شى جىنپىڭ مەركەز خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنداق تەكىتلىدى

خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى ئۈزلۈكسىز راۋاجلاندۇرۇش كېرەك

لى كېچياڭ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن قاتناشتى لى جەنشۇ سۆز قىلدى

2021.10.17 23:22 مەنبە: خەلق تورى

  10-ئاينىڭ 13-كۈنىدىن 14-كۈنىگىچە، مەركەز خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى.

  □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋاڭ يې فوتوسى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10-ئاينىڭ 14-كۈنى تېلېگراممىسى مەركەز خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى يىغىنى 10-ئاينىڭ 13-كۈنىدىن 14-كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت ئەھۋالى ۋە ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان، سوتسىيالىستىك دۆلەت خاراكتېرىنى نامايان قىلىدىغان، خەلقنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىدىغان ياخشى تۈزۈم، پارتىيەمىز خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ ئىنسانىيەتنىڭ سىياسىي تۈزۈم تارىخىدا ياراتقان ئۇلۇغ ئىجادىيىتى، دۆلىتىمىزنىڭ سىياسىي تەرەققىيات تارىخىدا، ھەتتا دۇنيانىڭ سىياسىي تەرەققىيات تارىخىدا مۇھىم، زور ئەھمىيەتكە ئىگە يېپيېڭى سىياسىي تۈزۈم. بىز جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك سىياسىي تەرەققىيات يولىدا چىڭ تۇرۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى ئۈزلۈكسىز راۋاجلاندۇرۇپ، جانلىق، جۇشقۇن، تىنچ، ئىتتىپاق بولغان سىياسىي ۋەزىيەتنى مۇستەھكەملىشىمىز ۋە راۋاجلاندۇرۇشىمىز كېرەك.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن لى كېچياڭ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋاڭ چىشەن يىغىنغا قاتناشتى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى لى جەنشۇ خۇلاسە سۆزى قىلدى.

  شى جىنپىڭ سۆزىدە مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ماركسىزملىق دۆلەت تەلىماتىنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، خەلق دېموكراتىيەسى دىكتاتۇرىلىقىدىكى دۆلەت تۈزۈلمىسىگە ئۇيغۇنلىشىپ، دۆلەتنىڭ سوتسىيالىزم يولىنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە ئۈنۈملۈك كاپالەتلىك قىلىدۇ. خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى دۆلەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى خەلققە مەنسۇپ بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇشىغا ئەڭ زور دەرىجىدە كاپالەتلىك قىلىپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى، خەلق ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، دۆلەت ئىدارە قىلىشنىڭ تىنچلىق-قالايمىقانچىلىق، گۈللىنىش-خارابلىشىشتىن ئىبارەت تارىخىي دەۋرىيلىكتىن بۆسۈپ چىقىشىغا ئۈنۈملۈك كاپالەتلىك قىلىدۇ. 60 نەچچە يىلدىن بۇيان، بولۇپمۇ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىلگەن 40 نەچچە يىلدىن بۇيان، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى پارتىيەنىڭ خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ ئىقتىساد تېز تەرەققىي قىلىش مۆجىزىسى ۋە جەمئىيەت ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇش مۆجىزىسىنى يارىتىشىنى مۇھىم تۈزۈم كاپالىتى بىلەن تەمىنلىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك پۈتۈن ۋەزىيەت ۋە دۇنيادا 100 يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك پۈتۈن ۋەزىيەتتىن چىقىش قىلىپ، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيىتىدە يېڭىلىق يارىتىشنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىپ، بىر قاتار يېڭى قاراش، يېڭى ئىدىيە، يېڭى تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، جەزمەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، جەزمەن تۈزۈم سىستېمىسى ئارقىلىق خەلقنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، جەزمەن دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، جەزمەن دېموكراتىك مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش، جەزمەن جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك سىياسىي تەرەققىيات يولىدا چىڭ تۇرۇش، جەزمەن دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بۈگۈنكى دۇنيا 100 يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى باشتىن كەچۈرمەكتە، تۈزۈم رىقابىتى ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى رىقابىتىنىڭ مۇھىم تەرىپى، تۈزۈم ئەۋزەللىكى بىر دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تەشەببۇسكارلىقنى قولغا كەلتۈرۈشىدىكى مۇھىم ئەۋزەللىك. تارىخ ۋە رېئاللىق شۇنى ئىسپاتلىدىكى، تۈزۈم مۇقىم بولسا دۆلەت مۇقىم بولىدۇ، تۈزۈم كۈچلۈك بولسا دۆلەت كۈچلۈك بولىدۇ. بىز خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە قىلچە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، ئۇنى دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى كۈچەيتىشىمىز ۋە ياخشىلىشىمىز كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئاساسىي قانۇننى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە يولغا قويۇپ، ئاساسىي قانۇننىڭ نوپۇزى ۋە ئىززەت-ھۆرمىتىنى قوغداش كېرەك. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ھەم ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى ئاساسىي قانۇنغا ئالاقىدار قانۇن-تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاساسىي قانۇندا بېكىتىلگەن تۈزۈم، پىرىنسىپ، قائىدىلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارنىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىشى كېرەك. يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ھەم ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتلىرى خىزمەت ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈپ، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارنىڭ ئۆز مەمۇرىي رايونىدا ئەمەل قىلىنىشى ۋە ئىجرا قىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، دۆلەت قانۇنچىللىقىنىڭ بىرلىكىنى ئاڭلىق قوغدىشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، ياخشى قانۇن ئارقىلىق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ياخشى ئىدارە قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. پارتىيەنىڭ قانۇن چىقىرىش خىزمىتىگە بولغان مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات تەدبىرلىرىنى قانۇن چىقىرىش تەدبىرلىرى بىلەن تېخىمۇ ياخشى بىرلەشتۈرۈپ، دۆلەت ئىچىدىكى قانۇنچىللىق ۋە چەت ئەلگە چېتىشلىق قانۇنچىللىقنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، چىقىرىش، تۈزىتىش، بىكار قىلىش، چۈشەندۈرۈش، تۈزۈشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، نۇقتىلىق ساھەلەر، گۈللىنىۋاتقان ساھەلەر، چەت ئەلگە چېتىشلىق ساھەلەرگە ئالاقىدار قانۇن چىقىرىشنى كۈچەيتىش كېرەك. خەلق قۇرۇلتىيى ھەم ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ قانۇن چىقىرىش خىزمىتىدىكى ئاساسىي يېتەكچىلىك رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، قانۇننى ئىلمىي چىقىرىش، قانۇننى دېموكراتىك چىقىرىش، قانۇننى قانۇن بويىچە چىقىرىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئاساسىي قانۇندا خەلق قۇرۇلتىيىغا يۈكلەنگەن نازارەتچىلىك ھوقۇقىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، توغرا نازارەت قىلىش، ئۈنۈملۈك نازارەت قىلىش، قانۇن بويىچە نازارەت قىلىشنى يولغا قويۇش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ھەم ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتلىرى دىققەتنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم، زور تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، دىققەتنى خەلق ئاممىسى ئويلاۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان گەۋدىلىك زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. قانۇن-نىزاملارنىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، خەلق قۇرۇلتىيى نازارەتچىلىك تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك «بىر ھۆكۈمەت، بىر كومىتېت، ئىككى مەھكىمە»لەر خەلق قۇرۇلتىيى ھەم ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى تۈزگەن قانۇن-نىزاملار ۋە چىقارغان قارار-بەلگىلىمىلەرنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، خىزمەتلەرنى قانۇن بويىچە دوكلات قىلىپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ نازارىتىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، خەلقنىڭ ساداسىغا قۇلاق سېلىش، ئىنكاسىغا جاۋاب قايتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ خەلق ئاممىسى بىلەن ئالاقە باغلاش مەزمۇنى ۋە شەكلىنى بېيىتىپ، تېخىمۇ ياخشى ھالدا ئاممىغا يېقىنلىشىش، خەلق رايىنى ئىگىلەش، ئاممىنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنى مۇجەسسەملەش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرى ۋەكىللەرنىڭ خىزمەت ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ۋەكىللەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە تېخىمۇ ياخشى ئادا قىلىشىغا مەدەت بېرىشى ۋە ئۇنىڭغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى خەلق يۈكلىگەن شەرەپلىك مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئالغان، ئۇلار سىياسىي مەيداندا چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان ئالاقىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ سالاپىتىنى نامايان قىلىشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: سىياسىي ئورگان ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ھەم ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتلىرى سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي چۈشىنىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئۆز قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، ئاڭلىق ھالدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرىدىغان سىياسىي ئورگان، خەلقنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان دۆلەت ھاكىمىيەت ئورگىنى، ئاساسىي قانۇن، قانۇنلاردا يۈكلەنگەن تۈرلۈك ۋەزىپە-مەسئۇلىيەتلەرنى ئومۇميۈزلۈك زىممىگە ئالىدىغان خىزمەت ئورگىنى، باشتىن-ئاخىر خەلق ئاممىسى بىلەن زىچ ئالاقە باغلايدىغان ۋەكىللىك ئورگان بولۇشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پارتىيەنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، پارتىيە خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى قەرەللىك ئاڭلاپ، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىدىكى مۇھىم، زور مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىشى، ھەل قىلىشى كېرەك. خەلق قۇرۇلتىيى ھەم ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈشى، خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشىغا مەدەت بېرىشى، «بىر ھۆكۈمەت، بىر كومىتېت، ئىككى مەھكىمە»نىڭ خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ نازارەتچىلىكىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلىشى ۋە ھەيدەكچىلىك قىلىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىلىرى پارتىيە رەھبەرلىك قىلىشقا ئائىت تۈرلۈك تۈزۈملەرنى ئەستايىدىل ئىجرا قىلىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: دېموكراتىيە پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق قىممىتى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە جۇڭگو خەلقى باشتىن-ئاخىر ئېغىشماي چىڭ تۇرىدىغان مۇھىم ئىدىيە. بىر دۆلەتنىڭ سىياسىي تۈزۈمىنىڭ دېموكراتىك بولغان-بولمىغانلىقى، ئۈنۈملۈك بولغان-بولمىغانلىقىغا باھا بېرىشتە، ئاساسلىقى دۆلەتنىڭ رەھبەرلىك قاتلىمىنىڭ قانۇن بويىچە تەرتىپلىك ئالماشقان-ئالماشمىغانلىقى، بارلىق خەلقنىڭ قانۇن بويىچە دۆلەت ئىشلىرى ۋە جەمئىيەت ئىشلىرىنى باشقۇرالىغان-باشقۇرالمىغانلىقى، ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت ئىشلىرىنى باشقۇرالىغان-باشقۇرالمىغانلىقى، خەلق ئاممىسى مەنپەئەت تەلىپىنى راۋان ئىپادىلىيەلىگەن-ئىپادىلىيەلمىگەنلىكى، جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ دۆلەتنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىغا ئۈنۈملۈك قاتنىشالىغان-قاتنىشالمىغانلىقى، دۆلەت تەدبىرىنىڭ ئىلمىيلىشىش، دېموكراتىيەلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرالىغان-ئاشۇرالمىغانلىقى، ھەرقايسى تەرەپلەردىكى ئىختىساسلىقلارنىڭ دۆلەتنىڭ رەھبەرلىك ۋە باشقۇرۇش سىستېمىسىغا ئادىل رىقابەتلىشىش ئارقىلىق كىرەلىگەن-كىرەلمىگەنلىكى، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان پارتىيەنىڭ ئاساسىي قانۇن، قانۇنلاردىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە دۆلەت ئىشلىرىغا بولغان رەھبەرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرالىغان-ئاشۇرالمىغانلىقى، ھوقۇقنى ئىشلىتىشنىڭ ئۈنۈملۈك چەكلەنگەن-چەكلەنمىگەنلىكى ۋە نازارەت قىلىنغان-قىلىنمىغانلىقىغا قاراش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: دېموكراتىيە بېزەك بۇيۇمى ئەمەس، ئۇنى تىزىپ قويۇشقا ئەمەس، بەلكى خەلق ھەل قىلىشقا ئېھتىياجلىق بولغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ئىشلىتىش كېرەك. بىر دۆلەتنىڭ دېموكراتىك ياكى دېموكراتىك ئەمەسلىكىدىكى ئاچقۇچ خەلقنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇشىنىڭ ھەقىقىي ئىشقا ئاشقان-ئاشمىغانلىقىدا، بۇنىڭدا خەلقنىڭ بېلەت تاشلاش ھوقۇقىنىڭ بار-يوقلۇقىغا قاراش كېرەك، تېخىمۇ مۇھىمى خەلقنىڭ كەڭ دائىرىدە قاتنىشىش ھوقۇقى بار-يوقلۇقىغا قاراش كېرەك؛ خەلقنىڭ سايلام جەريانىدا قانداق ئاغزاكى ۋەدىلەرگە ئېرىشكەنلىكىگە قاراش كېرەك، تېخىمۇ مۇھىمى سايلامدىن كېيىن بۇ ۋەدىلەرنىڭ قانچىلىك ئەمەلگە ئاشقانلىقىغا قاراش كېرەك؛ تۈزۈم ۋە قانۇنلاردا قانداق سىياسىي تەرتىپ ۋە سىياسىي قائىدىنىڭ بەلگىلەنگەنلىكىگە قاراش كېرەك، تېخىمۇ مۇھىمى بۇ تۈزۈم ۋە قانۇنلارنىڭ ھەقىقىي ئىجرا قىلىنغان-قىلىنمىغانلىقىغا قاراش كېرەك؛ ھوقۇق يۈرۈشۈش قائىدىسى ۋە تەرتىپىنىڭ دېموكراتىك بولغان-بولمىغانلىقىغا قاراش كېرەك، تېخىمۇ مۇھىمى ھوقۇقنىڭ خەلقنىڭ نازارەتچىلىكى ۋە چەكلىمىسىگە ھەقىقىي ئۇچرىغان-ئۇچرىمىغانلىقىغا قاراش كېرەك. ئەگەر خەلق پەقەت بېلەت تاشلىغاندا ئويغىتىلىپ، بېلەت تاشلاپ بولغاندىن كېيىن ئۈچەككە كىرىپ كەتسە، پەقەت سايلام رىقابىتىدە ماختاپ كۆككە كۆتۈرىدىغان شوئارلارنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاپ، سايلام رىقابىتىدىن كېيىن ھېچقانداق سۆز قىلىش ھوقۇقى بولمىسا، پەقەت بېلەت توپلىغاندا ئەتىۋارلىنىپ، سايلامدىن كېيىن سوغۇق مۇئامىلىگە ئۇچرىسا، بۇنداق دېموكراتىيە ھەقىقىي دېموكراتىيە ئەمەس.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: دېموكراتىيە ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتى، ھەرگىزمۇ ئاز ساندىكى دۆلەتلەرنىڭ پاتېنتى ئەمەس. بىر دۆلەتنىڭ دېموكراتىك ياكى دېموكراتىك ئەمەسلىكىگە شۇ دۆلەتنىڭ خەلقى باھا بېرىشى، ھەرگىزمۇ تاشقى قىسىمدىكى ئاز ساندىكى كىشىلەر كەلسە-كەلمەس باھا بەرمەسلىكى كېرەك. خەلقئارا جەمئىيەتتە قايسى دۆلەتنىڭ دېموكراتىك ياكى دېموكراتىك ئەمەسلىكىگە خەلقئارا جەمئىيەت ئورتاق باھا بېرىشى، ھەرگىزمۇ ئۆزىنىڭكىنى توغرا دەپ تۇرۇۋالىدىغان ئاز ساندىكى دۆلەتلەر باھا بەرمەسلىكى كېرەك. دېموكراتىيەنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ كۆپ خىل شەكلى بار، ھەممىنى بىر قېلىپقا سېلىش مۇمكىن ئەمەس. دۇنيادىكى مول ھەم رەڭدار سىياسىي تۈزۈملەرنى بىرلا خىل ئۆلچەم بىلەن ئۆلچەش، ئىنسانلارنىڭ رەڭگارەڭ سىياسىي مەدەنىيلىكىگە ئاددىي نەزەر بىلەن قاراشنىڭ ئۆزى دېموكراتىيە ئەمەس.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، بىز دېموكراتىك سىياسىينىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دىموكراتىيەسىدىن ئىبارەت مۇھىم، زور ئىدىيەنى ئوتتۇرىغا قويدۇق. دۆلىتىمىزنىڭ پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنىڭ مۇكەممەل تۈزۈم تەرتىپى بولۇپلا قالماي، يەنە مۇكەممەل قاتنىشىش ئەمەلىيىتى بار. دۆلىتىمىزنىڭ پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسى جەريان دېموكراتىيەسى بىلەن نەتىجە دېموكراتىيەسىنىڭ، تەرتىپ دېموكراتىيەسى بىلەن ماھىيەت دېموكراتىيەسىنىڭ، بىۋاسىتە دېموكراتىيە بىلەن ۋاسىتىلىك دېموكراتىيەنىڭ، خەلق دېموكراتىيەسى بىلەن دۆلەت ئىرادىسىنىڭ بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇردى، ئۇ پۈتۈن زەنجىرلىك، ھەر تەرەپلىمە، تولۇق قاپلىغان دېموكراتىيە، ئەڭ كەڭ، ئەڭ ھەقىقىي، ئەڭ ئەسقاتىدىغان سوتسىيالىستىك دېموكراتىيە. بىز پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسى قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىپ، خەلق ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇشنى پارتىيەنىڭ دۆلەت ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشىنىڭ سىياسەت تەدبىرلىرىدە كونكرېت، ئەمەلىي نامايان قىلىشىمىز، پارتىيە ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ھەرقايسى تەرەپ، ھەرقايسى قاتلام-دەرىجىلىك خىزمەتلىرىدە كونكرېت، ئەمەلىي نامايان قىلىشىمىز، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش خىزمىتىدە كونكرېت، ئەمەلىي نامايان قىلىشىمىز كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى دۆلىتىمىزنىڭ پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم تۈزۈم ۋاسىتىسى. پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە، خەلقنىڭ سىياسىيغا تەرتىپلىك قاتنىشىشىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، كىشىلىك ھوقۇقنىڭ قانۇنچىللىق كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، خەلقنىڭ قانۇن بويىچە كەڭ ھوقۇق-مەنپەئەت ۋە ئەركىنلىكتىن بەھرىمەن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. خەلقنىڭ قانۇن بويىچە سايلام ھوقۇق-مەنپەئىتىنى يۈرگۈزۈشىگە كاپالەتلىك قىلىپ، دېموكراتىك سايلام ئارقىلىق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈپ، خەلقنىڭ بىلىش ھوقۇقى، قاتنىشىش ھوقۇقى، ئىپادىلەش ھوقۇقى، نازارەت قىلىش ھوقۇقىنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرى، ھەرقايسى ھالقىلىرىنىڭ پۈتۈن جەريانىدا ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تەدبىر بەلگىلەش، ئىجرا قىلىش، نازارەت قىلىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى ھەرقايسى ھالقىلارنىڭ ھەممىسىدە خەلقتىن كەلگەن سادانى ئاڭلىيالىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ دېموكراتىك خەلق رايىنى ئىپادىلەش سۇپىسى ۋە ۋاسىتىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەلق رايىنى قوبۇل قىلىش، خەلقنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنى توپلاش خىزمەت مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ كېڭىشىشى، قانۇن چىقىرىش بويىچە كېڭىشىشنى ئالغا سىلجىتىپ، ھەرقايسى تەرەپلەردىكى جەمئىيەت ئەھۋالى، خەلق رايىنى ئەڭ كەڭ خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە بىرلىككە كەلتۈرۈش كېرەك.

  لى جەنشۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ خۇلاسە سۆزى قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇش، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشتىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكتە تۇرۇپ، يېڭى دەۋردە خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاشنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى، مۇھىم، زور پىرىنسىپى ۋە ئاساسلىق خىزمەتلەر ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى، يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىينى تەرەققىي قىلدۇرۇش، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتىكى بىر قاتار مۇھىم، زور نەزەرىيەۋى ۋە ئەمەلىي مەسىلىلەرگە چوڭقۇر جاۋاب بېرىلدى. سۆزدە جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىي ۋە خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنىڭ سىياسىي ئىچكى خاس مەزمۇنى، نەزەرىيە ئىچكى خاس مەزمۇنى، ئەمەلىيەت ئىچكى خاس مەزمۇنى بېيىتىلغان ۋە كېڭەيتىلگەن بولۇپ، ئۇ ماركسىزملىق ھەقىقەت كۈچىگە تولغان پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت.

  لى جەنشۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك، ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بايرىقىمىز روشەن ھالدا، قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ ئەڭ يۈكسەك سىياسىي پىرىنسىپنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنىڭ پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە ئېلىپ بېرىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش؛ سىياسىي جەھەتتىكى سەگەكلىك ۋە قەتئىيلىكنى ساقلاپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم سىياسىي تەرەققىيات يولىدىن ئىبارەت بۇ تۈپ يۆنىلىشتە باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇش؛ خەلق دېموكراتىيەسى بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم تۈزۈم ۋاسىتىسىلىك رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇش؛ پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى چوڭ ۋەزىيىتىنى چۆرىدەپ خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قەيەردە بولسا، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى شۇ يەرگىچە يەتكۈزۈش، كۈچنى شۇ يەرگىچە مۇجەسسەملەش، رولىنى شۇ يەردە جارى قىلدۇرۇشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇش؛ خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەپ، ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ۋەكىللىرىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇشنى خەلق ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇشنىڭ مۇھىم نامايەندىسىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك. خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچەپ تۈرتكە بولۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى تېخىمۇ ياخشى ھالدا دۆلەت ئىدارە قىلىش ئۈنۈم ئىقتىدارىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك. خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تىرىشىپ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنى خاتىرجەم قىلىدىغان، خەلق ئاممىسىنى رازى قىلىدىغان سىياسىي ئورگان، دۆلەت ھاكىمىيەت ئورگىنى، خىزمەت ئورگىنى، ۋەكىللەر ئورگىنىنى بەرپا قىلىش كېرەك.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزالىرى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىلىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن كومىتېت باشلىقلىرى، دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارلىرى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مەھكىمە باشلىقى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشتىكى ئالاقىدار رەھبىرىي يولداشلار قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

  ھەرقايسى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتلىرىنىڭ شۇجىلىرى ۋە خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، مۇئاۋىن ئۆلكە دەرىجىلىك شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرىنىڭ مۇدىرلىرى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى ھەرقايسى تارماقلار، ئالاقىدار خەلق تەشكىلاتلىرى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ئورگىنىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ۋە ھەرقايسى مەخسۇس كومىتېتلار، دائىمىي كومىتېتنىڭ خىزمەت كومىتېتلىرىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

  
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ