىمكى كىتابلار مەركەزلىك كۆرگەزمىسىنى كۆزدىن كەچۈردى، زامانىۋى ئىزدەش سۇپىسى ۋە گېزىت - ژۇرنال، ماتېرىياللارنى كۆپەيتىش قاتارلىق رەقەملەشكەن ئىلىم - پەن بايلىقىنى كۆزدىن كەچۈردى، مەكتەپنىڭ ھۆججەت - ئەسەرلەر، قەدىمكى كىتابلارنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنى كۈچەيتىش، نەزەرىيە تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇپ قوللىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق ئەھۋاللار توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشىنى ئاڭلىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: خەلق داشۆسى كۇتۇپخانىسىدا ساقلىنىۋاتقان قىزىل ھۆججەت - ئەسەرلەر پارتىيەمىزنىڭ مۇنتىزىم ئالىي مائارىپ قۇرۇشتىكى جاپالىق مۇساپىسىنى ئىسپاتلاپ بەردى، بۇ ئىنتايىن قىممەتلىك قىزىل ئەسلىمە، كۆڭۈل قويۇپ ياخشى قوغداپ، رەقەملەشتۈرۈشنى تەدرىجىي ئالغا سىلجىتىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىنى تەربىيە قوبۇل قىلىش، ئىلھام ئېلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك. زامانىۋى پەن - تېخنىكا ۋاسىتىسىدىن پايدىلىنىپ، ساقلانغان قەدىمكى كىتابلارنى قوغداش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە ئۇنىڭدىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىشنى كۈچەيتىپ، قەدىمكى كىتابلار ئۆز ئىچىگە ئالغان پەلسەپەۋى ئىدىيە، ئادىمىيەت روھى، قىممەت ئىدىيەسى، ئەخلاق ئۆلچىمىنى چوڭقۇر قېزىپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ ئىجادىي ئايلىنىشى، يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئىلىم - پەن بايلىقى ئامبىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئىلمىي ھۆججەت - ئەسەرلەر ئۇچۇرلىرىنى تارقىتىش، توپلاش، بىرىكتۈرۈش، تەھرىرلەش، كېڭەيتىش، ئورتاق بەھرىلىنىش ئىقتىدارىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە، دۇنيادا بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان ئىلىم - پەن بايلىقى ئۇچۇر سۇپىسى بەرپا قىلىپ، دۆلەتنىڭ مەدەنىيەت يۇمشاق ئەمەلىي كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

  ئارقىدىن شى جىنپىڭ ئەسىر سارىيىنىڭ شىمالىي زالىغا كېلىپ، جۇڭگو خەلق داشۆسىنىڭ ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى. جۇڭگو خەلق داشۆسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جاڭ دۇڭگاڭ، «خەلق مائارىپچىسى» دۆلەت شەرىپى نامىغا ئېرىشكەن گاۋ مىڭشۈەن، ئىقتىساد شۆيۈەنىنىڭ پىروفېسسورى جاۋ فېڭ، ئاخبارات شۆيۈەنىنىڭ دوكتور ئاسپىرانتى جوۋ شياۋخۇي، پەلسەپە شۆيۈەنىنىڭ تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىسى ۋاڭ خەيرۇڭ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ سۆز قىلدى، نەق مەيدان كەيپىياتى ئازادە، قىزغىن بولدى.

  كۆپچىلىكنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: دۆلىتىمىزنىڭ ئۆزگىچە تارىخى، ئۆزگىچە مەدەنىيىتى، ئۆزگىچە دۆلەت ئەھۋالى بار، جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە، دۇنيادا بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان داشۆ قۇرۇشتا باشقىلارنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ دوراپ ئىش قىلىپ، ئاددىي ھالدا چەت ئەل داشۆلىرىنى ئۆلچەم ۋە ئەندىزە قىلىشقا بولمايدۇ، بەلكى جۇڭگو زېمىنىدا يىلتىز تارتىپ، جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە، دۇنيادا بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان داشۆ قۇرۇش يېڭى يولىنى ئېچىش كېرەك. جۇڭگو خەلق داشۆسى شەنبېي گۇڭشۆ قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدىلا «ئىنقىلابنىڭ ئاۋانگارت ئەترىتى»نى يېتىشتۈرۈشنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويغاندىن تارتىپ، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە «دۆلەت قۇرغۇچى مىڭلىغان - ئونمىڭلىغان كادىر»نى يېتىشتۈرۈشنى ئوتتۇرىغا قويۇشقىچە، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يېڭى مەزگىلىدە «خەلق ئۈلگىسى، جەمئىيەت تۈۋرۈكى»نى يېتىشتۈرۈشنى ئوتتۇرىغا قويۇشقىچە، يەنە يېڭى دەۋردە «گۈللىنىش تۈۋرۈكى، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئاۋانگارتى»نى يېتىشتۈرۈشنى ئوتتۇرىغا قويۇشقىچە، باشتىن - ئاخىر ئۆزگەرمىگىنى «پارتىيە ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەش، دۆلەت ئۈچۈن ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش» بولۇپ، «پارتىيە باشقۇرغان داشۆ پارتىيەنى خاتىرجەم قىلىدۇ، خەلقنىڭ داشۆسى خەلقنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويمايدۇ» دېگەن روھىي پەزىلەتنى نامايان قىلدى. جۇڭگو خەلق داشۆسىنىڭ ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش ئېتىقادىنى خەلق داشۆسى ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئاڭلىق ئىنتىلىشىگە ئايلاندۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئالىي مەكتەپلەر دۆلىتىمىزنىڭ پەلسەپە - ئىجتىمائىي پەنلىرىنىڭ «بەش چوڭ قوشۇنى»دىكى مۇھىم كۈچ. ھازىر، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش نەزەرىيەسى ۋە ئەمەلىيىتى جىددىي ھەل قىلىشقا تېگىشلىك نۇرغۇن يېڭى مەسىلىنى كۆرسىتىپ بەردى، دۇنيادا 100 يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگەرمەكتە، دۇنيا يېڭى داۋالغۇش، ئۆزگىرىش ياساش مەزگىلىگە كىردى، «دۇنياغا نېمە بولدى»، «ئىنسانلار قەيەرگە بارىدۇ» دېگەن دەۋر سوئاللىرىغا ياخشى جاۋاب بېرىشكە جىددىي ئېھتىياجلىق. ماركسىزم ئاساسىي قائىدىلىرىنى جۇڭگونىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈش، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، مەۋقەنى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك پۈتۈن ۋەزىيەتكە ۋە دۇنيادا 100 يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىگە قويۇپ، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈشنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىش كېرەك. جۇڭگوچە پەلسەپە - ئىجتىمائىي پەن بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش تېگى - تەكتىدىن ئېيتقاندا، جۇڭگونىڭ ئۆز ئالدىغا بىلىم سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت. جۇڭگونى تەپسىلىي كۆزىتىپ، دەۋرنى تەپسىلىي كۆزىتىپ، مەۋقەنى جۇڭگونىڭ ئەمەلىيىتىگە قويۇپ، جۇڭگودىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ئىجادىي ئايلاندۇرۇش، يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولۇپ، بىلىمدە يېڭىلىق يارىتىش، نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش، ئۇسۇلدا يېڭىلىق يارىتىشنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگوچە پەلسەپە - ئىجتىمائىي پەنلەرنى دۇنيا ئىلىم - پەن ساھەسىدە ھەقىقىي قەد كۆتۈرگۈزۈش كېرەك. پەلسەپە - ئىجتىمائىي پەن خىزمەتچىلىرى يۆنىلىشى ئېنىق، ئېزىمى ھەقىقىي، بىلىمى يۇقىرى، ئەخلاق - پەزىلىتى دۇرۇس بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاڭلىق ھالدا جۇڭگونىڭ سوئالى، دۇنيانىڭ سوئالى، خەلقنىڭ سوئالى، دەۋرنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىشنى ئىلمىي ۋەزىپە قىلىپ، جۇڭگو يولى، جۇڭگونىڭ ئىدارە قىلىنىشى، جۇڭگو ھەقىقىتىنى نامايان قىلىشنى ئىدىيەۋى ئىنتىلىش قىلىپ، پارتىيە ۋە دۆلەتكە مۇناسىۋەتلىك پۈتۈن ۋەزىيەت خاراكتېرلىك، نېگىزلىك، ئاچقۇچلۇق مۇھىم، زور مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىپ ھەل قىلىشتا ھەقىقىي قابىلىيىتىنى نامايان قىلىپ، ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك. پەلسەپە - ئىجتىمائىي پەنلەرنىڭ جۇڭگو مەدەنىيىتى بىلەن چەت ئەل مەدەنىيىتىنى تۇتاشتۇرۇش، مەدەنىيلىك ئالماشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئۆزگىچە رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگو ساداسى، جۇڭگو نەزەرىيەسى، جۇڭگو ئىدىيەسىنى تارقىتىپ، دۇنياغا جۇڭگونى تېخىمۇ ياخشى چۈشەندۈرۈپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ياخشى مەكتەپلەرنىڭ ئالاھىدىلىكى ئوخشاش بولمايدۇ، لېكىن بىر ئورتاق ئالاھىدىلىكى بار بولۇپ، ھەممىسىنىڭ مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى بار. ئوقۇتقۇچىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئوقۇغۇچىلارنى قانداق ئادەم قىلىپ تەربىيەلەپ چىقىشنى ئويلىسا، ئۆزى ئالدى بىلەن شۇنداق ئادەم بولۇشى كېرەك. سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى يېتىشتۈرۈش ئوقۇتقۇچىلىرىمىزنىڭ ھەم كەسپىي بىلىمگە پىششىق، ياخشى «ئىلىم ئۇستازى» بولۇپ، ھەم ئەخلاق - پەزىلەت يېتىلدۈرۈپ، «ئادىمىيلىك ئۇستازى» بولۇپ، تىرىشىپ «داۋلى تارقىتىش، ئىلىم ئۆگىتىش، گۇمانىي مەسىلىلەرنى يېشىش»كە ماھىر «ئىلىم ئۇستازى» بىلەن «ئادىمىيلىك ئۇستازى» بىرىككەن ئۇستازلاردىن بولۇشىنى تەخىرسىز تەلەپ قىلىدۇ. مائارىپ بىر تۈرلۈك «مېھرىبانلىققا تولغان» كەسىپ، مۇھەببەت بولغاندىلا مەسئۇلىيەت بولىدۇ. كەڭ ئوقۇتقۇچىلار تەلەپچان بولۇش بىلەن كۆيۈنۈشنى بىرلەشتۈرۈپ، بىلىمى ئارقىلىق باشقىلارنى ئوزۇقلاندۇرۇپ، كىشىلىك پەزىلەت سېھرىي كۈچى ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ قەلبىنى يېلىنجىتىپ، پەننىي بىلىم ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەقىل - ئىدراكىنى ئېچىپ، ئۆزىنىڭ ئىللىقلىقى ۋە ھېسسىياتىنى ھەربىر ئوقۇغۇچىنىڭ جىسمىغا سىڭدۈرۈپ، ھەربىر ئوقۇغۇچىنى ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشى، ھەربىر بالىنى كىشىلىك ھاياتىنى جۇلالاندۇرۇش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىشى كېرەك. ئوقۇتقۇچىلار سۆزى ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارغا ئۈلگە بولۇش، ھەرىكىتى ئارقىلىق نەمۇنە بولۇش ئاڭلىقلىقىنى يېتىلدۈرۈپ، ئۆزىنىڭ ئەخلاق جەھەتتىن تەربىيەلىنىشىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، نەمۇنىلىك ھەرىكىتى ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارغا تەسىر كۆرسىتىپ ۋە تۈرتكە بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلىم ئىگىلەش، ئىش قىلىش، ئادەم بولۇشتىكى چوڭ ئۇستازى بولۇپ، جەمئىيەتتە ھۆرمەتلىنىدىغان نەمۇنىچىگە، كىشىلەر ئۈلگە ئالىدىغان ئۈلگىگە ئايلىنىشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: مەۋقەنى يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىگە قويۇپ، جۇڭگو ياشلىرىنىڭ كۈرەش قىلىش نىشانى ۋە ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى بىر نۇقتىغا يىغىنچاقلىغاندا، ئۇ دەل قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، تىرىشىپ مىللەتنى گۈللەندۈرۈش مۇھىم ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئالالايدىغان دەۋر يېڭى كىشىلىرىدىن بولۇپ ئۆسۈپ يېتىلىشتىن ئىبارەت. كەڭ ياشلارنىڭ ۋەتەن زېمىنىنى قەدىمى ئارقىلىق ئۆلچەپ، جۇڭگو روھىنى كۆزى بىلەن بايقاپ، خەلقنىڭ ساداسىغا قۇلىقى بىلەن زەن سېلىپ، دەۋرنىڭ تومۇرىنى قەلبى بىلەن ھېس قىلىپ، ۋەتەنگە بولغان قان بىلەن گۆشتەك يېقىن مۇھەببىتى، خەلق بىلەن ھەمنەپەس، تەقدىرداش بولۇش ھېسسىياتىنى ئوقۇتۇشنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈشىنى، كەسىپكە بولغان ئىنتىلىشكە يۇغۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  شى جىنپىڭ مەكتەپتىن ئايرىلىدىغان چاغدا، يولنىڭ ئىككى ياقىسى ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار بىلەن لىق تولغانىدى، كۆپچىلىك ھاياجانلانغان ھالدا باش شۇجىدىن ئەھۋال سورىدى، بىرلىكتە «ياشلىق باھارىمىز پارتىيەگە تەلپۈنىدۇ، خەلقنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويمايمىز»، «گۈللەندۈرۈشنىڭ تۈۋرۈكى، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنىڭ ئاۋانگارتى بولىمىز» دەپ ئۈنلۈك توۋلىدى، شى جىنپىڭ كۆپچىلىككە قول ئىشارىسى قىلىپ ئېھتىرام بىلدۈردى، ئالقىش سادالىرى، تەنتەنە سادالىرى مەكتەپ قورۇسىدا ئۇزاققىچە ياڭرىدى.

  ۋاڭ خۇنىڭ، دىڭ شۆشياڭ ھەم مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ