مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خەن جېڭ سىنگاپورنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ۋاڭ رۇيجيې بىلەن سىنلىق ئۇچرىشىش ئۆتكۈزدى ھەمدە جۇڭگو-سىنگاپور ئىككى تەرەپ ھەمكارلىق مېخانىزمى يىغىنىغا بىرلىكتە رىياسەتچىلىك قىلدى

2021.12.31 10:46 مەنبە: خەلق تورى

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خەن جېڭ 12-ئاينىڭ 29-كۈنى بېيجىڭدا سىنگاپورنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ۋاڭ رۇيجيې بىلەن سىنلىق ئۇچرىشىش ئۆتكۈزدى ھەمدە جۇڭگو-سىنگاپور ئىككى تەرەپ ھەمكارلىق بىرلەشمە كومىتېتىنىڭ 17-قېتىملىق يىغىنى، سۇجوۋ سانائەت رايونى بىرلەشمە ماسلاشتۇرۇش كېڭىشىنىڭ 22 -قېتىملىق يىغىنى، تيەنجىن ئېكولوگىيە شەھەرچىسى بىرلەشمە ماسلاشتۇرۇش كېڭىشىنىڭ 23-قېتىملىق يىغىنى، جۇڭگو- سىنگاپور (چۇڭچىڭ) ئىستراتېگىيەلىك ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرى بىرلەشمە ماسلاشتۇرۇش كېڭىشىنىڭ 5 -قېتىملىق يىغىنىغا بىرلىكتە رىياسەتچىلىك قىلدى.

  ئۇچرىشىشتا خەن جېڭ مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو- سىنگاپور يېقىن قوشنا ۋە ھەمراھ بولۇش سۈپىتى بىلەن، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىپ، يۇقىرى قاتلام ئالاقىسى قويۇق بولدى. رەئىس شى جىنپىڭ يېقىندا زۇڭلى لى شيەنلۇڭ بىلەن تېلېفونلىشىپ، جۇڭگو-سىنگاپور مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىغا يېڭى ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىك قىلدى. جۇڭگو سىنگاپورنىڭ جۇڭگونىڭ يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىش مۇساپىسىگە چوڭقۇر قاتنىشىشىنى قارشى ئالىدۇ، سىنگاپور بىلەن قول تۇتۇشۇپ ئىلگىرىلەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ «بىر بەلباغ، بىر يول» ھەمكارلىقىنى ئورتاق قۇرۇپ، كۆپ تەرەپچىللىك ۋە ئەركىن سودىنى ئورتاق قوغداپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ۋاكسىنىسى ۋە دورا تەتقىق قىلىپ ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىق يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، رەقەملىك ئىقتىساد، يېشىل تەرەققىيات قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى پائال كېڭەيتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەمكارلىق سۈپىتى ۋە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

  ۋاڭ رۇيجيې مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا كىرىپ، سىنگاپور-جۇڭگو ھەمكارلىقىغا زور پۇرسەت ئېلىپ كەلدى. سىنگاپور جۇڭگو بىلەن يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئىككى تەرەپ ھەمكارلىق مېخانىزمىنىڭ رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەركىن سودىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خادىملار ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، قول تۇتۇشۇپ ئىككى دۆلەت ۋە رايون خەلقىگە تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسى يارىتىشنى خالايدۇ. بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرىدۇ.

  ئارقىدىن، خەن جېڭ بىلەن ۋاڭ رۈيجيې ئىككى تەرەپلىك تۆتھەمكارلىق مېخانىزمى يىغىنىغا بىرلىكتە رىياسەتچىلىك قىلدى. ئىككى تەرەپ ئىككى دۆلەت يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەرنىڭ ئورتاق تونۇشىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالى ۋە ئەمەلىي ھەمكارلىقىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى ئومۇميۈزلۈك رەتلەپ، كېيىنكى باسقۇچتىكى ھەمكارلىق يۆنىلىشى ۋە مۇھىم نۇقتىسىنى ئورتاق پىلانلىدى. ئىككى تەرەپ يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى يېتەكچى قىلىپ، نۇقتىلىق ھەمكارلىق تۈرلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە؛ جۇڭگو بىلەن شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى دەرىجىسىگە كۆتۈرۈشنى پۇرسەت دەپ بىلىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىش ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى ئۈلگىسىنى يارىتىشقا؛ ئىككى دۆلەتنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ۋە تەرەققىيات ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىشنى تايانچ قىلىپ، دۇنيانىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتى ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشقا بىردەك قوشۇلدى.

  يىغىندىن كېيىن، خەن جېڭ بىلەن ۋاڭ رۈيجيې «قۇرۇقلۇق، دېڭىز يېڭى يولى» ھەمكارلىق يىرىك پىلانى قاتارلىق بىر قاتار نەتىجىلەرنىڭ ھاسىل قىلىنغانلىقىنى بىرلىكتە جاكارلىدى ھەمدە جۇڭگونىڭ سىنگاپوردا تۇرۇۋاتقان مۈشۈكئېيىقىنىڭ بالىسىغا نام بېرىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ