مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«ئىزدىنىش» ژۇرنىلىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ئېلان قىلىندى

​تارىخنى ئەينەك قىلىپ، كەلگۈسىنى يارىتىش، باش چۆكۈرۈپ جاپاغا چىداپ ئىشلەپ، باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەش كېرەك

2022.01.04 09:40 مەنبە: خەلق تورى

  2022 - يىلى 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنى نەشردىن چىققان «ئىزدىنىش» ژۇرنىلىنىڭ بۇ يىللىق 1 - سانىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ 2 - قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىدا قىلغان «تارىخنى ئەينەك قىلىپ، كەلگۈسىنى يارىتىش، باش چۆكۈرۈپ جاپاغا چىداپ ئىشلەپ، باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەش كېرەك» ناملىق مۇھىم سۆزى ئېلان قىلىندى.

  سۆزدە مۇنداق تەكىتلەندى: پارتىيەمىزنىڭ قۇرۇلغانلىقىغا 100 يىل بولغان پەيتتە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىر قېتىملىق ئومۇمىي يىغىن ئېچىپ، پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە تارىخىي تەجرىبىلەرنى ئومۇميۈزلۈك خۇلاسىلەشنى قارار قىلدى، بۇ، تەنتەنىلىك ئىستراتېگىيەلىك تەدبىر بولۇپ، پارتىيەمىزنىڭ تارىخىي قانۇنىيەتتىن پايدىلىنىشقا ئەھمىيەت بېرىش ۋە ماھىر بولۇشتەك يۈكسەك سىياسىي ئاڭلىقلىقىنى نامايان قىلدى، پارتىيەمىزنىڭ ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ كېيىنكىلەرگە يول ئېچىشتەك ئىشەنچى ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقىنى نامايان قىلدى. بۇ قېتىمقى ئومۇمىي يىغىن «قارار»ى پارتىيە چىقارغان ئالدىنقى ئىككى تارىخىي قارارغا ئوخشاش، مۇقەررەر ھالدا پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىرادىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ھەرىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، تارىخنى ئەينەك قىلىپ، كەلگۈسىنى يارىتىش، باش چۆكۈرۈپ جاپاغا چىداپ ئىشلەپ، باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا تېخىمۇ ياخشى چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا مۇھىم، زور ھەم چوڭقۇر، ئۇزاق تەسىر كۆرسىتىدۇ.

  سۆزدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئومۇمىي يىغىن روھىنى ئۆگىنىشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە تارىخىي تەجرىبىلەرنى خۇلاسىلەشنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇش، پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى چوڭقۇر تونۇش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى دەۋرگە كىرگەنلىكىدەك تارىخىي مۇۋەپپەقىيەت ۋە تارىخىي ئۆزگىرىشنى چوڭقۇر تونۇش، پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى تارىخىي تەجرىبىلەرنى چوڭقۇر تونۇش، تارىخنى ئەينەك قىلىپ، كەلگۈسىنى يارىتىش مۇھىم تەلىپىنى چوڭقۇر تونۇش كېرەك.

  سۆزدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: تارىخىي ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ئاڭلىق ھالدا غايە - ئېتىقادنى چىڭ ساقلاش كېرەك. بۇ قېتىمقى ئومۇمىي يىغىن «قارار»ىدا پارتىيەمىزنىڭ ئۆزىگە بولغان يۈكسەك تارىخىي ئىشەنچى تولۇق نامايان قىلىنىپ، پارتىيە ئىچى - سىرتىغا، دۆلەت ئىچى - سىرتىغا 100 يىللىق چوڭ پارتىيەنىڭ سەگەكلىكى ۋە پىشىپ يېتىلگەنلىكى نامايان قىلىندى. تارىخ قايىل قىلارلىق ھالدا شۇنى چۈشەندۈرۈپ بەردىكى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بولمىسا يېڭى جۇڭگو بولمايتتى، جۇڭگو خەلقىنىڭ بەختلىك تۇرمۇشى بولمايتتى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى بولمايتتى. تارىخ ۋە خەلق جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى تاللىدى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىمۇ تارىخ ۋە خەلقنىڭ تاللىشىنى يەردە قويمىدى. جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ تارىخىي ئىشەنچى ھەم كۈرەش مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە بولغان ئىشەنچ، ھەم كۈرەش روھىغا بولغان ئىشەنچتۇر.

  سۆزدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىدا چىڭ تۇرۇپ، باشتىن - ئاخىر پارتىيەنىڭ ئىتتىپاقلىقى، بىرلىكىنى ساقلاش كېرەك. تارىخ ۋە رېئاللىق شۇنى ئىسپاتلىدىكى، پارتىيەنىڭ ئىتتىپاقلىقى، بىرلىكى پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ئىستىقبالى ۋە تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك، ھەرقانداق ۋاقىت، ھەرقانداق ئەھۋالدا بىپەرۋالىق قىلىشقا، تەۋرىنىشكە بولمايدۇ. بۇ قېتىمقى ئومۇمىي يىغىن «قارار»ىدا پارتىيەنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىشنىڭ مۇھىملىقى ئالاھىدە تەكىتلەندى، بۇ، پۈتۈن پارتىيەدىن قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا توغرىلىنىپ، پارتىيە بايرىقى ئاستىغا «بىر پارچە قاتتىق پولات»تەك ئىتتىپاقلىشىپ، قەدەمنى بىردەك ئېلىپ ئالغا ئىلگىرىلەشنى تەلەپ قىلىدۇ. پارتىيەنىڭ ئىتتىپاقلىقى، بىرلىكىنى ساقلاش پۈتۈن پارتىيەدىن جەزمەن پارتىيەگە سادىق بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ.

  سۆزدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى چىڭىتىپ، ئۇلۇغ كۈرەش قىلىش ئىرادىسى ۋە ماھارىتىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك. پارتىيەمىز كۈرەش قىلىشقا تايىنىپ تارىخنى ياراتتى، تېخىمۇ مۇھىمى كۈرەش قىلىشقا تايىنىپ كەلگۈسىنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك. بىز دۇچ كېلىۋاتقان تۈرلۈك كۈرەشلەر قىسقا مۇددەتلىك ئەمەس، بەلكى ئۇزاق مۇددەتلىك بولۇپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ پۈتۈن جەريانىغا ھەمراھ بولىدۇ. بىز جەزمەن يېڭى، ئۇلۇغ كۈرەشنىڭ تارىخىي ئالاھىدىلىكىنى ئىگىلەپ، كۈرەش قىلىش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، كۈرەش قىلىش يۆنىلىشىنى ئىگىلەپ، كۈرەش قىلىشنىڭ تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى ئىگىلەپ، كۈرەش قىلىش ئىرادىمىزنى چىڭىتىپ، كۈرەش قىلىش قانۇنىيىتىنى ئىگىلەپ، كۈرەش قىلىش ماھارىتىمىزنى كۈچەيتىپ، ئۈنۈملۈك ھالدا ئېغىر، زور خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇپ، ئېغىر، زور خەۋپ - خەتەرلەرگە تاقابىل تۇرۇپ، ئېغىر، زور توسالغۇلارنى يېڭىپ، ئېغىر، زور زىددىيەتلەرنى ھەل قىلىپ، ئىلگىرىلەش يولىمىزدىكى بارلىق جاپا - مۇشەققەت، خەۋپ - خەتەر، توسالغۇلارنى يېڭىپ، يېڭى دەۋردىكى ئۇلۇغ كۈرەشنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى ئۈزلۈكسىز قولغا كەلتۈرۈشىمىز كېرەك.

  سۆزدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ سۈپىتىنىڭ ئۆزگىرىپ كەتمەسلىكىگە، خىسلىتىنىڭ ئۆزگىرىپ كەتمەسلىكىگە، خاراكتېرىنىڭ ئۆزگىرىپ كەتمەسلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. پارتىيەمىزنىڭ تارىخى شۇنچە ئۇزاق، كۆلىمى شۇنچە چوڭ، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ۋاقتى شۇنچە ئۇزاق، قانداق قىلغاندا تىنچلىق - قالايمىقانچىلىق، گۈللىنىش - خارابلىشىشتىن ئىبارەت تارىخىي دەۋرىيلىكتىن سەكرەپ چىققىلى بولىدۇ؟ يولداش ماۋ زېدۇڭ يەنئەندىكى گەمىدە بىرىنچى جاۋابنى بەردى، ئۇ بولسىمۇ «پەقەت خەلق ھۆكۈمەتنى نازارەت قىلغاندىلا، ھۆكۈمەت ئاندىن بوشاڭلىق قىلىشقا پېتىنالمايدۇ». 100 يىللىق كۈرەش، بولۇپمۇ پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى يېڭى ئەمەلىيەت ئارقىلىق، پارتىيەمىز يەنە ئىككىنچى جاۋابنى بەردى، ئۇ بولسىمۇ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش. پارتىيەمىزنىڭ ئۆزىنىڭ ھېچقانداق ئالاھىدە مەنپەئىتى يوق، بۇ، پارتىيەمىزنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشقا جۈرئەت قىلىشىنىڭ جاسارەت مەنبەسى ۋە ئاساسى. پارتىيە قۇرۇلغانلىقىغا 100 يىل بولغان پەيتتە، بىز تىنچ شارائىتتىمۇ خەۋپ - خەتەرنى ئويلاپ، بۇ 100 يىللىق چوڭ پارتىيەنىڭ قېرىلىق يېتىپ، كېسەل چىرمىۋالىدىغان ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىش - قالماسلىقىدىن ھەر ۋاقىت ھوشيار بولۇشىمىز كېرەك. ئۆزى ئۈستىدە ئۇلۇغ ئىنقىلاب قىلىش ئارقىلىق ئۇلۇغ جەمئىيەت ئىنقىلابىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، ئۇلۇغ جەمئىيەت ئىنقىلابى ئارقىلىق ئۆزى ئۈستىدە ئۇلۇغ ئىنقىلاب قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش تارىخىي مۇساپىسىدە باشتىن - ئاخىر كۈچلۈك رەھبەرلىك يادروسىغا ئايلىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ