مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مەخسۇس زىيارەت

ئامېرىكىنىڭ 20 يىللىق «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى» ئېلىپ كەلگەن بۇزغۇنچىلىقىنى مۆلچەرلىگىلى بولمايدۇ — داڭلىق ئىقتىسادشۇناس جېفرى ساكسنى زىيارەت

2021.09.14 22:23 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۇنيادىكى داڭلىق ئىقتىسادشۇناس، ب د ت ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات ھەل قىلىش لايىھەسى تورىنىڭ مۇدىرى جېفرى ساكس يېقىندا مەخسۇس زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «11-سىنتەبىر» تېررورلۇق ھۇجۇمىدىن بۇيان، ئامېرىكىنىڭ «تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇشى» دۇنياغا ئېغىر بالايىئاپەت ئېلىپ كېلىپ، ئامېرىكىنىڭ ئىچكى ۋە خەلقئارا ئىجتىمائىي زىددىيىتىنى چوڭقۇرلاشتۇردى، ئۇنىڭ بەدىلىنى مۆلچەرلىگىلى بولمايدۇ. ئۇ مۇنداق دەپ قارىدى: ئامېرىكا ئۇرۇشقا تايىنىپ ئىچكى زىددىيەتلەرنى ھەل قىلىش ئەمەس، بەلكى ئۇزاق مۇددەتلىك تەرەققىيات سىياسىتىنى تۈزۈپ چىقىشى كېرەك.

  «11-سېنتەبىر» تېررورلۇق ھۇجۇمى ۋەقەسىدىن كېيىن، ئامېرىكا دەرھال «تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇش»نى قانات يايدۇردى، ئۇنىڭ ھەربىي ھەرىكىتى گەرچە بەزى تېررورلۇق كۈچلىرىگە زەربە بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن بەزى رايونلارغا غايەت زور ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى ئېلىپ كەلدى. بۇنىڭغا قارىتا ساكس مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «‹11-سىنتەبىر› غايەت زور جاراھەت قالدۇردى، كۆز ئالدىمىزدا نەچچە مىڭ ئادەم قازا قىلدى، پىسخىكا، مەدەنىيەت، سىياسىي جەھەتتە پەيدا قىلغان تەسىرى ئىنتايىن ئېغىر بولدى، ۋاھالەنكى، كېيىنكى ئۇرۇش يەنە ئامېرىكىغا زىيان سالدى.»

  ساكس مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇش» ئامېرىكىدا ئىقتىساد ۋە خەلق تۇرمۇشىدا چوڭ مەسىلە پەيدا قىلدى، مەسىلەن، مائارىپ ۋە داۋالاش ساھەسىدە، ئامېرىكىنىڭ ئۆزىگە خاس ئىجتىمائىي زىددىيىتىمۇ ئۇرۇشقا ئەگىشىپ كەسكىنلەشتى. ئۇرۇش ئەسلىدە نامراتلارنى يۆلەش، داۋالاش، مائارىپ قاتارلىق جەھەتلەردە ئىشلىتىش كېرەك بولغان بايلىقنى ئىگىلىۋالدى.

  ساكس مۇنداق دەپ قارىدى: «تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇش»قا چېتىشلىق دۆلەتلەر، ھەتتا پۈتۈن دۇنيا ئېغىر بەدەل تۆلىدى. «ئامېرىكا ئەخمىقانە، قانۇنسىز، ئالدامچىلىق خاراكتېرىدىكى ئۇرۇشلارنى قوزغاپ، ھاكىمىيەتلەرنى ھەر تەرەپتىن ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، خەلقئارا سىستېمىدىن كەلسە-كەلمەس پايدىلىنىپ ئۇرۇشخۇمارلىق قىلىپ، خەلقنى بالايىئاپەتكە دۇچار قىلدى، شۇنداقلا ئافغانىستان، ئىراق، سۇرىيە، لىۋىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرىنى ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتتى.»

  ساكس يەنە ئامېرىكىدىكى بەزى ئۇرۇشخۇمارلارنىڭ «ئافغانىستاندىكى نومۇس» ئۈچۈن ئۆچ ئېلىش پۇرسىتى ئىزدەۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئەپسۇسكى، بۇ تارىخ تېخى ئۆتۈپ كەتمىدى، ئامېرىكا دائىم ھەربىي ھەرىكەت ئارقىلىق دۆلەت ئىچىدىكى سىياسىي، ئىقتىسادىي، خەلق تۇرمۇشى كىرىزىسىدىن ئەگىپ ئۆتۈپ كېتىشنى ئويلايدۇ.»

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ