مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ 130 - نۆۋەتلىك جۇڭگو ئىمپورت - ئېكسپورت تاۋارلىرى سودا يەرمەنكىسىگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

2021.10.18 09:12 مەنبە: خەلق تورى

  10 - ئاينىڭ 14 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 130 - نۆۋەتلىك جۇڭگو ئىمپورت - ئېكسپورت تاۋارلىرى سودا يەرمەنكىسى (گۇاڭجوۋ سودا يەرمەنكىسى)گە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.
  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: گۇاڭجوۋ سودا يەرمەنكىسى تەسىس قىلىنغان 65 يىلدىن بۇيان، خەلقئارا سودىغا مۇلازىمەت قىلىش، ئىچكى - تاشقى بىرلەشمە ئالاقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى. ھازىر، دۇنيانىڭ 100 يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى بىلەن ئەسىر يۇقۇمى گىرەلەشتى، دۇنياۋى ئىقتىساد - سودا چوڭقۇر ئۆزگىرىشكە دۇچ كەلدى. گۇاڭجوۋ سودا يەرمەنكىسى يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىشقا مۇلازىمەت قىلىپ، مېخانىزمدا يېڭىلىق يارىتىپ، كەسىپ ھالىتىنى بېيىتىپ، ئىقتىدارىنى كېڭەيتىپ، جۇڭگونىڭ ھەر تەرەپلىمە سىرتقا ئېچىۋېتىش، خەلقئارا سودىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، دۆلەت ئىچى، خەلقئارادىكى قوش ئايلىنىشنى تۇتاشتۇرۇشتىكى مۇھىم سۇپىغا ئايلىنىشىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىشى كېرەك. جۇڭگو دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن قول تۇتۇشۇپ، ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىللىكتە چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.
  130- نۆۋەتلىك جۇڭگو ئىمپورت - ئېكسپورت تاۋارلىرى سودا يەرمەنكىسى شۇ كۈنى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ گۇاڭجوۋ شەھىرىدە باشلاندى، باش تېمىسى «دۆلەت ئىچى، خەلقئارادىكى قوش ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش» بولۇپ، سودا مىنىستىرلىقى بىلەن گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان.

مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ