مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭگو بىلەن ئۆزبېكىستاننىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 30 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن

شى جىنپىڭ ئۆزبېكىستان زۇڭتۇڭى مىرزىيويېۋ بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

2022.01.04 09:42 مەنبە: خەلق تورى

  2022 ـ يىلى 1 ـ ئاينىڭ 2 ـ كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئۆزبېكىستان زۇڭتۇڭى مىرزىيويېۋ بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى تەبرىكلىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 30 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو ـ ئۆزبېكىستان مۇناسىۋىتى دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، ئىناق ئۆتىدىغان، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان خەلقئارا مۇناسىۋەت ئۈلگىسىنى تىكلىدى. بولۇپمۇ ئىككى تەرەپ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە تەرەققىيات، گۈللىنىش مۇساپىسىدە ئۆزئارا ئۆگىنىپ، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقىدا بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، ئىسمى ـ جىسمىغا لايىق ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلارغا ئايلاندى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: مەن جۇڭگو ـ ئۆزبېكىستان مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، مىرزىيويېۋ زۇڭتۇڭ بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى پۇرسەت بىلىپ، جۇڭگو ـ ئۆزبېكىستان ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ تارىخىي يېڭى سەھىپىسىنى ئورتاق پۈتۈپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە بەخت يارىتىشنى خالايمەن.

  مىرزىيويېۋ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئۆتكەن 30 يىل ئۆزبېكىستان بىلەن جۇڭگو ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق دوستانە ئالاقە تارىخىدىكى يارقىن سەھىپە بولدى. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئۆزى كۆڭۈل بۆلۈشى بىلەن، ئۆزبېكىستان بىلەن جۇڭگونىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى، ئىككى تەرەپنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقى ئوڭۇشلۇق ئالغا سىلجىدى، ئادىمىيەت ئالاقىسى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى، خەلقئارا ۋە رايون تەشكىلاتى رامكىسى ئىچىدە پىكىر ئالماشتۇرۇش قويۇقلاشتى. ئۆزبېكىستان تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆزبېكىستان ـ جۇڭگو دوستلۇق مۇناسىۋىتى ۋە ئىككى دۆلەتنىڭ ھەر تەرەپلىمە ھەمكارلىقىنىڭ تارىخىي يېڭى باسقۇچقا كىرىشىگە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ