2022 ـ يىلى 1 ـ ئاينىڭ 5 ـ كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ قىرغىزىستان زۇڭتۇڭى جاپاروف بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى تەبرىكلىدى.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 30 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو ـ قىرغىزىستان ئىككى دۆلەت باشتىن ـ ئاخىر ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، باراۋەر بولۇش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدە ھالقىما تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى يېڭى يۈكسەكلىككە يەتكۈزۈپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئورنىتىشى ئۈچۈن ئۈلگە تىكلىدى. جۇڭگو ـ قىرغىزىستان مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە مەنپەئەت يەتكۈزۈپلا قالماي، يەنە ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تۆھپە قوشتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: مەن جۇڭگو ـ قىرغىزىستان مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، زۇڭتۇڭ جاپاروف بىلەن قويۇق ئالاقىنى ساقلاپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئۆزئارا ئىشىنىشىنى ئاشۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو ـ قىرغىزىستان ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ يەنە يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇشنى خالايمەن.
جاپاروف مۇنداق بىلدۈردى: دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 30 يىلدىن بۇيان، قىرغىزىستان بىلەن جۇڭگو ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورنىتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىدا دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقۇدەك مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى. جۇڭگو ھۆكۈمىتى قىرغىزىستان تەرەپنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ھەم ئۇنىڭ تەسىرىگە ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇشىنى مۇھىم مەدەت بىلەن تەمىنلىدى. جاپاروف رەئىس شى جىنپىڭنىڭ قىرغىزىستان ـ جۇڭگو ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئۆزى بىۋاسىتە كۆڭۈل بۆلگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى، جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىللە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيتىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ