مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«شى جىنپىڭ سۆزلىگەن پارتىيە تارىخى ھېكايىلىرى» ناملىق كىتاب نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى

2022.01.04 08:32 مەنبە: خەلق تورى

  «شى جىنپىڭ سۆزلىگەن پارتىيە تارىخى ھېكايىلىرى» ناملىق كىتاب يېقىندا خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى. بۇ كىتابتا باش شۇجى شى جىنپىڭ بايان قىلغان 80 پارچىدىن ئارتۇق پارتىيە تارىخى ھېكايىسى ئىنچىكە تاللىنىپ، چوڭقۇر مەزمۇنلۇق، چۈشىنىشلىك قىلىپ يېشىپ چۈشەندۈرۈلدى ۋە شەرھلەپ چۈشەندۈرۈلگەن.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، پارتىيەنىڭ ھېكايىسى، ئىنقىلاب قىلىش ھېكايىسى، تايانچ بازىنىڭ ھېكايىسى، قەھرىمانلار ۋە ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، ئىنقىلابىي ئەنئەنە تەربىيەسى، ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى، ياشلار، ئۆسمۈرلەرگە بولغان ئىدىيەۋى ئەخلاق تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، قىزىل گېنغا ياخشى ۋارىسلىق قىلىپ، قىزىل ھاكىمىيەتنىڭ مەڭگۈ ئۆزگەرمەسلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. «شى جىنپىڭ سۆزلىگەن پارتىيە تارىخى ھېكايىلىرى»گە كىرگۈزۈلگەن ھېكايىلەرنىڭ مەزمۇنى كىشىنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈرىدىغان، ئىدىيەسى مول ۋە چوڭقۇر، تىلى ئاممىباب ۋە چۈشىنىشلىك بولۇپ، پارتىيەنىڭ جۇڭگو خەلقىنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنى گۈللەندۈرۈشتىكى كۈرەش ئىزى چىڭ ئىگىلىنىپ، جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئۆزگىچە قىممەت ئىنتىلىشى نامايان قىلىنىپ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ نەزەرىيە بىلەن ئەمەلىيەتنى بىرلەشتۈرۈش ئاساسىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى نېمە ئۈچۈن قابىل، ماركسىزم نېمە ئۈچۈن يارايدۇ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نېمە ئۈچۈن ياخشى ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر چۈشىنىشىگە ياردەم بېرىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ