مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىن ئاچتى

​مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى پارتىيە گۇرۇپپىلىرىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى

​جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

2022.01.10 09:15 مەنبە: خەلق تورى

  ■ بىزنىڭ 95 مىليون پارتىيە ئەزاسىغا ئىگە بۇ چوڭ پارتىيەمىزنى، 1 مىليارد 400 مىليوندىن ئارتۇق نوپۇسقا ئىگە بۇ چوڭ دۆلىتىمىزنى ياخشى ئىدارە قىلىشتا، جەزمەن پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە، بولۇپمۇ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخىي خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىمىز، تارىخىي خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشلەرنى ھاسىل قىلىشىمىزدىكى تۈپ سەۋەب بىزنىڭ پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرغانلىقىمىزدا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرغانلىقىمىزدا. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھەر يىلى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى پارتىيە گۇرۇپپىلىرىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ۋە مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلاپ ئۆتۈشى پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قوغداشتا ئۈلگىلىك رولىنى جارى قىلدۇردى، بۇنىڭدا ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇش كېرەك

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى 1 - ئاينىڭ 6 - كۈنى پۈتۈن كۈن يىغىن ئېچىپ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى پارتىيە گۇرۇپپىلىرىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلاپ ئۆتتى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلاپ ئۆتتى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: بىزنىڭ 95 مىليون پارتىيە ئەزاسىغا ئىگە بۇ چوڭ پارتىيەمىزنى، 1 مىليارد 400 مىليوندىن ئارتۇق نوپۇسقا ئىگە بۇ چوڭ دۆلىتىمىزنى ياخشى ئىدارە قىلىشتا، جەزمەن پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە، بولۇپمۇ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخىي خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىمىز، تارىخىي خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشلەرنى ھاسىل قىلىشىمىزدىكى تۈپ سەۋەب بىزنىڭ پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرغانلىقىمىزدا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرغانلىقىمىزدا. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھەر يىلى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى پارتىيە گۇرۇپپىلىرىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ۋە مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلاپ ئۆتۈشى پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قوغداشتا ئۈلگىلىك رولىنى جارى قىلدۇردى، بۇنىڭدا ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق قارالدى: ئۆتكەن بىر يىل پارتىيە ۋە دۆلەت تارىخىدىكى ئابىدىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بىر يىل بولدى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى پارتىيە گۇرۇپپىلىرى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە قىلچە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى پۈتۈن ۋەزىيىتىنى چۆرىدەپ ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، پارتىيە گۇرۇپپىلىرىنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، «14 - بەش يىل»دا ئىشنى ياخشى باشلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇپ، پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن ياخشى مۇھىت يارىتىپ، ھەرقايسى جەھەتلەردىكى خىزمەتلەردە يېڭى نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى.

  يىغىندا مۇنداق قارالدى: ئۆتكەن بىر يىلدا، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما - تەلىپى بويىچە ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇش، پارتىيە ئىچىدىكى نىزام - تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، ئاممىۋى تەشكىلاتلار خىزمىتى ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلار ئىسلاھاتىغا يېتەكچىلىك قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە نۇرغۇن خىزمەتلەرنى ئىشلىدى.

  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: بۇ يىل سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا قاراپ يۈرۈش قىلىش يېڭى مۇساپىسىگە كىرگەن مۇھىم بىر يىل، پارتىيەمىز 20 - قۇرۇلتىيىنى ئاچىدۇ. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى پارتىيە گۇرۇپپىلىرى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى ۋە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ ھەر قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئۆزلەشتۈرۈش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، باشتىن - ئاخىر ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلىشى كېرەك. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك پۈتۈن ۋەزىيەت ۋە دۇنيادا 100 يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى قەلبكە پۈكۈپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىغا تەييارلىق كۆرۈش ۋە ئېچىشنى چىڭ كۆزلەپ دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈپ كۈچەپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، تارىخىي ئىشەنچنى چىڭىتىپ، تارىخىي تەشەببۇسكارلىقنى ساقلاپ، كۈلپەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، كۈرەش قىلىش ماھارىتىنى ئۆستۈرۈپ، چوڭ ۋەزىيەتنى كۆزىتىپ، ئۆزگىرىشكە تاقابىل تۇرۇپ، كەلگۈسىگە نەزەر سېلىپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، مىخ قېقىش روھى بىلەن تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي تەلىپى بويىچە، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە گۇرۇپپىلىرىنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەتنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ھەم ئۇنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنىڭ روھىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە تارىخىي تەجرىبىلەردىن ئۈزلۈكسىز ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ قوبۇل قىلىشقا تەربىيەلەپ، يېتەكلەپ، تولۇپ تاشقان ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى بىلەن جۇشقۇنلۇق ۋە ھاياتىي كۈچنى ئۇرغۇتۇپ، ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسى «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى ۋە مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما - تەلىپىنى چۆرىدەپ، مەۋقەنى ئۆز ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى بېكىتىشكە قويۇپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى تاپشۇرغان تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ياخشى تاماملىشى كېرەك.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ