مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭگو - رۇسىيە ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ئۆزئارا يېڭى يىللىق تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

جۇڭگو - رۇسىيە ئىككى دۆلەت زۇڭلىلىرى ئۆزئارا يېڭى يىللىق تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

2022.01.04 09:26 مەنبە: خەلق تورى

  2021 - يىلى 12 - ئاينىڭ 31 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن ئۆزئارا يېڭى يىللىق تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى.

  شى جىنپىڭ جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن زۇڭتۇڭ پۇتىن ۋە رۇسىيە خەلقىنى سەمىمىي تەبرىكلىدى ۋە گۈزەل تىلەك تىلىدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: 2021 - يىلى «جۇڭگو - رۇسىيە ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستانە ھەمكارلىق شەرتنامىسى» ئىمزالانغانلىقىنىڭ 20 يىللىقى. مەن ۋە زۇڭتۇڭ پۇتىن «شەرتنامە»نىڭ مۇددىتىنى ئۇزارتىشنى ئورتاق جاكارلاپ، «ئەۋلادمۇئەۋلاد دوستانە ئۆتۈش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش»ئىدىيەسىگە ئەمەل قىلىپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشىغا يېتەكچىلىك قىلدۇق. ئىككى تەرەپ «تۆتنى ئۆزئارا قەتئىي قوللاش» ئورتاق تونۇشىدا چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنىشنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇردى. ئىككى تەرەپ يۇقۇمنىڭ تەسىرىنى تىرىشىپ يېڭىپ، ھەر تەرەپلىمە ئەمەلىي ھەمكارلىقتا مول نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولدى. جۇڭگو - رۇسىيە پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش يىلى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاندى، ئىككى تەرەپنىڭ سودا سوممىسىدا يەنە يېڭى سەۋىيە يارىتىلدى، ئېنېرگىيە، ئاۋىياتسىيە - ئالەم قاتنىشى، ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش قاتارلىق ساھەلەردىكى ئىستراتېگىيەلىك چوڭ تۈرلەر تېز ئالغا سىلجىتىلدى. ئىككى تەرەپ خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدا زىچ ھەمكارلىشىپ، ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىللىكنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، تىنچلىق، تەرەققىيات، ئادىللىق، ھەققانىيلىق، دېموكراتىيە، ئەركىنلىكتىن ئىبارەت پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق قىممىتىنى چىڭ ساقلاپ، چىگىش، مۇرەككەپ خەلقئارا ۋەزىيەتكە قىممەتلىك بولغان مۇقىملىق ۋە ئاكتىپ كۈچنى قوشتى. مەن ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ نەتىجىلىرىدىن ئىنتايىن رازى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: 2022 - يىلى، ئىككى تەرەپ جۇڭگو - رۇسىيە تەنتەربىيە ئالماشتۇرۇش يىلىنى باشلاپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد دوستانە ئۆتۈش يېڭى سەھىپىسىنى داۋاملىق پۈتىدۇ. زۇڭتۇڭ پۇتىن جۇڭگودا زىيارەتتە بولىدۇ ھەم بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدۇ، مەن تۈرلۈك شەكىللەر ئارقىلىق زۇڭتۇڭ پۇتىن بىلەن قويۇق ئالاقىنى ساقلاپ، جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىش ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىشىغا ئورتاق يېتەكچىلىك قىلىپ، ئىككى تەرەپنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنىڭ سۈپىتى، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆز تەرەققىياتى، گۈللىنىشىگە تېخىمۇ ياخشى كۈچ قوشۇپ، يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئورنىتىش، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشنى ئىنتايىن ئارزۇ قىلىمەن.

  پۇتىن رەئىس شى جىنپىڭنى چىن كۆڭلىدىن تەبرىكلىدى، دوستانە جۇڭگو خەلقىگە بەخت، خاتىرجەملىك تىلىدى. پۇتىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئۆتۈپ كېتىش ئالدىدا تۇرغان بىر يىل «رۇسىيە - جۇڭگو ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستانە ھەمكارلىق شەرتنامىسى»ئىمزالانغانلىقىنىڭ 20 يىللىقى. بۇ شەرتنامە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا پۇختا ئاساس سالدى. 2021 - يىلى، رۇسىيە - جۇڭگو ھەمكارلىقىدا كۆرۈنەرلىك نەتىجە - ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى، ئىككى تەرەپنىڭ ھەرقايسى قاتلاملىرى سىياسىي جەھەتتە سۆزلىشىشنى پائال قانات يايدۇردى، ئىككى تەرەپنىڭ سودا سوممىسىدا يەنە يېڭى سەۋىيە يارىتىلدى، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش يىلىدا مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، ئىككى تەرەپ مۇھىم، زور خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشتا قويۇق، ئۈنۈملۈك ھەمكارلىشىشنى ساقلىدى. ئىشىنىمەنكى، بىزنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىمىزدا، رۇسىيە بىلەن جۇڭگونىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقى چوقۇم يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەرەققىياتقا ئېرىشىدۇ. رۇسىيە - جۇڭگو تەنتەربىيە ئالماشتۇرۇش يىلىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن. قەتئىي ئىشىنىمەنكى، دوستىمىز جۇڭگو تەرەپ چوقۇم بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزىدۇ، رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن بۇ تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى كاتتا مەرىكىسىنىڭ ئېچىلىش پەيتىدە ئۇچرىشىش ئۆتكۈزۈشنى ئىنتايىن ئارزۇ قىلىمەن.

  شۇ كۈنى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ رۇسىيە زۇڭلىسى مىشۇستىن بىلەن ئۆزئارا يېڭى يىللىق تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى. لى كېچياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېقىندا، ئىككى تەرەپ ئىككى دۆلەت زۇڭلىلىرىنىڭ 26 - قېتىملىق قەرەللىك ئۇچرىشىشىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈپ، نۇرغۇن مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى. مەن زۇڭلى مىشۇستىن بىلەن قويۇق خىزمەت ئالاقىسىنى داۋاملىق ساقلاپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقىدا يېڭى ۋەزىيەت ئېچىش، يېڭى قىياپەتنى نامايان قىلىش، يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئورتاق تۈرتكە بولۇشنى خالايمەن. مىشۇستىن مۇنداق بىلدۈردى: ئىككى تەرەپ رۇسىيە - جۇڭگو زۇڭلىلىرىنىڭ 26 - قېتىملىق قەرەللىك ئۇچرىشىشى ئارقىلىق ئىككى دۆلەتنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ كېڭەيتىش توغرىسىدا يېڭى ئورۇنلاشتۇرما قىلدى، ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەردە داۋاملىق ئىجابىي سۆزلىشىشنى ساقلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، جۇڭگو تەرەپنىڭ بېيجىڭ 2022 - يىللىق قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ۋە مېيىپلەر قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ