مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى

مەمۇرىي ئىجازەت ئىشلىرىنى تىزىملىك بويىچە باشقۇرۇش تەدبىرلىرىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش، ھوقۇق يۈرگۈزۈشنى قېلىپلاشتۇرۇش، كارخانىلارغا، خەلققە تېخىمۇ زور قولايلىق يارىتىش ئورۇنلاشتۇرۇلدى؛ كارخانىلارنىڭ ئىناۋەت خەۋپ-خەتىرىنى تۈرگە ئايرىپ باشقۇرۇشنى يولغا قويۇش قارار قىلىنىپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنىڭ تېخىمۇ ئادىل، ئۈنۈملۈك بولۇشىغا تۈرتكە بولۇندى

2022.01.06 19:51 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئاينىڭ 6-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 1-ئاينىڭ 4-كۈنى گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا مەمۇرىي ئىجازەت ئىشلىرىنى تىزىملىك بويىچە باشقۇرۇش تەدبىرلىرىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش، ھوقۇق يۈرگۈزۈشنى قېلىپلاشتۇرۇش، كارخانىلارغا، خەلققە تېخىمۇ زور قولايلىق يارىتىش ئورۇنلاشتۇرۇلدى؛ كارخانىلارنىڭ ئىناۋەت خەۋپ-خەتىرىنى تۈرگە ئايرىپ باشقۇرۇشنى يولغا قويۇش قارار قىلىنىپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنىڭ تېخىمۇ ئادىل، ئۈنۈملۈك بولۇشىغا تۈرتكە بولۇندى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، ئۈنۈملۈك بازار بىلەن ياراملىق ھۆكۈمەتنى تېخىمۇ ياخشى بىرلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بارلىق مەمۇرىي ئىجازەت ئىشلىرىنى تىزىملىككە كىرگۈزۈپ باشقۇرۇش __ تۈزۈم خاراكتېرلىك سودا تەننەرخىنى ئازايتىپ، بازار ئىشەنچىنى كۈچەيتىپ، بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان تىجارەت-سودا مۇھىتى يارىتىپ، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىجادچانلىقىنى تېخىمۇ ئۇرغۇتۇشقا پايدىلىق. يىغىندا «قانۇن، مەمۇرىي نىزام، گوۋۇيۈەن قارار قىلىپ بېكىتكەن مەمۇرىي ئىجازەت ئىشلىرى تىزىملىكى (2022-يىللىق نۇسخىسى)» ماقۇللاندى.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: بىرىنچى، ھەرقايسى ئۆلكە، شەھەر، ناھىيەلەر بۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە شۇ دەرىجىلىك مەمۇرىي ئىجازەت ئىشلىرى تىزىملىكىنى تۈزۈپ بولۇشى، قانۇن بويىچە بېكىتىلگەن مەمۇرىي ئىجازەت ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىنى بۇنىڭ ئىچىگە كىرگۈزۈشى كېرەك. جايلار تىزىملىك تۈزۈشتىكى ئاساسىي ئامىللارنى نىسپىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئوخشاش بىر ئىشنى ئوخشاش بولمىغان رايونلاردا ئوخشاش ئامىل بويىچە باشقۇرۇش، ئوخشاش ئۆلچەم بويىچە بېجىرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. ئومۇمەن يۇقىرى بېكىتكەن، ئۆز رايونىدا يولغا قويۇلىدىغان ئىشلار ۋە ئۇنىڭ ئاساسىي ئامىللىرىنى جايلار شۇ دەرىجىلىك تىزىملىكنى تۈزگەندە بىر دەرىجە يۇقىرى تىزىملىك دائىرىسىدىن ئاشۇرۇۋېتىشكە بولمايدۇ.

  ئىككىنچىدىن، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر ۋە ئۇنىڭ تارماقلىرى مەمۇرىي ئىجازەتنى تىزىملىك بويىچە قاتتىق يولغا قويۇپ، تەرتىپنى ئوچۇق-ئاشكارا قىلىپ، كارخانىلارنىڭ كۆزلىمىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشى كېرەك. تىزىملىك ئىچىدىكى مەمۇرىي ئىجازەتنى يولغا قويۇش قائىدىسىنى بىر-بىرلەپ تۈزۈپ، ئىجازەت شەرتى، ئىلتىماس ماتېرىيالى، تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تەرتىپى، ھەق ئېلىش ئۆلچىمى قاتارلىقلارنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ھەمدە جەمئىيەتكە ئېلان قىلىش لازىم، ئىجرا قىلىش جەريانىدا قوشۇمچە شەرت ياكى چەك قويۇشقا بولمايدۇ. تىزىملىك سىرتىدا مەمۇرىي ئىجازەتنى قانۇنغا خىلاپ تەسىس قىلىش ۋە يولغا قويۇشقا بىردەك بولمايدۇ. تۈرلۈك نامدا شەكلى ئۆزگەرگەن ھالدا تەسىس قىلىنغان مەمۇرىي ئىجازەتنى بىردەك ئېنىقلاپ ھەمدە ئالاقىدار جاۋابكارلارنىڭ جاۋابكارلىقىنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈش لازىم.

  ئۈچىنچى، قانۇن-بەلگىلىمە بويىچە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش لازىم. تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن ئىشلارغا قارىتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سۇبيېكتى، نۇقتىلىق ھالقا، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش قائىدىسى ۋە ئۆلچىمى قاتارلىقلارنى بىر-بىرلەپ ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك. ئاممىۋى بىخەتەرلىك، ئاممىۋى ساغلاملىق ۋە يوشۇرۇن خەۋپ-خەتىرى چوڭ ساھەلەرنى نۇقتىلىق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كېرەك.

  تۆتىنچى، مۇلازىمەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش لازىم. مەمۇرىي ئىجازەتنى يولغا قويۇش داۋامىدا ئۇقتۇرۇپ ۋەدە بېرىش، توپلاشتۇرۇپ مۇلازىمەت قىلىش، بىرلا توردا بېجىرىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى يولغا قويۇپ، كارخانا ۋە ئاممىنىڭ ئىش بېجىرىشىگە تېخىمۇ كۆپ قولايلىق يارىتىپ بېرىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئىناۋەت — بازار ئىگىلىكىنىڭ ئاساسى. سەمىمىي بولۇش، لەۋزىدە تۇرۇش، ئادىل رىقابەتلىشىدىغان بازار مۇھىتى يارىتىش ئۈچۈن كارخانىلارنىڭ ئىناۋەت خەۋپ-خەتىرىنى تۈرگە ئايرىپ باشقۇرۇشنى قانۇن-بەلگىلىمە بويىچە ئالغا سىلجىتىپ، مۇناسىپ ھالدا «ئىككىنى ئىختىيارىي تاللاش، بىرنى ئاشكارىلاش» قاتارلىق ئىلمىي، دەل جايىدا نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، نازارەت قىلىش-باشقۇرۇشنى سەمىمىي تىجارەتچىلەرگە كاشىلا قىلمايدىغان، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان، لەۋزىدە تۇرمىغانلارنى ھەممە يەردە باشقۇرىدىغان قىلىش كېرەك.

  بىرىنچىدىن، كارخانىلارنىڭ ئىناۋەت خەۋپ-خەتىرىنى تۈرگە ئايرىش كۆرسەتكۈچ سىستېمىسىنى ئىلمىي بەرپا قىلىپ، كارخانىلارنى تىزىملاپ رويخەتكە ئېلىش، ئەنگە ئېلىش، مەمۇرىي ئىجازەت بېرىش، مەمۇرىي جازا بېرىش، تىجارەتتىكى نورمالسىزلىق تىزىملىكى ۋە ئېغىر دەرىجىدە لەۋزىدە تۇرمىغان سۇبيېكتلار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈش قاتارلىق ئۇچۇرلارنى ۋاقتىدا توپلاپ، مۇشۇ ئاساستا ئوخشاش مۇئامىلە قىلىش تەلىپى بويىچە، تۈرلۈك مۈلۈكچىلىكتىكى كارخانىلارنىڭ ئىناۋەت خەۋپ-خەتىرىنى تۈرگە ئايرىش كېرەك.

  ئىككىنچى، تۈرگە ئايرىش نەتىجىسىدىن پايدىلىنىپ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، قالايمىقان ئىش قىلىش، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن قانۇن ئىجرا قىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. خەۋپ-خەتىرى تۆۋەن كارخانىلارغا قارىتا قانۇن بويىچە نازارەت قىلىپ ئارىلاپ تەكشۈرۈش نىسبىتى ۋە قېتىم سانىنى مۇۋاپىق تۆۋەنلىتىپ، خەۋپ-خەتىرى يۇقىرى ياكى ناچار خاتىرىسى بار كارخانىلارغا قارىتا قانۇن بويىچە قاراتمىلىقى بولغان ھالدا ئىختىيارىي ئارىلاپ تەكشۈرۈش، نەق مەيداندا تەكشۈرۈش قاتارلىقلارنىڭ سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى، ساغلاملىقى ۋە بىخەتەرلىكىگە چېتىلىدىغان يېمەكلىك-دورا، ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر قاتارلىق ساھەلەردە نۇقتىلىق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، تولۇق زەنجىرلىك نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى يولغا قويۇش كېرەك. يېڭى كەسىپ، يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى ئەندىزىنى ئىلمىي، ئۈنۈملۈك نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، بىخەتەرلىك تۆۋەن چېكىنى قاتتىق ساقلاش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا تەرەققىيات بوشلۇقى قالدۇرۇش كېرەك.

  ئۈچىنچى، خەۋپ-خەتەرنى كۆزىتىش ۋە سىگنال بېرىشنى كۈچەيتىش كېرەك. چوڭ سانلىق مەلۇماتلارنى تەھلىل قىلىش، نۇقتىلىق كۆرسەتكۈچلەرنى كۆزىتىش قاتارلىقلار ئارقىلىق كارخانىلارنىڭ بىنورمال ئەھۋالى ۋە خەۋپ-خەتىرىنى بالدۇرراق بايقاپ، مۇۋاپىق پەيتتە كارخانىلارنى ئەسكەرتىپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئۆتكىلىنى ئالدىغا يۆتكەپ، خەۋپ-خەتەر يوشۇرۇن خەۋپىنى تۈگىتىش كېرەك.

  يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇزاكىرە قىلىندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ