مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭگو - تۈركمەنىستان دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 30 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن

​شى جىنپىڭ تۈركمەنىستان زۇڭتۇڭى بەردىمۇھەممەدوف بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

2022.01.10 09:13 مەنبە: خەلق تورى

  2022 - يىلى 1 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تۈركمەنىستان زۇڭتۇڭى بەردىمۇھەممەدوف بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى تەبرىكلىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 30 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو - تۈركمەنىستان مۇناسىۋىتى ھالقىما تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇردى. جۇڭگو بىرىنچى بولۇپ تۈركمەنىستان بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان دۆلەت، تۈركمەنىستان تەرەپ يولغا قويغان مەڭگۈ بىتەرەپلىك سىياسىتىنى بىرىنچى تۈركۈمدە قوللىغان دۆلەت، تۈركمەنىستان تەرەپنىڭ سىياسىي ھۆججەت شەكلىدە بېكىتكەن بىرىنچى ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھى، شۇنىڭدەك تۈركمەنىستان تەرەپنىڭ بىرىنچى چوڭ تەبىئىي گاز سودا ھەمراھى. جۇڭگو - تۈركمەنىستان مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە ئەمەلىي نەپ ئېلىپ كېلىپلا قالماي، يەنە رايون تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو تەرەپ تۈركمەنىستان بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، تۈركمەنىستان تەرەپنىڭ ئۆزىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولىدا مېڭىشىنى ئىلگىرىكىدەكلا قەتئىي قوللايدۇ، تۈركمەنىستان تەرەپنىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە مىللەتنىڭ مۇستەقىللىقىنى قوغدىشىنى قەتئىي قوللايدۇ، تۈركمەنىستان تەرەپ يولغا قويغان مەڭگۈ بىتەرەپلىك سىياسىتىنى قەتئىي قوللايدۇ. مەن سىز بىلەن قويۇق ئالاقىنى ساقلاپ، ئىككى دۆلەتنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى پۇرسەت بىلىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو - تۈركمەنىستان ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە ئورتاق تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە بەخت يارىتىشنى خالايمەن.

  بەردىمۇھەممەدوف مۇنداق بىلدۈردى: دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن بۇيان، تۈركمەنىستان بىلەن جۇڭگو ئىككى دۆلەت ئەڭ كەڭ ساھەدە ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، ئۆزگىچە بولغان كۆپ قاتلام دەرىجىلىك ھەمكارلىق مېخانىزمى ئورناتتى. جۇڭگو ئۇدا كۆپ يىل تۈركمەنىستاننىڭ ئاساسلىق سودا ھەمراھىغا ئايلاندى، بۇ، ئىككى تەرەپنىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنىڭ روشەن ئىپادىسى. تۈركمەنىستان تەرەپ تۈركمەنىستان - جۇڭگو مۇناسىۋىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئۆزئارا باراۋەر مۇئامىلە قىلىش، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، بىر - بىرىنىڭ مەنپەئىتىگە كۆڭۈل بۆلۈش پىرىنسىپى ئاساسىدا جۇڭگو تەرەپ بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ، تۈركمەنىستان - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتۈرۈشكە پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ