مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ ئۇكرائىنا زۇڭتۇڭى زېلېنسكى بىلەن جۇڭگو - ئۇكرائىنا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 30 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

2022.01.06 09:13 مەنبە: خەلق تورى

  2022 - يىلى 1 - ئاينىڭ 4 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئۇكرائىنا زۇڭتۇڭى زېلېنسكى بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى تەبرىكلىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 30 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو - ئۇكرائىنا مۇناسىۋىتى باشتىن - ئاخىر ساغلام، مۇقىم تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ساقلاپ كەلدى. ئىككى تەرەپنىڭ سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنىشى چوڭقۇرلىشىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقى مول نەتىجىلىك بولدى، ئادىمىيەت ئالاقىسى كۈنسېرى قويۇقلىشىپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئاشۇردى. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈزبەرگەندىن كېيىن، جۇڭگو بىلەن ئۇكرائىنا ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، قول تۇتۇشۇپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ چوڭقۇر دوستلۇقىنى نامايان قىلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: مەن جۇڭگو - ئۇكرائىنا ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، زۇڭتۇڭ زېلېنسكى بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى پۇرسەت بىلىپ، جۇڭگو - ئۇكرائىنا مۇناسىۋىتى ۋە ئىككى تەرەپنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىدا تېخىمۇ كۆپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە بەخت يارىتىشنى خالايمەن.

  زېلېنسكى مۇنداق بىلدۈردى: 30 يىلدىن بۇيان، ئۇكرائىنا - جۇڭگو مۇناسىۋىتى پائال تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ساقلاپ كەلدى، ئىككى تەرەپنىڭ ھەرقايسى قاتلام - دەرىجىلىكلەر ئالاقىسى قويۇقلىشىپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقى مول نەتىجە - ئۈنۈملۈك بولدى. ئۇكرائىنا تەرەپ ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنىڭ كەڭ ئىستىقبالىغا نىسبەتەن ئىشەنچكە تولغان، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئۇكرائىنا - جۇڭگو ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئالغا قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ