مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ مەركەز مالىيە ـ ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ 11 ـ قېتىملىق يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ مۇنداق تەكىتلىدى

ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، زامانىۋىلاشقان ئۇل ئەسلىھە سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىش كېرەك

لى كېچياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، خەن جېڭ قاتناشتى

2022.04.28 10:20 مەنبە: خەلق تورى

  ■ ئۇل ئەسلىھە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم تىرىكى، تەرەققىيات بىلەن بىخەتەرلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئۇل ئەسلىھەلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى، قۇرۇلمىسى، ئىقتىدارى ۋە تەرەققىيات ئەندىزىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، زامانىۋىلاشقان ئۇل ئەسلىھە سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىش كېرەك؛ مەركەز مالىيە ـ ئىقتىساد كومىتېتى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىقتىساد خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىشتىكى مۇھىم تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرۇشى بولۇپ، ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلار مەركەز مالىيە ـ ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ روھىنى دەل جايىدا ئۆزلەشتۈرۈپ، تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلارنىڭ پۇختا ئەمەلىيلىشىشى، ياخشى ئەمەلىيلىشىشىگە ئورتاق تۈرتكە بولۇشى كېرەك

  ■ ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، مەسىلە يۆنىلىشى، نىشان يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، سىستېمىلىق پىلانلاپ، ئومۇميۈزلۈك ماسلاشتۇرۇپ، كەمتۈكلۈكلەرنى دەل جايىدا تولۇقلاپ، ئاجىز تۈرلەرنى دەل جايىدا كۈچەيتىپ، ئۇل ئەسلىھەلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى، قۇرۇلمىسى، ئىقتىدارى ۋە تەرەققىيات ئەندىزىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ كۈچىنى ئىشقا سېلىپ، زامانىۋىلاشقان ئۇل ئەسلىھە سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، ئىقتىساد ئۈنۈمى، جەمئىيەت ئۈنۈمى، ئېكولوگىيە ئۈنۈمى، خەۋپسىزلىك ئۈنۈمىنىڭ بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، دۆلەتنىڭ مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەسىگە مۇلازىمەت قىلىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى قوللاپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىش كېرەك. مەۋقەنى يىراق كەلگۈسىگە قويۇپ، ئۇل ئەسلىھە تەرەققىياتىنىڭ دۆلەت زېمىنى بوشلۇقىنى ئېچىش ـ قوغداش، ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە دۆلەتنىڭ مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەسىگە تىرەك بولۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يېڭىچە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئەنئەنىۋى ئۇل ئەسلىھەلەرنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. كەسىپ تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىشقا ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداشقا پايدىلىق بولغان ئۇل ئەسلىھەلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇشتا مۇۋاپىق ئالدىن ئويلىشىش، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئالدىن قۇرۇلۇش قىلىش ئۆلچىمىنى ياخشى ئىگىلەش كېرەك. ئىلمىي پىلانلاپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەۋقەنى پۈتۈن ھاياتلىق دەۋرىيلىكىگە قويۇپ، تۈرلۈك ئۇل ئەسلىھەلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش ـ ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش، ئورتاق قۇرۇش ـ ئورتاق بەھرىلىنىش، ماس ھالدا بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. كۆپ تەرەپتىن قوزغىتىپ، ھۆكۈمەت بىلەن بازار، مەركەز بىلەن يەرلىك، دۆلەت كاپىتالى بىلەن جەمئىيەت كاپىتالىنىڭ كۆپ تەرەپلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى قاتلامغا، تۈرگە ئايرىپ كۈچەيتىش كېرەك. ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىپ، ھەم ئىقتىسادىي ھېساباتنى قىلىپ، ھەم ئۇنىۋېرسال ھېساباتنى قىلىپ، ئۇل ئەسلىھەلەرنىڭ پۈتۈن ھاياتلىق دەۋرىيلىكىدىكى ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك

  ■ تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ئىشنى بىرتۇتاش پىلانلاش، تۆۋەن چەك تەپەككۇرىنى پۇختا تۇرغۇزۇش، ئېغىر، زور خەۋپ ـ خەتەرنى ئالدىن مۆلچەرلەش، ئالدىن سىگنال بېرىش ئىقتىدارىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش كېرەك، ھەقىقىي ئەسقاتىدىغان تاقابىل تۇرۇش لايىھەسى ھەم كونكرېت مەشغۇلات تەدبىرلىرى بولۇشى كېرەك. ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلار مەركەز مالىيە ـ ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ روھىنى دەل جايىدا ئۆزلەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن زىممىگە ئېلىپ، پائال نەتىجە يارىتىپ، تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلارنىڭ پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە، ياخشى ئەمەلىيلىشىشىگە ئورتاق تۈرتكە بولۇشى كېرەك. باھالاش، نازارەت قىلىش ـ يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئۇنىۋېرسال تەڭپۇڭلاشتۇرۇشنى ياخشى ئىشلەپ، مەسىلە بولسا ۋاقتىدا تۈزىتىش كېرەك. ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ ئۈنۈمدارلىقىنى ئاشۇرۇپ، ئەمەلىيەت نەتىجىسى ئارقىلىق ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈنۈمىنى باھالاش كېرەك. بازار كۆزلىمىسىگە ياخشى يېتەكچىلىك قىلىپ، سىياسەت يۆنىلىشى ۋە پىرىنسىپىنى ئېنىق چۈشەندۈرۈپ، بازار ئىشەنچىنى مۇقىملاشتۇرۇش كېرەك. ھەيدەكچىلىك، تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئىز قوغلاپ ئۈنۈمنى سۈرۈشتۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى، مەركەز مالىيە ـ ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شى جىنپىڭ 4 ـ ئاينىڭ 26 ـ كۈنى مەركەز مالىيە ـ ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ 11 ـ قېتىملىق يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش مەسىلىسى مۇھاكىمە قىلىندى، پارتىيە 19 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى مەركەز مالىيە ـ ئىقتىساد كومىتېتى يىغىنلىرىنىڭ تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالى مۇھاكىمە قىلىندى. شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئۇل ئەسلىھە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم تىرىكى، تەرەققىيات بىلەن بىخەتەرلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئۇل ئەسلىھەلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى، قۇرۇلمىسى، ئىقتىدارى ۋە تەرەققىيات ئەندىزىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، زامانىۋىلاشقان ئۇل ئەسلىھە سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىش كېرەك؛ مەركەز مالىيە ـ ئىقتىساد كومىتېتى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىقتىساد خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىشتىكى مۇھىم تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرۇشى بولۇپ، ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلار مەركەز مالىيە ـ ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ روھىنى دەل جايىدا ئۆزلەشتۈرۈپ، تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلارنىڭ پۇختا ئەمەلىيلىشىشى، ياخشى ئەمەلىيلىشىشىگە ئورتاق تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى، مەركەز مالىيە ـ ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لى كېچياڭ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركەز مالىيە ـ ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ۋاڭ خۇنىڭ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، مەركەز مالىيە ـ ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ ئەزاسى خەن جېڭ يىغىنغا قاتناشتى.

  يىغىندا دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى، قاتناش ـ تىرانسپورت مىنىستىرلىقى، تۇرالغۇ ۋە شەھەر ـ يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى، يېزا ئىگىلىكى ـ يېزا مىنىستىرلىقى، سۇچىلىق مىنىستىرلىقى قاتارلىق تارماقلارنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش مەسىلىسى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، پەن ـ تېخنىكا مىنىستىرلىقى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىنىستىرلىقى، يېزا ئىگىلىكى ـ يېزا مىنىستىرلىقى، جىددىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش ـ باشقۇرۇش مىنىستىرلىقى، جۇڭگو خەلق بانكىسى قاتارلىق تارماقلارنىڭ پارتىيە 19 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى مەركەز مالىيە ـ ئىقتىساد كومىتېتى يىغىنلىرىنىڭ تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، دۆلىتىمىز مۇھىم، زور پەن ـ تېخنىكا ئەسلىھەلىرى، سۇچىلىق قۇرۇلۇشى، قاتناش تۈگۈنى، ئۇچۇر ئۇل ئەسلىھەلىرى، دۆلەت ئىستراتېگىيە زاپىسى قاتارلىق جەھەتلەردە دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان بىر تۈركۈم نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئۇل ئەسلىھەلەر ئومۇمىي سەۋىيەسىدە ھالقىش شەكلىدىكى ئۆسۈشنى ئىشقا ئاشۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، جەزمەن شۇنى تونۇپ يېتىش كېرەككى، دۆلىتىمىزنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرىنى دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ۋە خەۋپسىزلىك كاپالىتى ئېھتىياجىغا سېلىشتۇرغاندا يەنىلا ئۇيغۇنلىشالمايۋاتىدۇ، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنى راۋانلاشتۇرۇش، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت قوش ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا مۇھىم، زور ئەھمىيەتكە ئىگە.

  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، مەسىلە يۆنىلىشى، نىشان يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، سىستېمىلىق پىلانلاپ، ئومۇميۈزلۈك ماسلاشتۇرۇپ، كەمتۈكلۈكلەرنى دەل جايىدا تولۇقلاپ، ئاجىز تۈرلەرنى دەل جايىدا كۈچەيتىپ، ئۇل ئەسلىھەلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى، قۇرۇلمىسى، ئىقتىدارى ۋە تەرەققىيات ئەندىزىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ كۈچىنى ئىشقا سېلىپ، زامانىۋىلاشقان ئۇل ئەسلىھە سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، ئىقتىساد ئۈنۈمى، جەمئىيەت ئۈنۈمى، ئېكولوگىيە ئۈنۈمى، خەۋپسىزلىك ئۈنۈمىنىڭ بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، دۆلەتنىڭ مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەسىگە مۇلازىمەت قىلىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى قوللاپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىش كېرەك. مەۋقەنى يىراق كەلگۈسىگە قويۇپ، ئۇل ئەسلىھە تەرەققىياتىنىڭ دۆلەت زېمىنى بوشلۇقىنى ئېچىش ـ قوغداش، ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە دۆلەتنىڭ مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەسىگە تىرەك بولۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يېڭىچە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئەنئەنىۋى ئۇل ئەسلىھەلەرنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. كەسىپ تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىشقا ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداشقا پايدىلىق بولغان ئۇل ئەسلىھەلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇشتا مۇۋاپىق ئالدىن ئويلىشىش، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئالدىن قۇرۇلۇش قىلىش ئۆلچىمىنى ياخشى ئىگىلەش كېرەك. ئىلمىي پىلانلاپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەۋقەنى پۈتۈن ھاياتلىق دەۋرىيلىكىگە قويۇپ، تۈرلۈك ئۇل ئەسلىھەلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش ـ ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش، ئورتاق قۇرۇش ـ ئورتاق بەھرىلىنىش، ماس ھالدا بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. كۆپ تەرەپتىن قوزغىتىپ، ھۆكۈمەت بىلەن بازار، مەركەز بىلەن يەرلىك، دۆلەت كاپىتالى بىلەن جەمئىيەت كاپىتالىنىڭ كۆپ تەرەپلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى قاتلامغا، تۈرگە ئايرىپ كۈچەيتىش كېرەك. ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىپ، ھەم ئىقتىسادىي ھېساباتنى قىلىپ، ھەم ئۇنىۋېرسال ھېساباتنى قىلىپ، ئۇل ئەسلىھەلەرنىڭ پۈتۈن ھاياتلىق دەۋرىيلىكىدىكى ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: قاتناش، ئېنېرگىيە، سۇچىلىق قاتارلىق تور تىپىدىكى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، تورنى بىرلەشتۈرۈش، تورنى تولۇقلاش، زەنجىرنى كۈچەيتىشنى قۇرۇلۇشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىپ، تور ئۈنۈمىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈش كېرەك. دۆلەت ئۇنىۋېرسال ئىستېرېئولۇق قاتناش تورى ئاساسىي رامكىسىنى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، دېڭىز بويى ۋە ئىچكى دەريا پورت سۇ يوللىرى يىرىك پىلانى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ سۇ تىرانسپورت ئەسلىھەلىرى تورىنى ئەلالاشتۇرۇش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. تەقسىملەنمە ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئېلېكتىر تورىنى راۋاجلاندۇرۇپ، بىر تۈركۈم يېڭى تىپتىكى يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق ئېنېرگىيە بازىلىرىنى قۇرۇپ، نېفىت ـ تەبىئىي گاز تۇرۇبا تورىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى تېزلىتىش كېرەك. دۆلەت سۇ تورى ئاساسىي رامكىسى ۋە چوڭ تومۇرىنى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، نۇقتىلىق سۇ مەنبەسى، سۇغىرىش رايونى، كەلكۈن قاچىلاش رايونى قۇرۇلۇشى ۋە زامانىۋى ئۆزگەرتىشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ئۇچۇر، پەن ـ تېخنىكا، ئەشيا ئوبوروتى قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرىدىغان ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يېڭى بىر ئەۋلاد دەرىجىدىن تاشقىرى ھېسابلاش، بۇلۇت ھېسابلاش، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارلىق سۇپا، كەڭ بەلباغلىق ئاساسىي تور قاتارلىق ئەسلىھەلەرنى قۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، مۇھىم، زور پەن ـ تېخنىكا ئۇل ئەسلىھەلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئۇنىۋېرسال قاتناش تۈگۈنى ۋە يىغىش، تارقاقلاشتۇرۇش، توشۇش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، بىر تۈركۈم تارماق لىنىيە ئايرودۇرۇمى، ھەممىباب ئايرودۇرۇم ۋە يۈك تىرانسپورت ئايرودۇرۇمىنى قۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك. شەھەر ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تۇرمۇش بوشلۇقى بەرپا قىلىپ، شەھەر توپى قاتنىشىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، قولايلىق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك شەھەرلەر ئارا تۆمۈريول تورى بەرپا قىلىپ، شەھەر رايونى (شەھەر ئەتراپى) تۆمۈريولى ۋە شەھەر رېلىسلىق قاتنىشىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، شەھەر ئۇنىۋېرسال يول قاتناش سىستېمىسى قۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، يەر ئاستى ئۇنىۋېرسال تۇرۇبا كارىدورى قۇرۇلۇشىنى تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىپ، شەھەرلەرنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، سۇ چىقىرىش، يۇندى ۋە ئەخلەتلەرنى يىغىپ بىر تەرەپ قىلىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش ـ ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئاممىۋى سەھىيە بويىچە جىددىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق يول، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئېلېكتىر مەنبەسى، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئاممىۋى قاتناش قاتارلىق ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. يېزا ئىگىلىكى، يېزا ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئېتىز سۇ ئىنشائاتى ئەسلىھەلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، «تۆت ياخشى يېزا يولى» قۇرۇلۇشىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، يېزىلارنىڭ قاتناش ـ تىرانسپورت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شەھەر ـ يېزىلارنىڭ سوغۇق زەنجىرسىمان ئەشيا ئوبوروتى ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، كۆلەملەشكەن سۇ بىلەن تەمىنلەش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، يېزىلارنىڭ يۇندى ۋە ئەخلەتلەرنى يىغىپ بىر تەرەپ قىلىش ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئۇل ئەسلىھەلەرنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئىنتايىن ئېغىر ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنىڭ تىرەك بولۇش كاپالىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە، مۇھىم، زور ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمى ئورنىتىپ، ھەرقايسى ساھە، ھەرقايسى رايونلارنىڭ ئۇل ئەسلىھە يىرىك پىلانى ۋە قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇپ، يەردىن پايدىلىنىش، دېڭىزدىن پايدىلىنىش، ئېنېرگىيەدىن پايدىلىنىش قاتارلىق بايلىق مۇھىم ئامىل كاپالىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئېھتىياجىغا ماسلىشىپ، ئۇزاق مۇددەتلىك مەبلەغ غەملەش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، مالىيە سېلىنمىسىنى زورايتىپ، دۆلەتنىڭ مۇھىم، زور ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنىڭ مەبلەغ ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى ھالدا مەركەزلىك كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك. ھۆكۈمەت بىلەن جەمئىيەت كاپىتالىنىڭ ھەمكارلىق ئەندىزىسىنى قېلىپلاشتۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئاشكارا يۈرۈشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، جەمئىيەت كاپىتالىنى شەھەر مەمۇرىيىتى ئەسلىھەلىرىگە مەبلەغ سېلىش ۋە ئۇنى يۈرۈشتۈرۈشكە قاتنىشىشقا يېتەكلەش كېرەك. يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلارنى تەتقىق قىلىپ ئېچىشنى زورايتىپ، ئۇل ئەسلىھە تېخنىكىسىدا ئۆز ئالدىغا كونترول قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. كۆلىمى زور بولغان پەن ـ تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرى قوشۇنىنى بەرپا قىلىپ، يۇقىرى ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلار قوشۇنىنى زورايتىپ، زور بىر تۈركۈم كۆزگە كۆرۈنگەن ئىنژېنېرلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: پارتىيە 19 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، مەركەز مالىيە ـ ئىقتىساد كومىتېتى نېگىزگە ۋە يىراق كەلگۈسىگە مۇناسىۋەتلىك بىر تۈركۈم مۇھىم، زور مەسىلىلەرنى چوڭقۇر مۇھاكىمە قىلىپ، ئىستراتېگىيەلىك يېتەكلەش رولىنى جارى قىلدۇردى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىقتىساد خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىشتە، سىياسىي جەھەتتىن يېتەكلەشكە، تۇتقىنى تۇتۇپ ھەممە ئىشلارنى يۈرۈشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاشقا ئەھمىيەت بېرىش، ئىستراتېگىيە ۋە تاكتىكىنى ئىلمىي تۈزۈشكە ئەھمىيەت بېرىش، ئەمەلىيەتتە يېڭىلىق يارىتىشقا، نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشقا ئەھمىيەت بېرىش، كەلگۈسى بىلەن ھازىرنى بىرلەشتۈرۈشكە، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەشكە ئەھمىيەت بېرىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ئىشنى بىرتۇتاش پىلانلاش، تۆۋەن چەك تەپەككۇرىنى پۇختا تۇرغۇزۇش، ئېغىر، زور خەۋپ ـ خەتەرنى ئالدىن مۆلچەرلەش، ئالدىن سىگنال بېرىش ئىقتىدارىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش كېرەك، ھەقىقىي ئەسقاتىدىغان تاقابىل تۇرۇش لايىھەسى ھەم كونكرېت مەشغۇلات تەدبىرلىرى بولۇشى كېرەك. ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلار مەركەز مالىيە ـ ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ روھىنى دەل جايىدا ئۆزلەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن زىممىگە ئېلىپ، پائال نەتىجە يارىتىپ، تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلارنىڭ پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە، ياخشى ئەمەلىيلىشىشىگە ئورتاق تۈرتكە بولۇشى كېرەك. باھالاش، نازارەت قىلىش ـ يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئۇنىۋېرسال تەڭپۇڭلاشتۇرۇشنى ياخشى ئىشلەپ، مەسىلە بولسا ۋاقتىدا تۈزىتىش كېرەك. ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ ئۈنۈمدارلىقىنى ئاشۇرۇپ، ئەمەلىيەت نەتىجىسى ئارقىلىق ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈنۈمىنى باھالاش كېرەك. بازار كۆزلىمىسىگە ياخشى يېتەكچىلىك قىلىپ، سىياسەت يۆنىلىشى ۋە پىرىنسىپىنى ئېنىق چۈشەندۈرۈپ، بازار ئىشەنچىنى مۇقىملاشتۇرۇش كېرەك. ھەيدەكچىلىك، تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئىز قوغلاپ ئۈنۈمنى سۈرۈشتۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.

  مەركەز مالىيە ـ ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى يىغىنغا قاتناشتى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ