مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش يېڭى يىللىق چاي سۆھبىتى ئۆتكۈزدى

2022.01.04 09:30 مەنبە: خەلق تورى

  شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى

  لى كېچياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن قاتناشتى ۋاڭ ياڭ رىياسەتچىلىك قىلدى

  2021- يىلى 12 - ئاينىڭ 31 - كۈنى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش بېيجىڭدا يېڭى يىللىق چاي سۆھبىتى ئۆتكۈزدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ چاي سۆھبىتىدە مۇھىم سۆز قىلدى.



  2021- يىلى 12 - ئاينىڭ 31 - كۈنى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش بېيجىڭدا يېڭى يىللىق چاي سۆھبىتى ئۆتكۈزدى. پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىدىن شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن چاي سۆھبىتىگە قاتناشتى ھەم سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆردى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى يەن يەن فوتوسى


  جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى مەملىكەتلىك كومىتېتى 12 - ئاينىڭ 31 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش زالىدا يېڭى يىللىق چاي سۆھبىتى ئۆتكۈزدى. پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىدىن شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن قاتارلىقلار ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە پارتىيەسىز - گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىللىرى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ مەسئۇللىرى ھەمدە پايتەختتىكى ھەر مىللەت، ھەر ساھە زاتلار ۋەكىللىرى بىلەن خۇشال - خۇرام بىر يەرگە جەم بولۇپ، 2022 - يىللىق يېڭى يىلنى بىرلىكتە كۈتۈۋالدى.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ چاي سۆھبىتىدە مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: 2022 - يىلى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 20 - قۇرۇلتىيىنى ئاچىدۇ. بۇ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىدىكى بىر چوڭ ئىش. بىز تارىخىي تەشەببۇسكارلىق روھىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، ۋەزىيەتكە تايىنىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىشنىڭ يېڭى ئىمتىھانغا بېرىش يولىدا ياخشى مېڭىشىمىز ھەم بۇنىڭ ئۈچۈن تېخىمۇ مۈشكۈل، تېخىمۇ جاپالىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، تەكشى، مۇقىم، ساغلام بولغان ئىقتىسادىي مۇھىت، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي مۇھىت، دۆلەت تىنچ - ئامان، خەلق خاتىرجەم بولغان جەمئىيەت مۇھىتىنى كۈچەپ ساقلاپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز بىلەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىشىمىز كېرەك.

  شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار، سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە پارتىيەسىز - گۇرۇھسىز زاتلار، ھەرقايسى خەلق تەشكىلاتلىرىغا، پۈتۈن مەملىكەتتىكى كەڭ ئىشچىلار، دېھقانلار، زىيالىيلار، كادىرلار ۋە ھەر ساھەدىكى زاتلارغا، خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى كوماندىر - جەڭچىلىرى، قوراللىق ساقچى قىسىمدىكى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر، جامائەت خەۋپسىزلىكى كادىر - ساقچىلىرى ۋە ئوت ئۆچۈرۈش - قۇتقۇزۇش خادىملىرىغا، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى قېرىنداشلار، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى قېرىنداشلار، تەيۋەنلىك قېرىنداشلار ۋە مەملىكەت سىرتىدىكى چياۋمىن قېرىنداشلارغا، جۇڭگونىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ۋە مەدەت بېرىۋاتقان ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى دوستلارغا بايراملىق سالام يوللىدى ۋە سەمىمىي بەخت تىلىدى، كۆپچىلىكنىڭ يېڭى يىلىنى مۇبارەكلىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: 2021 - يىلى مەيلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى تارىخىدا بولسۇن، ياكى جۇڭخۇا مىللىتى تارىخىدا بولسۇن، ئوخشاشلا ئابىدىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بىر يىل بولدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 100 يىللىق تۇغۇلغان كۈنىنى كۈتۈۋالدى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 3 - تارىخىي قارارى ماقۇللاندى، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانى غەلىبىلىك ئىشقا ئاشۇرۇلدى، جۇڭخۇا زېمىنىدا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىلىپ، مۇتلەق نامراتلىق مەسىلىسى تارىخىي خاراكتېرلىك ھەل قىلىندى، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىش، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا يۈرۈش قىلىشنىڭ يېڭى مۇساپىسى باشلاندى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: 2021 - يىلى، مۇرەككەپ، چىگىچ، كەسكىن خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە دۆلەت ئىچىدىكى مۈشكۈل، ئېغىر ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋەزىپىسى ئالدىدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، 100 يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى ۋە ئەسىر يۇقۇمىغا سالماق تاقابىل تۇردى، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشتا يېڭى قەدەم تاشلاندى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا يېڭى نەتىجە - ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى، دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك پەن - تېخنىكا كۈچى تېز زورايدى، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كۈچلۈك، ئۈنۈملۈك بولدى، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى سىجىل ئالغا سىلجىتىلدى، كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ۋە ئاپەتتىن كېيىنكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇش خىزمىتى قەتئىي، كۈچلۈك بولدى، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى تېز ئالغا سىلجىتىلدى، پۈتكۈل جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسى داۋاملىق تەرەققىي قىلدى، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ نەتىجە - ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇلدى، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتە پۈتۈن يەر شارى بويىچە ئالدىنقى ئورۇننى ساقلىدى، «14 - بەش يىل»دا ئىشنى ياخشى باشلاش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. بىز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتتۇق، مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى ئورۇنلاشتۇرغان 50 نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ۋە باشقا 61 ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئاساسىي جەھەتتىن تاماملاندى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى ئالاقىدار تارماقلار يەنە 105 ئىسلاھات ۋەزىپىسىنى تاماملىدى، ھەرقايسى تەرەپلەر 216 ئىسلاھات لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، پارتىيەمىز قۇرۇلغانلىقىغا 100 يىل بولغاندا ھەرقايسى جەھەتتىكى تۈزۈملەرنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش، تېخىمۇ مۇقىملاشتۇرۇش جەھەتتە كۆرۈنەرلىك نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇردى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: 2021 - يىلى، بىز «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم» فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، «شياڭگاڭنى ۋەتەنپەرۋەرلەر ئىدارە قىلىش»، «ئاۋمېننى ۋەتەنپەرۋەرلەر ئىدارە قىلىش» تۈپ پىرىنسىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلىشىنى قوللاپ، شياڭگاڭنىڭ قالايمىقانچىلىقتىن تۈزىلىشكە ئۆزگىرىشى، يېڭىباشتىن توغرا يولغا قايتىشىنى قوللاپ ۋە ئۇنىڭغا تۈرتكە بولۇپ، ئاۋمېننىڭ گۈللىنىشى، مۇقىملىقىنى ساقلىدۇق. بىز بىر جۇڭگو پىرىنسىپى ۋە «92 - يىل ئورتاق تونۇشى»دا چىڭ تۇرۇپ، «مۇستەقىللىق»قا قارشى تۇرۇپ، بىرلىككە كېلىش ۋەزىيىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى كۈچەيتىپ، تاشقى خىرىسقا كۈچلۈك تاقابىل تۇرۇپ، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردۇق. بىز ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىللىكنى تەشەببۇس قىلىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ۋاكسىنىنى يەر شارىۋى ئاممىۋى مەھسۇلات قىلىش ۋەدىمىزنى ئادا قىلىپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى كۈچلۈك قوغداپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشتۇق!

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: 2021 - يىلى، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىتتىپاقلىق ۋە دېموكراتىيەدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ باش تېمىدا چىڭ تۇرۇپ، مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتلىرىنىڭ تۈرلۈك قۇرۇلۇشلىرىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىدىيەۋى - سىياسىي يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ تارىخىنى مۇھىم نۇقتا قىلغان «تۆت تارىخ» تەربىيەسىنى ئەستايىدىل قانات يايدۇرۇپ، «14 - بەش يىل»دا ئىشنى ياخشى باشلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى چۆرىدەپ، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى كېڭىشىش ۋە دېموكراتىك نازارەت قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جەمئىيەت ئەھۋالى، خەلق رايىنى پائال ئەكس ئەتتۈرۈپ، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىپ، شىنخەي ئىنقىلابىنىڭ 110 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىنى ئۆتكۈزۈپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشتى. يېڭى بىر يىلدا، بىز جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى كۆپ پارتىيە ھەمكارلىقى ۋە سىياسىي جەھەتتە كېڭىشىش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەڭ كەڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك بىرلىك سېپىنى مۇستەھكەملەپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەركەز سىياسىي كېڭەش خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، چوڭ ۋەزىيەتنى چۆرىدەپ چارە - تەدبىر كۆرسىتىپ، خەلق قەلبى ۋە خەلق رايىنى ئىگىلەپ، ئورتاق تونۇشنى تېخىمۇ ياخشى مۇجەسسەملەپ، تىرىشىپ پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ نىشان - ۋەزىپىلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئەقىل - پاراسىتىمىز ۋە كۈچىمىزنى كەڭ توپلىشىمىز كېرەك.

  شى جىنپىڭ ئاخىرىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: كۈچ ئىتتىپاقلىقتىن كېلىدۇ، بەخت كۈرەش قىلىشتىن كېلىدۇ. ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش − بۇ، 100 يىلدىن بۇيان جۇڭگو كوممۇنىستلىرى، جۇڭگو خەلقى، جۇڭخۇا مىللىتى تاۋلاپ بارلىققا كەلتۈرگەن قىممەتلىك مەنىۋى پەزىلەت. بىز غايە - ئېتىقاد بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىپ، ھەممە بىر نىيەتتە بولىدىغان ئۇلۇغ كۈچنى مۇجەسسەملەپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان قەتئىيلىكنى ساقلاپ، جەسۇر قىياپەتنى نامايان قىلىپ، تىرىشىپ يېڭى، تېخىمۇ ئۇلۇغ غەلىبە ۋە شان - شەرەپنى قولغا كەلتۈرەيلى.

  چاي سۆھبىتىگە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ رىياسەتچىلىك قىلدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى كۆپ پارتىيە ھەمكارلىقى ۋە سىياسىي جەھەتتە كېڭىشىش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەڭ كەڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك بىرلىك سېپىنى مۇستەھكەملەپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ نىشان - ۋەزىپىلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى زىچ چۆرىدەپ، ئۈنۈملۈك چارە - تەدبىر كۆرسىتىپ، ئورتاق تونۇشنى تېخىمۇ ياخشى مۇجەسسەملەپ، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بولۇپ، جاسارەتلىك - ياراملىق بولۇپ، مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتى بولغان خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسىدىكى رولى ۋە ئۈنۈم ئىقتىدارىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىش كېرەك.

  مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى گاۋ يۈنلۇڭ ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە پارتىيەسىز - گۇرۇھسىز زاتلارغا ۋاكالىتەن سۆز قىلىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، يېڭى دەۋردە ھەمكارلىشىپ، يېڭى مۇساپىدە قول تۇتۇشۇپ، يېڭى تەرەققىياتنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقنى تېخىمۇ بەختلىك گۈزەل تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  چاي سۆھبىتىدە مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزالىرى ۋە ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمەتچىلىرى ئېسىل نومۇرلارنى ئورۇنلىدى، يىغىن مەيدانى خۇشال - خۇرام، قىزغىن كەيپىياتقا چۆمدى.

  بېيجىڭدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزالىرى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىلىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەندىكى قىسمەن رەھبىرىي يولداشلار، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشتىكى رەھبىرىي يولداشلار ۋە ئىلگىرى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن بېيجىڭدىكى پېشقەدەم يولداشلار چاي سۆھبىتىگە قاتناشتى.

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ