مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

گىرېتسىيەنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى پاپوۋلىياسنىڭ ۋاپات بولغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن

شى جىنپىڭ گىرېتسىيە زۇڭتۇڭى ساكېللاروپولوغا تەزىيە تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

2022.01.04 09:44 مەنبە: خەلق تورى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 2021 ـ يىلى 12 ـ ئاينىڭ 31 ـ كۈنى گىرېتسىيەنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى پاپوۋلىياسنىڭ ۋاپات بولغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن گىرېتسىيە زۇڭتۇڭى ساكېللاروپولوغا تەزىيە تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈردى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پاپوۋلىياس ئەپەندى گىرېتسىيەنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن سىياسىيونى ۋە رەھبىرى، شۇنداقلا جۇڭگو خەلقىنىڭ قەدىناس دوستى. ئۇ ئۇزاق مۇددەت جۇڭگو ـ گىرېتسىيە دوستلۇقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا كۈچ چىقىرىپ، ئىككى تەرەپنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقىغا پائال تۈرتكە بولۇپ، بېيجىڭنىڭ 2008 ـ يىللىق يازلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ۋە 2022 ـ يىللىق قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈشىنى قەتئىي قوللاپ، جۇڭگو ـ گىرېتسىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى. مەن جۇڭگو ـ گىرېتسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، زۇڭتۇڭ ساكېللاروپولو بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقتا ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە بەخت يارىتىشنى خالايمەن.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ