مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭگو بىلەن قازاقىستان دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 30 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن

شى جىنپىڭ ئايرىم - ئايرىم ھالدا قازاقىستاننىڭ تۇنجى زۇڭتۇڭى نەزەربايېۋ، زۇڭتۇڭى توقايېۋ بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

2022.01.05 14:43 مەنبە: خەلق تورى

  2022 - يىلى 1 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئايرىم - ئايرىم ھالدا، قازاقىستاننىڭ تۇنجى زۇڭتۇڭى نەزەربايېۋ، زۇڭتۇڭى توقايېۋ بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى تەبرىكلىدى.

  شى جىنپىڭ نەزەربايېۋغا ئەۋەتكەن تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنداق كۆرسەتتى: دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 30 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو - قازاقىستان مۇناسىۋىتى دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، باشتىن - ئاخىر جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىش ۋەزىيىتىنى ساقلاپ، قوشنا دۆلەتلەر ئارا ئىناق قوشنىدارچىلىق، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىشنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلاندى. تۇنجى زۇڭتۇڭ نەزەربايېۋ قەتئىي تۈردە جۇڭگوغا قارىتا دوستانە سىياسەتنى يولغا قويۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن قالتىس تۆھپە قوشتى، مەن بۇنىڭغا يۈكسەك باھا بېرىمەن.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تۇنجى زۇڭتۇڭ نەزەربايېۋ مېنىڭ قەدىناس دوستۇم، مەن تۇنجى زۇڭتۇڭ نەزەربايېۋ بىلەن ئورناتقان ياخشى خىزمەت مۇناسىۋىتى ۋە چوڭقۇر شەخسىي دوستلۇقنى قەدىرلەيمەن. مەن جۇڭگو - قازاقىستان مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، تۇنجى زۇڭتۇڭ نەزەربايېۋ بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، جۇڭگو - قازاقىستان مەڭگۈلۈك ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن ئۇزاققىچە داۋاملىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە بەخت يارىتىشنى خالايمەن.

  شى جىنپىڭ توقايېۋغا يوللىغان تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن قازاقىستان ئۆزئارا دوست قوشنا دۆلەتلەر ۋە مەڭگۈلۈك ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلار. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 30 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى باشتىن - ئاخىر يۇقىرى سەۋىيەدە يۈرۈشۈشنى ساقلاپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىش ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىپ، ھەرقايسى قاتلام - دەرىجىلىكلەر ئالاقىسى كۈنسېرى قويۇقلىشىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش ھەمكارلىقىدا مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە ئەمەلىي نەپ يەتكۈزۈلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو تەرەپ ئىلگىرىكىدەكلا قازاقىستاننىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولىدا مېڭىشىنى قوللايدۇ. مەن جۇڭگو - قازاقىستان مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، زۇڭتۇڭ توقايېۋ بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقنىڭ 30 يىللىقىنى پۇرسەت بىلىپ، جۇڭگو - قازاقىستان ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى مۇستەھكەملەپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئۇدۇللىشىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو - قازاقىستان مەڭگۈلۈك ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى يەنە يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە بەخت يارىتىشنى خالايمەن.

  نەزەربايېۋ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو قازاقىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى ئەڭ بالدۇر ئېتىراپ قىلغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى. ئىككى تەرەپ ئۆزئارا ئىشىنىش ۋە ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش ئاساسىدا، قازاقىستان - جۇڭگو مەڭگۈلۈك ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ئورناتتى. قازاقىستان تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، قازاقىستان بىلەن جۇڭگونىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىدا تېخىمۇ زور تەرەققىياتلارنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

  توقايېۋ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 30 يىلدىن بۇيان، قازاقىستان بىلەن جۇڭگو خەلقئارا جەمئىيەت ئۈچۈن دۆلەتلەر ئارا مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ئۈلگە تىكلەپ، ياۋروپا - ئاسىيا رايونىنىڭ مۇقىملىقى، گۈللىنىشىدىكى مۇھىم ئامىلغا ئايلاندى. ئىككى تەرەپ تارىختىن قېپقالغان چېگرا مەسىلىسىنى ئۈزۈل - كېسىل ھەل قىلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق چېگراسىنى قازاقىستان - جۇڭگو دوستلۇقى ۋە ئىتتىپاقلىقىنىڭ كۆۋرۈكىگە ئايلاندۇردى. مەن سىز بىلەن بىرلىكتە، قازاقىستان - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى خالايمەن.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ