مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ چوغى گرېتسىيەدە مۇۋەپپەقىيەتلىك يىغىلدى

2021.10.21 14:19 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 18-ئۆكتەبىر، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ چوغى ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ بۆشۈكى بولغان گرېتسىيەنىڭ پېلوپوننېس يېرىم ئارىلىدىكى قەدىمكى ئولىمپىيەدە مۇۋەپپەقىيەتلىك يىغىۋېلىندى.

  گرېتسىيە زۇڭتۇڭى كاتېرىنا ساكلاروپولۇ، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى توماس باخ، گرېتسىيە ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى سپىروس كاپلالوس ۋە بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ ئالاھىدە ۋەكىلى، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى يۈ زەيچىڭ شۇ كۈندىكى چوغ يىغىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

  باخ چوغ يىغىش مۇراسىمىدا تەبرىك سۆزى قىلىپ مۇنداق دېدى: بېيجىڭ تارىخقا يېزىلىپ، تارىختىن بۇيانقى يازلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىمۇ، قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىمۇ ئۆتكۈزگەن تۇنجى شەھەر بولۇپ قالىدۇ. 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى جۇڭگو خەلقىنى دۇنيا بىلەن باغلاپ، 300 مىليون كىشىنى قار-مۇز تەنھەرىكىتىگە قاتناشتۇرۇش ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، قىشلىق تەنھەرىكەت تارىخىنى مەڭگۈ ئۆزگەرتىدۇ.»

  يۈ زەيچىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئولىمپىك چوغى ئولىمپىك روھىنىڭ يۈكسەك سىمۋولى. نەچچە مىڭ يىللاردىن بۇيان، چوغ يورۇقلۇق، ئىتتىپاقلىق، دوستلۇق، تىنچلىق، ھەققانىيەت نۇرىنى پۈتۈن دۇنياغا تارقىتىپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ تەرەققىياتى، ئىلگىرىلىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشىدەك شانلىق تارىخقا گۇۋاھ بولدى، ئىنسانىيەتنىڭ خىرىس چېكى، ئۆزىدىن ھالقىش قەتئىي ئىنتىلىشىنى شەرھلەپ، ئىنسانىيەتنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىش، قىيىنچىلىق ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشتەك ئالغا ئىلگىرىلەش يولىنى يورۇتتى. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ھۇجۇم قىلغاندا، ئولىمپىك چوغى يەنە بىر قېتىم كىشىلەرگە ئىشەنچ، ئىللىقلىق ۋە ئۈمىد ئاتا قىلىپ، يۇقۇم ئۈستىدىن ئورتاق غەلىبە قىلىدىغان قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملىدى.

  19-ئۆكتەبىر، گرېتسىيە ئولىمپىك كومىتېتى ئافېنا مەرمەر تاش تەنتەربىيە مەيدانىدا چوغنى بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتى ۋەكىللەر ئۆمىكىگە تاپشۇرۇپ بېرىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ