مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

قازاقىستان زۇڭتۇڭى تېررورچىلار بىلەن ھەرگىز سۆھبەتلەشمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى

2022.01.10 21:07 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئاينىڭ 10-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شۇ جاي ۋاقتى 1-ئاينىڭ 8-كۈنى سەھەردە، قازاقىستان زۇڭتۇڭى توقايېۋ ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇسىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تېررورچىلار بىلەن ھەرگىز سۆھبەتلەشمەيمىز، زوراۋانلار چوقۇم يوقىتىلىشى كېرەك.

  قازاقىستان زۇڭتۇڭى: تېررورچىلار چوقۇم يوقىتىلىشى كېرەك

  توقايېۋ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئالمۇتاغا ھۇجۇم قىلغان زوراۋانلار ۋە تېررورچىلار ياخشى مەشىقلەندۈرۈلگەن، تەشكىللىنىشى ناھايىتى ئېھتىياتچان بولۇپ، ئالاھىدە مەركەزنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنىدۇ. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى قازاق تىلىدا سۆزلىمەيدۇ، 20 مىڭچە تېررورچى ئالمۇتاغا ئالتە قېتىم ھۇجۇم قوزغىدى.

  قازاقىستان تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، شۇ جاي ۋاقتى 1-ئاينىڭ 7-كۈنى كەچكىچە، قالايمىقانچىلىق تەخمىنەن 200 مىليون دوللار (تەخمىنەن 1 مىليارد 275 مىليون يۈەن) زىيان كەلتۈرۈپ چىقارغان. 10 ۋىلايەتتىكى 848 سودا سۇبيېكتى ۋە 1021 ئەسلىھە زىيانغا ئۇچرىغان، كۆپ قىسمى ئالمۇتادا.

  قازاقىستان قانۇن ئىجرا قىلىش ئاپپاراتى 100 دىن ئارتۇق چەت ئەللىكنى قولغا ئالدى

  قازاقىستان ساقچىلىرىنىڭ 1-ئاينىڭ 8-كۈنىدىكى ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، كەڭ كۆلەملىك قالايمىقانچىلىقتا قانۇن ئىجرا قىلىش ئاپپاراتلىرى قولغا ئالغان ئادەم سانى 4266 گە يەتكەن. بۇنىڭدىن باشقا قازاقىستان ساقچىلىرى ئالمۇتا ئەتراپىدىكى بىر كەنتتە چېگرا سىرتىدىن كەلگەن 100 دىن ئارتۇق ئادەمنى قولغا ئالغان.

  ساقچىلار يەنە جامبۇل ئىشتاتىدىكى بىر مەھەللىدە ئاپتوماتىك مىلتىق ۋە تاپانچا قاتارلىق قوراللارنى ساقلايدىغان قورال ئامبىرىنى بايقىغان. ساقچىلار ئالمۇتادا يەنە ئوق-دورا ئامبىرىنى بايقىغان.

  شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى: قازاقىستاننىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش مەزكۇر رايوننىڭ تىنچلىقى ۋە بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك

  1-ئاينىڭ 7-كۈنى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بايانات ئېلان قىلىپ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: قازاقىستاننىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئىچكى مۇقىملىقى ۋە ئىجتىمائىي ئىناقلىقىنى قوغداش مەزكۇر رايوننىڭ تىنچلىقى ۋە بىخەتەرلىكىدىكى ئاچقۇچلۇق ئامىللارنىڭ بىرى. شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قازاقىستان ۋەزىيىتىنىڭ بالدۇرراق مۇقىم بولۇشىنى، دۆلەت ئىچىدىكى قانۇن، تەرتىپ ۋە ئاممىۋى بىخەتەرلىكنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

  شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ رايوندىكى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئاپپاراتى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئەگەر قازاقىستان ئىلتىماس قىلسا، بۇ ئاپپارات زۆرۈر ياردەم بىلەن تەمىنلەيدۇ.

  قازاقىستان زۇڭتۇڭى: كوللېكتىپ خەۋپسىزلىك شەرتنامىسى تەشكىلاتى تىنچلىق ساقلاش قىسىمى قازاقىستان پايتەختىگە يېتىپ باردى

  كوللېكتىپ خەۋپسىزلىك شەرتنامىسى تەشكىلاتىنىڭ ئاخبارات باش كاتىپى ۋىلادىمىر زاينېتتىنوف 1-ئاينىڭ 7-كۈنى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ تەشكىلات يېقىندا ب د ت، ياۋروپا خەۋپسىزلىك تەشكىلاتى ۋە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا قازاقىستاندا تىنچلىق ساقلاش ھەرىكىتىنى ئىجرا قىلىش ئەھۋالىنى ئۇقتۇردى.

  شۇ جاي ۋاقتى 1-ئاينىڭ 8-كۈنى، قازاقىستان زۇڭتۇڭى ئاخبارات ئىشخانىسى ئېلان قىلغان خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، كوللېكتىپ خەۋپسىزلىك شەرتنامىسى تەشكىلاتىنىڭ تىنچلىق ساقلاش قىسىمى قازاقىستان پايتەختى نۇرسۇلتانغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق ساقلاش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىشقا باشلىغان، بۇنىڭ بىلەن قازاقىستاننىڭ خەۋپسىزلىك قىسىمى ئالمۇتاغا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىشقا ئەۋەتىلگەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ