مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ تاجىكىستان زۇڭتۇڭى راخمان بىلەن جۇڭگو - تاجىكىستان دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 30 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

2022.01.06 09:18 مەنبە: خەلق تورى

  2022 - يىلى 1 - ئاينىڭ 4 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تاجىكىستان زۇڭتۇڭى راخمان بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى تەبرىكلىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 30 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو - تاجىكىستان مۇناسىۋىتى ھالقىما تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تارىختىكى ئەڭ ياخشى سەۋىيەگە يەتتى. بولۇپمۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىككى دۆلەت باشلامچىلىق بىلەن تەرەققىيات ئورتاق گەۋدىسى ۋە خەۋپسىزلىك ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق قۇرۇشنىڭ ئۈلگىسىنى تىكلىدى. ئىككى تەرەپنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئۆزئارا ئىشىنىشى كۈنسېرى چوڭقۇرلاشتى، بىر - بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان مەسىلىلەردە ئۆزئارا قەتئىي قوللىدى، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتلىك ئورتاق قۇرۇش نەتىجىلىرى مول بولدى. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئالدىدا، ئىككى دۆلەت خەلقلىرى بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، ئېغىر كۈنلەردە بىللە بولىدىغان قېرىنداشلىق مېھرىنى نامايان قىلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: مەن جۇڭگو - تاجىكىستان مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، زۇڭتۇڭ راخمان بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى پۇرسەت بىلىپ، جۇڭگو - تاجىكىستان ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ زىچ بولغان جۇڭگو - تاجىكىستان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە بەخت يارىتىشنى خالايمەن.

  راخمان مۇنداق بىلدۈردى: ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى تارىخىدىكى بۇ مۇھىم پەيتتە، مەن سىز ۋە دوستانە جۇڭگو خەلقىنى ئەڭ سەمىمىي تەبرىكلەيمەن ۋە سىلەرگە ئەڭ گۈزەل تىلەك تىلەيمەن. ھازىر، تاجىكىستان - جۇڭگو دوستلۇقى ۋە ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقى سىجىل تەرەققىي قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەسىگە يەتتى ھەم ئىجادىي تەجرىبىلەر توپلاندى. تاجىكىستان - جۇڭگو مۇناسىۋىتى ئۆزئارا پايدا - مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان مۇناسىۋەت بولۇپ، ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستلۇق، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ئۆزئارا ئىشىنىش ئاساسىغا قۇرۇلغان، يۇقىرى سۈپەتلىك يېڭىچە دۆلەتلەر مۇناسىۋىتىدۇر. بىز ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىنىڭ ھازىرقى ھالىتىدىن رازى، تاجىكىستان - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ ئۇزاق كەلگۈسىگە قەدەم تاشلايدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشىنىمىز.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ