مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ قازاقىستان زۇڭتۇڭى توقايېۋغا ئاغزاكى خەۋەر يوللىدى

2022.01.10 09:37 مەنبە: خەلق تورى

  2022 - يىلى 1 - ئاينىڭ 7 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ قازاقىستان زۇڭتۇڭى توقايېۋغا ئاغزاكى خەۋەر يوللىدى.

  شى جىنپىڭ ئاغزاكى خەۋەردە مۇنداق بىلدۈردى: يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان قازاقىستاندا كەڭ كۆلەمدە توپىلاڭ يۈزبېرىپ، ئېغىر، زور تالاپەت ۋە مال - مۈلۈك زىيىنى كۆرۈلۈپتۇ، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەن سىزدىن سەمىمىي ھال سورايمەن. سىز ھالقىلىق پەيتتە كەسكىن تۈردە كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ، ۋەقەنى تېز سۈرئەتتە تىنچىتىپ، سىياسىيونلارغا خاس مەسئۇلىيەت ۋە مەسئۇلىيەتچانلىق، دۆلەت ۋە خەلققە يۈكسەك مەسئۇل بولۇش مەيدانىڭىزنى نامايان قىلدىڭىز.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو تەرەپ ھەرقانداق كۈچنىڭ قازاقىستاننىڭ مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشىغا، قازاقىستاننىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سېلىشىغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ، ھەرقانداق كۈچنىڭ قازاقىستان خەلقىنىڭ تىنچ تۇرمۇشىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشىغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ، تاشقى كۈچلەرنىڭ قازاقىستاندا قەستەن پاراكەندىچىلىك تۇغدۇرۇشى، «رەڭلىك ئىنقىلاب» قوزغاشقا قۇترىتىشىغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ، جۇڭگو - قازاقىستان دوستلۇقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان، ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىغا توسقۇنلۇق قىلىدىغان ھەرقانداق ئۇرۇنۇشلارغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ. قېرىنداش قوشنا دۆلەت ۋە مەڭگۈلۈك ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھ بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو تەرەپ كۈچىنىڭ يېتىشىچە قازاقىستان تەرەپنى زۆرۈر مەدەت بىلەن تەمىنلەپ، قازاقىستان تەرەپنىڭ قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈشىگە ياردەم بېرىشنى خالايدۇ. مەيلى قانداق خەۋپ - خەتەر ۋە خىرىسلارغا دۇچ كەلسۇن، جۇڭگو ھامان قازاقىستاننىڭ ئىشىنىشكە ئەرزىيدىغان دوستى ۋە تايىنىشقا بولىدىغان ھەمراھى، جۇڭگو خەلقى قازاقىستان خەلقى بىلەن مەڭگۈ بىر سەپتە تۇرىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ