شى جىنپىڭ بېيجىڭدا 2022 ـ يىللىق قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە تەييارلىق كۆرۈش، مۇسابىقە تەييارلىق خىزمىتىنى تەكشۈرگەندە مۇنداق تەكىتلىدى

ئىشەنچنى چىڭىتىپ، غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، تۈرلۈك تەييارلىق خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇپ، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

خەن جېڭ تەكشۈرۈشتە ھەمراھ بولدى

2022.01.07 09:18 مەنبە: خەلق تورى

  ■ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ياخشى ئۆتكۈزۈش بىزنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتكە بەرگەن تەنتەنىلىك ۋەدىمىز. بىرنەچچە يىل تىرىشىش ئارقىلىق، تۈرلۈك تەييارلىق خىزمىتى ئاساسىي جەھەتتىن ئاخىرلاشتى، بىزنىڭ دۇنياغا بىر نۆۋەتلىك ئېسىل، ئالاھىدە، قالتىس ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى كاتتا مەرىكىسىنى تەقدىم قىلىشقا تولۇق ئىشەنچىمىز بار، ئىقتىدارىمىز بار. ئىشەنچنى چىڭىتىپ، روھنى ئۇرغۇتۇپ، غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، تېجەشلىك، بىخەتەر، ئېسىل مۇسابىقە ئۆتكۈزۈش تەلىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەڭ ئاخىرقى باسقۇچتىكى تۈرلۈك مۇسابىقە ئىشلىرىنى تەشكىللەش، مۇسابىقە مۇلازىمىتى، قوماندانلىق قىلىش، ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق تەييارلىق خىزمەتلىرىنى چىڭ تۇتۇپ، ياخشى تۇتۇپ، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

  ■ يېشىل ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش، ھەمبەھرە ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش، ئوچۇق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش، پاك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، پەن ـ تېخنىكىلىق، ئاقىل، يېشىل، تېجەشلىك بولۇش ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك. مەيلى يېڭىدىن سېلىنغان مەيدان ـ ساراي ياكى مەيدان ـ ساراينى ئۆزگەرتىشتە بولسۇن، بىردەك ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىش ۋە تۆۋەن كاربونلۇق ئىشلىتىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، تەنتەربىيە مۇسابىقە ئىشلىرى، ئاممىۋى بەدەن چېنىقتۇرۇش، مەدەنىيەت ـ ئىستىراھەت، كۆرگەزمە قىلىش ـ نامايان قىلىش، ئاممىۋى پاراۋانلىق قاتارلىق كۆپ خىل ئىقتىدارنى بىرلەشتۈرۈش كېرەك. «مۇز لېنتا» لايىھەسى ۋە قۇرۇلۇشىدا بۇ ئىدىيە ناھايىتى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپتۇ. يۈرۈشتۈرۈش ـ باشقۇرۇشقا تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو ئامىلىنى سىڭدۈرۈپ، ئۇنى جۇڭگو مەدەنىيىتىنىڭ ئۆزگىچە سېھرىي كۈچىنى نامايان قىلىدىغان مۇھىم كۆزنەككە ئايلاندۇرۇش، دۆلىتىمىزنىڭ قار ـ مۇز تەنھەرىكىتى تەرەققىياتىنى نامايان قىلىدىغان گۈزەل نام كارتىسىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك

  ■ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئەڭ زور سىناق. يۇقۇمنىڭ تەسىرىدە، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى نەق مەيداندا كۆرۈش ناھايىتى زور چەكلىمىگە ئۇچرايدۇ، ئاخبارات تارقىتىش ئىلگىرىكى نۆۋەتتىكىلەرگە سېلىشتۇرغاندا تېخىمۇ مۇھىم. ئاساسلىق تاراتقۇ مەركىزى تۈرلۈك يۈرۈشتۈرۈش، مۇلازىمەت، كاپالەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ھەم تۈرلۈك ئاخبارات خەۋەرلىرى ۋە يەتكۈزۈش، ئۇلاپ تارقىتىش ئىقتىدارىنىڭ بىخەتەر يۈرۈشۈشىگە كاپالەتلىك قىلىشى، ھەم يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك

  ■ ئۇ دۆلەت ئىچى ـ سىرتىدىكى تاراتقۇلار ۋە مۇخبىرلارنىڭ چوڭقۇر خەۋەر قىلىپ، ھەرقايسى دۆلەت ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئەزىمەتلىرىنىڭ قىزغىنلىق بىلەن جان تىكىپ ئېلىشىش ھېكايىلىرىنى ياخشى سۆزلەپ، جۇڭگونىڭ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە تەييارلىق كۆرۈش ھېكايىلىرىنى ياخشى سۆزلەپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ قىزغىنلىقى، مېھماندوستلۇقى ھەققىدىكى ھېكايىلەرنى ياخشى سۆزلەپ، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى كاتتا مەرىكىسىنى پۈتۈن دۇنياغا ئومۇميۈزلۈك، ئىستېرېئولۇق، جانلىق تارقىتىشىنى ئۈمىد قىلدى

  ■ تەنھەرىكەتچىلەر، تىرېنېرلارنىڭ تاماق، ياتاق، قاتناش، داۋالىنىش، ساغلاملىق، كۆڭۈل ئېچىش قاتارلىق مۇلازىمەت، كاپالەت خىزمىتى ئىنتايىن كونكرېت بولىدۇ. تەنھەرىكەتچىلەر ئويلىغاننى ئويلاپ، تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ ئېھتىياجى بويىچە ئىش كۆرۈپ، تەنھەرىكەتچىلەرنى قولايلىق، تېز، تۈجۈپىلىك، ئىنچىكە مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش، بولۇپمۇ مېيىپ تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ ئالاھىدە ئېھتىياجىغا قارىتا، ئالاقىدار توسالغۇسىز ئەسلىھەلەرنى كۆپەيتىپ تەسىس قىلىش كېرەك. باشقۇرۇش لايىھەسىنى داۋاملىق مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۇلازىمەت تەرتىپىنى ئەلالاشتۇرۇپ، جىددىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، تۈجۈپىلەشكەن، ئىنچىكىلەشكەن باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، بىخەتەر، ئىللىق، ئازادە «تەنھەرىكەتچىلەر ئائىلىسى» بەرپا قىلىش كېرەك. رايونغا، تۈرگە ئايرىپ، يېپىق ھالقىسىمان باشقۇرۇشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەشنى كۈچەيتىش كېرەك

  ■ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈش بىزنىڭ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىشەنچىمىزنى كۈچەيتىپلا قالماي، يەنە دۆلىتىمىز ۋە مىللىتىمىزنىڭ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن كۈچ بېغىشلاشتىن ئىبارەت ئاشكارا، باي ـ قۇدرەتلىك، ئېچىۋېتىلگەن ياخشى ئوبرازىنى نامايان قىلىپ، ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ جۇڭگوغا بولغان چۈشىنىشى ۋە تونۇشىنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق

  ■ بۇ يىللاردا، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، بارغانسېرى كۆپ كىشى قار ـ مۇز تەنھەرىكىتىنى ياخشى كۆرۈپ، «300 مىليون كىشىنىڭ قار ـ مۇز تەنھەرىكىتىگە قاتنىشىشىغا تۈرتكە بولۇش» نىشانى مۇددەتتىن بۇرۇن ئىشقا ئاشۇرۇلدى. تەنتەربىيە كۈچلۈك دۆلىتى، ساغلام جۇڭگو قۇرۇشتا، ئەڭ نېگىزلىك بولغىنى خەلقنىڭ تەن ساپاسىنى كۈچەيتىش، خەلقنىڭ ساغلاملىقىنى كاپالەتلەندۈرۈش. بۇ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشنىڭ مۇھىم بىر تەرىپى. بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈشتىن شەكىللەنگەن قىزغىنلىقتىن تولۇق پايدىلىنىپ، ماھارەت تەنتەربىيەسى بىلەن ئاممىۋى تەنتەربىيەنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ قار ـ مۇز تەنھەرىكىتىنىڭ سىجىل تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

  ■ كۆپچىلىكنىڭ ۋەتەنگە شەرەپ كەلتۈرۈش ئىرادىسى ۋە جاسارىتىنى كۈچەيتىپ، جان تىكىپ ئېلىشىشنى باش ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، جان تىكىپ ئېلىشىشقا جۈرئەت قىلىپ، جان تىكىپ ئېلىشىشقا ماھىر بولۇپ، ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مەيدانىدا يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو تەنھەرىكەتچىلىرىنىڭ روھىي قىياپىتى ۋە ماھارەت سەۋىيەسىنى نامايان قىلىپ، تىرىشىپ ماھارەتتە، ئەخلاقتا، ئۇسلۇبتا ئەڭ ياخشى مېدالنى قولغا كەلتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن

  1 ـ ئاينىڭ 4 ـ كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭدا 2022 ـ يىللىق قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە تەييارلىق كۆرۈش، مۇسابىقە تەييارلىق خىزمىتىنى تەكشۈردى. سۈرەتتە: 1 ـ ئاينىڭ 4 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ دۆلەت تېز تېيىلىش سارىيىدا تەكشۈرۈشتە بولماقتا.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەنچى فوتوسى

  1 ـ ئاينىڭ 4 ـ كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭدا 2022 ـ يىللىق قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە تەييارلىق كۆرۈش، مۇسابىقە تەييارلىق خىزمىتىنى تەكشۈردى. سۈرەتتە: 1 ـ ئاينىڭ 4 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ 7 ـ فېۋرال زاۋۇتى قار ـ مۇز تۈرى مەشىق بازىسىنىڭ مەخسۇس بەدەن ئىقتىدارى مەشىق سارىيىدا، تەنھەرىكەتچىلەر، تىرېنېرلار، مۇلازىمەت، كاپالەت خادىملىرى بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇرماقتا.□

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى يەن يەن فوتوسى

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا بېيجىڭدا 2022 ـ يىللىق قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە تەييارلىق كۆرۈش، مۇسابىقە تەييارلىق خىزمىتىنى تەكشۈرگەندە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ياخشى ئۆتكۈزۈش بىزنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتكە بەرگەن تەنتەنىلىك ۋەدىمىز. بىرنەچچە يىل تىرىشىش ئارقىلىق، تۈرلۈك تەييارلىق خىزمىتى ئاساسىي جەھەتتىن ئاخىرلاشتى، بىزنىڭ دۇنياغا بىر نۆۋەتلىك ئېسىل، ئالاھىدە، قالتىس ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى كاتتا مەرىكىسىنى تەقدىم قىلىشقا تولۇق ئىشەنچىمىز بار، ئىقتىدارىمىز بار. ئىشەنچنى چىڭىتىپ، روھنى ئۇرغۇتۇپ، غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، تېجەشلىك، بىخەتەر، ئېسىل مۇسابىقە ئۆتكۈزۈش تەلىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەڭ ئاخىرقى باسقۇچتىكى تۈرلۈك مۇسابىقە ئىشلىرىنى تەشكىللەش، مۇسابىقە مۇلازىمىتى، قوماندانلىق قىلىش، ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق تەييارلىق خىزمەتلىرىنى چىڭ تۇتۇپ، ياخشى تۇتۇپ، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خەن جېڭ تەكشۈرۈشتە ھەمراھ بولدى.

  1 ـ ئاينىڭ 4 ـ كۈنى، شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، بېيجىڭ شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى سەي چى ۋە شەھەر باشلىقى چېن جىنىڭنىڭ ھەمراھلىقىدا تەنتەربىيە مەيدان ـ سارايلىرى، تاراتقۇ مەركىزى، مەشىق بازىلىرى قاتارلىقلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، تەييارلىق كۆرۈش، مۇسابىقە تەييارلىق ئەھۋالىنى نەق مەيداندا ئىگىلىدى.

  1 ـ ئاينىڭ 4 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ ئالدى بىلەن دۆلەت تېز تېيىلىش سارىيىغا كېلىپ، چوڭ ئېكرانغا بىرلەشتۈرۈپ، مەيدان ـ ساراينى لايىھەلەش ئىدىيەسى، قۇرۇلۇش جەريانى، يۈرۈشۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى. دۆلەت تېز تېيىلىش سارىيى يەنە «مۇز لېنتا» دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇ بېيجىڭ مۇسابىقە رايونىدىكى بەلگە خاراكتېرلىك مەيدان ـ ساراي ۋە يېڭىدىن سېلىنغان بىردىنبىر مۇز ئۈستى مۇسابىقە مەيدان ـ سارىيى، ئاسىيا بويىچە ئەڭ چوڭ پۈتۈنلەي مۇز يۈزلۈك قىلىپ لايىھەلەنگەن بولۇپ، قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مەزگىلىدە چوڭ يولدا تېز تېيىلىش مۇسابىقىسى ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. رەئىس سەھنىسى رايونىدا، شى جىنپىڭ مەيدان ـ ساراينىڭ ئىچكى ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ھەم مۇسابىقە يولىنى تەپسىلىي كۆزدىن كەچۈردى، مەيدان ـ ساراينىڭ مۇسابىقە مەزگىلىدىكى يۈرۈشۈش پىلانى ۋە مۇسابىقىنىڭ مۇلازىمەت، كاپالەت تەييارلىق ئەھۋالىنى سورىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يېشىل ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش، ھەمبەھرە ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش، ئوچۇق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش، پاك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، پەن ـ تېخنىكىلىق، ئاقىل، يېشىل، تېجەشلىك بولۇش ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك. مەيلى يېڭىدىن سېلىنغان مەيدان ـ ساراي ياكى مەيدان ـ ساراينى ئۆزگەرتىشتە بولسۇن، بىردەك ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىش ۋە تۆۋەن كاربونلۇق ئىشلىتىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، تەنتەربىيە مۇسابىقە ئىشلىرى، ئاممىۋى بەدەن چېنىقتۇرۇش، مەدەنىيەت ـ ئىستىراھەت، كۆرگەزمە قىلىش ـ نامايان قىلىش، ئاممىۋى پاراۋانلىق قاتارلىق كۆپ خىل ئىقتىدارنى بىرلەشتۈرۈش كېرەك. «مۇز لېنتا» لايىھەسى ۋە قۇرۇلۇشىدا بۇ ئىدىيە ناھايىتى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپتۇ. يۈرۈشتۈرۈش ـ باشقۇرۇشقا تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو ئامىلىنى سىڭدۈرۈپ، ئۇنى جۇڭگو مەدەنىيىتىنىڭ ئۆزگىچە سېھرىي كۈچىنى نامايان قىلىدىغان مۇھىم كۆزنەككە ئايلاندۇرۇش، دۆلىتىمىزنىڭ قار ـ مۇز تەنھەرىكىتى تەرەققىياتىنى نامايان قىلىدىغان گۈزەل نام كارتىسىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك.

  مەيدان ئىچىدە، تېخنىك خادىملار ۋە مۇز ياساش مەشغۇلات خادىملىرى مۇسابىقە يولىدا سىناق ئېلىپ بېرىۋاتاتتى. شى جىنپىڭ ئېكراندىن سىناق ئەھۋالىنى كۆرۈپ، مۇز ياساش جەريانى ۋە مۇسابىقە يولىنىڭ مۇز يۈزى تېمپېراتۇرىسى قاتارلىقلارنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: مۇز ئۈستى تۈرى ئەسلىھەلىرىنىڭ مۇز ياساش تېخنىكىسىغا بولغان تەلىپى ناھايىتى يۇقىرى. دۆلەت تېز تېيىلىش سارىيىنىڭ قاتتىق دېتالى دۇنيا بويىچە بىرىنچى قاتاردا تۇرۇپلا قالماي، مۇز ياساش تېخنىكىسىمۇ دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان بولۇپ، تۆۋەن كاربونلۇق بولۇش، بۇلغىما قويۇپ بەرمەسلىك ئىشقا ئاشۇرۇلدى. بۇ تۈرنىڭ تېخنىكا توپلاشتۇرۇش ئۈلگە كۆرسىتىش ئېففېكتىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، تېخنىكىنى ئايلاندۇرۇش ۋە كېڭەيتىپ قوللىنىش سالمىقىنى زورايتىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا ئومۇميۈزلۈك يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشكە تۈرتكە بولۇش، كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش ۋە كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇش كېرەك.

  بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئاساسلىق تاراتقۇ مەركىزى دۆلەت تېز تېيىلىش سارىيىغا قوشنا بولۇپ، مۇسابىقە مەزگىلىدە يەر شارى بويىچە رويخەتكە ئالدۇرغان تەكشىلىك تاراتقۇلىرى ۋە ئۇلاپ تارقىتىش سودىگەرلىرىنىڭ خىزمەت باش ئىشتابى قىلىنىدۇ. شى جىنپىڭ ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ ئاساسىي ئاخبارات ئېلان قىلىش زالى، تاراتقۇلار خىزمەت ئۆيى، ئاقىل ئاشخانىغا كىرىپ، بۇ مەركەزنى قۇرۇش يۈرۈشتۈرۈش، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، پۈتۈن جەريانلىق مۇلازىمەت ئەندىزىسى بەرپا قىلىش ھەمدە مۇسابىقە مەزگىلىدىكى ئۇچۇر ئېلان قىلىش، تاراتقۇلارنىڭ يۈرۈشۈشى، يېمەك ـ ئىچمەك مۇلازىمىتى قاتارلىق ئەھۋاللارنى نەق مەيداندا ئىگىلىدى. تاراتقۇلار خىزمەت ئۆيىدە، شى جىنپىڭ تەييارلىق قىلىۋاتقان تاراتقۇ مۇخبىرلىرى بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇردى. ئاقىل ئاشخانىدا، شى جىنپىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق يېمەك ـ ئىچمەك ئۈسكۈنىلىرىنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى، بۇ مەركەزنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى بويىچە نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئاساسلىق تاراتقۇ مەركىزى ئاساسىي ئاخبارات مەركىزى بىلەن خەلقئارا رادىيو مەركىزىنى بىرلەشتۈرۈپ، مۇسابىقە مەزگىلىدىكى مۇلازىمەت ئىقتىدارى ۋە مۇسابىقىدىن كېيىنكى يىغىن ـ كۆرگەزمە ئىقتىدارىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يېشىل ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش، تېجەشلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپتۇ. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئەڭ زور سىناق. يۇقۇمنىڭ تەسىرىدە، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى نەق مەيداندا كۆرۈش ناھايىتى زور چەكلىمىگە ئۇچرايدۇ، ئاخبارات تارقىتىش ئىلگىرىكى نۆۋەتتىكىلەرگە سېلىشتۇرغاندا تېخىمۇ مۇھىم. ئاساسلىق تاراتقۇ مەركىزى تۈرلۈك يۈرۈشتۈرۈش، مۇلازىمەت، كاپالەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ھەم تۈرلۈك ئاخبارات خەۋەرلىرى ۋە يەتكۈزۈش، ئۇلاپ تارقىتىش ئىقتىدارىنىڭ بىخەتەر يۈرۈشۈشىگە كاپالەتلىك قىلىشى، ھەم يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. «قوش يېپىق ھالقىسىمان» باشقۇرۇشنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەيدان ـ سارايلارنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ يۇقۇم يۈزبېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، قانچە ئەقلىي ئىقتىدارلاشقانسېرى مەنبەدىن تىزگىنلەشكە شۇنچە ئەھمىيەت بېرىپ، مۇتلەق نۇقسانسىز بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئۇ دۆلەت ئىچى ـ سىرتىدىكى تاراتقۇلار ۋە مۇخبىرلارنىڭ چوڭقۇر خەۋەر قىلىپ، ھەرقايسى دۆلەت ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئەزىمەتلىرىنىڭ قىزغىنلىق بىلەن جان تىكىپ ئېلىشىش ھېكايىلىرىنى ياخشى سۆزلەپ، جۇڭگونىڭ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە تەييارلىق كۆرۈش ھېكايىلىرىنى ياخشى سۆزلەپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ قىزغىنلىقى، مېھماندوستلۇقى ھەققىدىكى ھېكايىلەرنى ياخشى سۆزلەپ، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى كاتتا مەرىكىسىنى پۈتۈن دۇنياغا ئومۇميۈزلۈك، ئىستېرېئولۇق، جانلىق تارقىتىشىنى ئۈمىد قىلدى.

  ئارقىدىن، شى جىنپىڭ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك كەنتى (قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك كەنتى)دە تەكشۈرۈشتە بولدى. بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك كەنتى (قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك كەنتى) تۇرالغۇ رايونى، مەيدان رايونى، يۈرۈشتۈرۈش رايونىدىن ئىبارەت ئۈچ رايونغا ئايرىلغان بولۇپ، مۇسابىقە مەزگىلىدە ھەرقايسى دۆلەت تەنھەرىكەتچىلىرى ھەم كوماندا بىلەن بىللە كەلگەن ئەمەلدارلارنى 3000دىن ئارتۇق كارىۋات ھەم سودا مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ. مەيدان رايونىدا، شى جىنپىڭ قىشلىق ئولىمپىك كەنتى(قىلشىق مېيىپلەر ئولىمپىك كەنتى)نىڭ قۇرۇلۇش جەريانى، يۈرۈشۈش ئومۇمىي ئەھۋالى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش قاتارلىق ئەھۋاللار توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى، يول بويى كىتاب ـ گېزىت بوتكىسى ۋە ھۆكۈمەت تەرەپ ئالاھىدە ئىجازەت بەرگەن تاۋارلارنى پارچە سېتىش دۇكىنى قاتارلىقلارنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، تۈرلۈك سودا مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرىنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: قىشلىق ئولىمپىك كەنتى قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مۇھىم مەيدان ـ سورۇنى ۋە مۇھىم مىراسى. سىلەر مۇسابىقە مەزگىلىدىكى ئېھتىياج بىلەن مۇسابىقىدىن كېيىنكى پايدىلىنىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، قىشلىق ئولىمپىك كەنتىنى مەڭگۈلۈك ئەسلىھە قىلىپ قۇرۇپ چىقتىڭلار، بۇ جاي مۇسابىقىدىن كېيىن ئىختىساسلىقلار ياتاق بىناسى قىلىنىدۇ، بۇ ئۇسۇل ناھايىتى ياخشى بولۇپ، بېيجىڭنىڭ «قوش ئولىمپىك شەھىرى» بولۇشتەك مەدەنىيەت ئىچكى خاس مەزمۇنىنى بېيىتىشقا پايدىلىق. سىلەر سىخېيۈەن ئىدىيەسى بىلەن قىشلىق ئولىمپىك كەنتىنى لايىھەلەپ قۇرۇپ، بېيجىڭدىن ئىبارەت مىڭ يىللىق قەدىمىي پايتەختنىڭ ھەم قەدىمىيلىككە، ھەم زامانىۋىلىققا ئىگە ئۆزگىچە سېھرىي كۈچىنى نامايان قىلدىڭلار.

  تۇرالغۇ رايونىدا، شى جىنپىڭ ئۇنىۋېرسال داۋالاش ئورنى، مېيىپ تەنھەرىكەتچىلەر تۇرالغۇ ئۆرنەك ئۆيىدە تەكشۈرۈشتە بولدى، قىشلىق ئولىمپىك كەنتى(قىلشىق مېيىپلەر ئولىمپىك كەنتى)نىڭ ئاساسىي داۋالاش مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇرۇش، داۋالاش بويىچە جىددىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش ـ بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، ئىنچىكىلەشكەن مۇلازىمەت، كاپالەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، «تەنھەرىكەتچىلەر ئائىلىسى» بەرپا قىلىش قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى سورىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: تەنھەرىكەتچىلەر، تىرېنېرلارنىڭ تاماق، ياتاق، قاتناش، داۋالىنىش، ساغلاملىق، كۆڭۈل ئېچىش قاتارلىق مۇلازىمەت، كاپالەت خىزمىتى ئىنتايىن كونكرېت بولىدۇ. تەنھەرىكەتچىلەر ئويلىغاننى ئويلاپ، تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ ئېھتىياجى بويىچە ئىش كۆرۈپ، تەنھەرىكەتچىلەرنى قولايلىق، تېز، تۈجۈپىلىك، ئىنچىكە مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش، بولۇپمۇ مېيىپ تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ ئالاھىدە ئېھتىياجىغا قارىتا، ئالاقىدار توسالغۇسىز ئەسلىھەلەرنى كۆپەيتىپ تەسىس قىلىش كېرەك. باشقۇرۇش لايىھەسىنى داۋاملىق مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۇلازىمەت تەرتىپىنى ئەلالاشتۇرۇپ، جىددىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، تۈجۈپىلەشكەن، ئىنچىكىلەشكەن باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، بىخەتەر، ئىللىق، ئازادە «تەنھەرىكەتچىلەر ئائىلىسى» بەرپا قىلىش كېرەك. رايونغا، تۈرگە ئايرىپ، يېپىق ھالقىسىمان باشقۇرۇشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەشنى كۈچەيتىش كېرەك.

  شى جىنپىڭ يۈرۈشتۈرۈش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت، كاپالەت خادىملىرى ۋە پىدائىيلار بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇردى، كۆپچىلىكنىڭ جاپالىق ئەجرىگە رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈش بىزنىڭ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىشەنچىمىزنى كۈچەيتىپلا قالماي، يەنە دۆلىتىمىز ۋە مىللىتىمىزنىڭ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن كۈچ بېغىشلاشتىن ئىبارەت ئاشكارا، باي ـ قۇدرەتلىك، ئېچىۋېتىلگەن ياخشى ئوبرازىنى نامايان قىلىپ، ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ جۇڭگوغا بولغان چۈشىنىشى ۋە تونۇشىنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ پىدائىيلار مۇلازىمەت خىزمىتىگە قاتنىشىش كىشىلىك ھاياتتىكى تېپىلغۇسىز پۇرسەت، كۆپچىلىكنىڭ روھنى ئۇرغۇتۇپ، تولۇق غەيرەتكە كېلىپ، ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىپ، ئورتاق تىرىشىپ، قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مەزگىلىدىكى تۈرلۈك مۇلازىمەت، كاپالەت خىزمىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ مۇسابىقىگە قاتناشقۇچىلىرىغا جۇڭگو خەلقىنىڭ قىزغىن، مېھماندوست ۋە مەدەنىي، ئەدەپلىك ئىكەنلىكىنى تولۇق ھېس قىلدۇرۇشىنى، باھاردەك ئىللىقلىقنى تولۇق ھېس قىلدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى يۈرۈشتۈرۈش قوماندانلىق ئىشتابى ئورۇنلاشتۇرۇش مەركىزىگە كېلىپ، بېيجىڭنىڭ مۇسابىقە ۋاقتىدىكى قوماندانلىق قىلىش، ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە شەھەرنىڭ يۈرۈشۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش، ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشىنى ئاڭلىدى ھەم نەق مەيداندىكى خىزمەتچى خادىملاردىن تاسادىپىي ۋەقەلەرنى جىددىي بىر تەرەپ قىلىش لايىھەسى قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئىگىلىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بىرتۇتاش قوماندانلىق قىلىش، ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىش بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنىڭ ئاچقۇچى. بېيجىڭ، يەنچىڭ، جاڭجياكوۋدىن ئىبارەت ئۈچ مۇسابىقە رايونى ماسلاشتۇرۇش، ماسلىشىش ۋە بىرتۇتاش قوماندانلىق قىلىش، ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، بىر تاختا شاھمات شەكىللەندۈرۈشى كېرەك. بېيجىڭ باش بولۇپ ئومۇمىي جەھەتتىن تۇتۇش ۋەزىپە ـ مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. بىرتۇتاش قوماندانلىق قىلىش، بىرتۇتاش پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرۇش، ئورگانىك جىپسىلاشتۇرۇش، يۈرۈشۈشى راۋان بولۇش، ئىنكاسى تېز بولۇش، كەسكىن بىر تەرەپ قىلىش تۈزۈلمە ـ مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، تۈرلۈك خىزمەت قائىدىسى ۋە تاسادىپىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ئەڭ ئاخىرقى بىر ئايلىق تەييارلىق ۋاقتىنى چىڭ تۇتۇپ، سىناق مانېۋىرىنى كۈچەيتىپ، يوشۇرۇن خەۋپنى تەكشۈرۈپ، يوچۇقلارنى ئېتىپ، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىپ، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  ئورۇنلاشتۇرۇش مەركىزىدىن ئايرىلىپ، شى جىنپىڭ 7 ـ فېۋرال زاۋۇتى قار ـ مۇز تۈرى مەشىق بازىسىغا كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولدى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. بۇ، پەن تەتقىقات، مەشىق بىر گەۋدىلەشكەن دۆلەت قار ـ مۇز تەنھەرىكىتى بىرىكمە تىپلىق بازا بولۇپ، مەيدان ـ ساراي ۋە ئەسلىھە ـ ئۈسكۈنىلەر نۆۋەتتە دۆلەت كوماندىسىنىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى جېڭىگە تەييارلىق قىلىشىغا ئىشلىتىلمەكتە. شى جىنپىڭ ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ ئالتە ئەركىن دەرىجە مەشىق سارىيى، ئۇنىۋېرسال ھاۋا تونېلى سارىيىغا كىرىپ، پولات جازىلىق قار ئاپتوموبىلى قاتارلىق تۈرلەرنىڭ ئالتە ئەركىن دەرىجە مەشىق سىستېمىسىنى يۈرۈشتۈرۈش، تېز مۇز تېيىلىش بويىچە كوللېكتىپ قوغلاپ يېتىشىۋېلىش تۈرىنىڭ ھاۋا تونېلى مەشىق ئەھۋالىنى تەپسىلىي سورىدى، يول بويى دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن تۆت كىشىلىك قار ئاپتوموبىلى، دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن چاڭغىغا موم سۈركەش ئاپتوموبىلى، جىددىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش بويىچە تېببىي قۇتقۇزۇش ـ داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى قاتارلىق ئۈسكۈنە ـ جابدۇقلار كۆرگەزمىسىنى كۆردى، بازا قۇرۇلۇشى ۋە قار ـ مۇز تەنھەرىكىتى ئىلمىي مەشىق سىستېمىسى بەرپا قىلىش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: بۈگۈنكى دۇنيادا، پەن ـ تېخنىكىنىڭ ماھارەت تەنتەربىيەسىدىكى رولى بارغانسېرى گەۋدىلەنمەكتە. تەنتەربىيە كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشتا، جەزمەن يۇقىرى سەۋىيەلىك تەنتەربىيە پەن ـ تېخنىكىسىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى كۈچەيتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. كۆپ پەن، پەن ھالقىغان كۈچلەرنى ئومۇملاشتۇرۇپ، تېخنىكا تەتقىق قىلىپ ئېچىش ۋە تېخنىكىنى ئايلاندۇرۇشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، دۆلىتىمىز ماھارەت تەنتەربىيەسىنىڭ تېخىمۇ زور بۆسۈش ھاسىل قىلىشىنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

  تېز تېيىلىش سارىيىنىڭ 1 ـ قەۋىتىدە، تېز تېيىلىش تەنھەرىكەتچىلىرى كوللېكتىپ قوغلىشىپ يېتىشىۋېلىش مەشىقى ئېلىپ بېرىۋاتاتتى. شى جىنپىڭ تەپسىلىي كۆردى ھەم مەشىققە قاتناشقان تەنھەرىكەتچىلەر، تىرېنېرلاردىن ھال سورىدى، ئۇلارنى جەڭگە ئىلمىي تەييارلىق قىلىپ، باتۇرلۇق بىلەن جان تىكىپ ئېلىشىپ، ئەلا نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئىلھاملاندۇردى. ئارقىدىن، شى جىنپىڭ تېز تېيىلىش سارىيىنىڭ يەر ئاستى 1 ـ قەۋىتىگە بېرىپ، «300 مىليون كىشىنىڭ قار ـ مۇز تەنھەرىكىتىگە قاتنىشىشىغا تۈرتكە بولۇش نەتىجىلىرى كۆرگەزمىسى»نى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، دۆلىتىمىز قار ـ مۇز تەنھەرىكىتىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ يىللاردا، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، بارغانسېرى كۆپ كىشى قار ـ مۇز تەنھەرىكىتىنى ياخشى كۆرۈپ، «300 مىليون كىشىنىڭ قار ـ مۇز تەنھەرىكىتىگە قاتنىشىشىغا تۈرتكە بولۇش» نىشانى مۇددەتتىن بۇرۇن ئىشقا ئاشۇرۇلدى. تەنتەربىيە كۈچلۈك دۆلىتى، ساغلام جۇڭگو قۇرۇشتا، ئەڭ نېگىزلىك بولغىنى خەلقنىڭ تەن ساپاسىنى كۈچەيتىش، خەلقنىڭ ساغلاملىقىنى كاپالەتلەندۈرۈش. بۇ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشنىڭ مۇھىم بىر تەرىپى. بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈشتىن شەكىللەنگەن قىزغىنلىقتىن تولۇق پايدىلىنىپ، ماھارەت تەنتەربىيەسى بىلەن ئاممىۋى تەنتەربىيەنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ قار ـ مۇز تەنھەرىكىتىنىڭ سىجىل تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  شى جىنپىڭ تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، داۋالاش خىزمىتىگە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلدى. بەدەن ئىقتىدارى مەركىزىنىڭ داۋالاش پونكىتىدا، شى جىنپىڭ بازىنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى تۆۋەن تېمپېراتۇرىلىق سوغۇق داۋالاش بۆلمىسى، لەيلىمە بۆلمە قاتارلىق ئۈسكۈنىلەردىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىپ، تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، داۋالاش سەۋىيەسىنى ھەر تەرەپلىمە ئۆستۈرۈش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: 7 ـ فېۋرال زاۋۇتى قار ـ مۇز تۈرى مەشىق بازىسى دۆلىتىمىزنىڭ قار ـ مۇز تەنھەرىكىتى پەن ـ تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىشتەك مۇھىم بۇرچنى زىممىسىگە ئالغان. سىلەرنىڭ بۇرچنى زىممىگە ئېلىپ، باتۇرلۇق بىلەن يۇقىرى پەللىگە ئۆرلەپ، دۆلىتىمىز قار ـ مۇز تەنھەرىكىتىنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

  مەخسۇس بەدەن ئىقتىدارى مەشىق سارىيىدا، تەنھەرىكەتچىلەر، تىرېنېرلار، مۇلازىمەت، كاپالەت خادىملىرى ۋەكىللىرى قىزغىن ئالقىش ياڭرىتىپ باش شۇجىنىڭ كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى. شى جىنپىڭ كۆپچىلىككە قول ئىشارىسى قىلىپ ئېھتىرام بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: يەنە بىر ئايدىن كېيىن، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى باشلىنىدۇ. بۈگۈن يېڭى يىلدىن كېيىن ئىشقا چۈشكەن تۇنجى كۈن، مەن بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تەييارلىق خىزمىتىنى مەخسۇس تېمىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغىلى كەلدىم، ئاساسلىقى كۆپچىلىككە ئىلھام بېرىش، مەدەت بېرىش ئۈچۈن كەلدىم. ساھىبخانا بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىز بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ياخشى ئۆتكۈزۈپلا قالماي، يەنە تىرىشىپ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىمىز كېرەك. كۆپچىلىكنىڭ جەڭگە تەييارلىق قىلىشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئاچقۇچلۇق مەزگىلىنى چىڭ تۇتۇپ، كۆڭۈل قويۇپ مەشىق قىلىپ، ئەڭ ياخشى ماھارەت كۆرسىتىش ھالىتى بىلەن مۇسابىقىنىڭ يېتىپ كېلىشىنى كۈتۈۋېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: كىشىلىك ھاياتتا قانچە قېتىم ئېلىشىش پۇرسىتى كېلىدۇ؟ ئۇزاق مەزگىل تەييارلىق قىلدىڭلار، ئاچقۇچلۇق پەيت كەلدى. كۆپچىلىكنىڭ ۋەتەنگە شەرەپ كەلتۈرۈش ئىرادىسى ۋە جاسارىتىنى كۈچەيتىپ، جان تىكىپ ئېلىشىشنى باش ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، جان تىكىپ ئېلىشىشقا جۈرئەت قىلىپ، جان تىكىپ ئېلىشىشقا ماھىر بولۇپ، ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مەيدانىدا يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو تەنھەرىكەتچىلىرىنىڭ روھىي قىياپىتى ۋە ماھارەت سەۋىيەسىنى نامايان قىلىپ، تىرىشىپ ماھارەتتە، ئەخلاقتا، ئۇسلۇبتا ئەڭ ياخشى مېدالنى قولغا كەلتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن. شى جىنپىڭ كۆپچىلىكنىڭ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈردى، كۆپچىلىك قىزغىن ئالقىش ياڭرىتىپ، يۇقىرى ئاۋازدا «باش شۇجى خاتىرجەم بولۇڭ!» «بىز تەييارلىنىپ بولدۇق!» دەپ توۋلىدى.

  دىڭ شۆشياڭ ھەمدە مەركەز ۋە دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار تەكشۈرۈشتە ھەمراھ بولدى.

  مەنبە: خەلق تورى


  
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ