خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئاينىڭ 10-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: قازاقىستان دۆلەت خەۋپسىزلىكى كومىتېتى 1-ئاينىڭ 8-كۈنى تور بېكىتىدە قىسقا بايانات ئېلان قىلىپ: بۇ كومىتېتنىڭ سابىق رەئىسى مەسىموفنىڭ ۋەتەنگە ئاسىيلىق قىلىش جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئېيتتى.
باياناتتا: بۇ تارماق 1-ئاينىڭ 6-كۈنى مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈشنى باشلىدى، مەسىموف ۋە باشقا كىشىلەر ۋەتەنگە ئاسىيلىق قىلىش جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىندى، دېيىلدى. باياناتتا تەپسىلات ئېلان قىلىنمىدى.
قازاقىستان زۇڭتۇڭى توقايېۋ 1-ئاينىڭ 5-كۈنى بۇيرۇق ئىمزالاپ، مەسىموفنى دۆلەت خەۋپسىزلىكى كومىتېتىنىڭ رەئىسىلىكىدىن قالدۇردى.
مەسىموف 2007-يىلىدىن 2012-يىلىغىچە ۋە 2014-يىلىدىن 2016-يىلىغىچە ئىككى قېتىم قازاقىستاننىڭ زۇڭلىسى بولغان. 2016-يىلى 9-ئايدا مەسىموف قازاقىستان دۆلەت خەۋپسىزلىكى كومىتېتىنىڭ رەئىسىلىكىگە تەيىنلەنگەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ