مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئافغانىستاندىن چېكىنىشى كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ جۇڭگو بىلەن رۇسىيەگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈنمۇ؟ ۋاڭ يى ھەقىقىي ئەھۋالنى پاش قىلدى ۋە ئاگاھلاندۇردى

2021.09.06 12:32 مەنبە: خەلق تورى

  ئەسلى تېما: ۋاڭ يى ئىران دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئابدۇللاھىيان بىلەن تېلېفونلاشتى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- سېنتەبر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2021- يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى، دۆلەت ئىشلىرى كومېسسارى، قوشۇمچە دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى ئىراننىڭ يېڭىدىن تەيىنلەنگەن دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئابدۇللاھىيان بىلەن تېلېفونلاشتى.

  ئابدۇللاھىيان ئالدى بىلەن زۇڭتۇڭ رەئىسىنىڭ رەئىس شى جىنپىڭغا يوللىغان سالىمىنى يەتكۈزدى ھەم ئىران بىلەن جۇڭگونىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى تەبرىكلىدى، ئىراننىڭ ئالىي داھىيسى ھامەنەيىنىڭ ئىران بىلەن جۇڭگونىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئىران يېڭى ھۆكۈمىتى «ئاسىيانى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش» دىپلوماتىيە سىياسىتىنى يولغا قويغان بولۇپ، جۇڭگو بۇ سىياسەتنىڭ ئاساسلىق ھەمكارلىق ئوبيېكتى. ئىران-جۇڭگو مۇناسىۋىتى ئىستراتېگىيەلىك ۋە ھەر تەرەپلىمىلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە. ئىككى تەرەپ ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى تۈزگەن لىنىيە خەرىتىسى بويىچە، ئىران بىلەن جۇڭگونىڭ ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىق پىلانىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

  ۋاڭ يى ئابدۇللاھىياننىڭ ئىراننىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرىلىككە تەيىنلەنگەنلىكىنى تەبرىكلىدى ھەمدە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ئالدىنقى ئايدا ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقى پەيتىدە تېلېفونلىشىپ، جۇڭگو-ئىران مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسى يۆنىلىشىنى بەلگىلىدى. جۇڭگو ئىران بىلەن بىرلىكتە ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى دوستانە ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى ئۈزۈكسىز كېڭەيتىپ، يەككە تەرەپچىللىك ۋە زومىگەرلىككە ئورتاق ھەم داۋاملىق قارشى تۇرۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ ھەققانىي ھوقۇق-مەنپەئەتى ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىنى ياخشى قوغداشنى خالايدۇ. جۇڭگو بىلەن ئىراننىڭ ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىق پىلانى ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق ھەم ئۇزاق مۇددەتلىك مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن، ئىككى تەرەپ بۇ جەھەتتە ئالاقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، تەدرىجىي ئەمەلىيلەشتۈرسە بولىدۇ.

  ۋاڭ يى يەنە مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئىراننىڭ «ئاسىيانى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش» دىپلوماتىيە سىياسىتىنى يولغا قويغانلىقىنى ئالقىشلايدۇ ھەمدە جۇڭگو-ئىران مۇناسىۋىتى ئوخشاشلا ئىستراتېگىيەلىككە ئىگە دەپ قارايدۇ، ئىران تەرەپنىڭ جۇڭگونىڭ يادرولۇق مەنپەئەتىگە چېتىلىدىغان ۋە كۆڭۈل بۆلۈدىغان مۇھىم، زور مەسىلىلەردە جۇڭگو تەرەپنى قەتئىي قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىدۇ، جۇڭگو ئىراننىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە مىللەتنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى قوغدىشىنى، ئىران خەلقىنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان سىياسىي تۈزۈم ۋە تەرەققىيات يولىنى تاللىشىنى، ئىران تەرەپنىڭ زومىگەرلىككە قارشى تۇرۇپ، ئۆز دۆلىتىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغدىشىنى ئىلگىرىكىدەكلا قوللايدۇ.

  ۋاڭ يى يەنە مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئىراننىڭ يۇقۇم ئەھۋالىغا تاقابىل تۇرۇشىنى ئىزچىل قوللاپ كەلدى، ئىراننىڭ ۋاكسىنىغا بولغان جىددىي ئېھتىياجىنىمۇ چۈشىنىدۇ. جۇڭگو ئىران خەلقىگە بولغان دوستلۇق مېھرىنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن، بۈگۈنگە قەدەر ۋاكسىنا ھەمكارلىقى ئاساسىدا ئىران تەرەپكە يەنە بىر تۈركۈم ۋاكسىنا ياردەم بېرىدۇ ھەمدە داۋاملىق پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىراننىڭ سېتىۋېلىش ئېھتىياجىنى قاندۇرىدۇ.

  ئابدۇللاھىيان جۇڭگونىڭ ئىرانغا ياردەم بەرگەن ۋاكسىنىسىغا ھەمدە ۋاكسىنا سېتىۋېلىشىغا قولايلىق يارىتىپ بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى. ئابدۇللاھىيان مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يەككە تەرەپچىللىك خەلقئارا تىنچلىق ۋە مۇقىملىققا زور تەھدىت پەيدا قىلىدۇ. ئىران باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىدىغان بارلىق قىلمىشلارغا قارشى تۇرىدۇ ھەمدە جۇڭگونىڭ يادرولۇق ۋە زور مەنپەئەتىگە چېتىلىدىغان مەسىلىلەردە جۇڭگو تەرەپنى داۋاملىق قەتئىي قوللايدۇ.

  ئىككى تەرەپ يەنە ئافغانىستان ۋەزىيىتى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى. ۋاڭ يى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېقىندا، ئافغانىستاندىكى تالىبانلارنىڭ يېڭى ھۆكۈمەت تەشكىللەيدىغانلىقىنى جاكارلىغانلىقىغا دىققەت قىلدۇق. بۇنىڭدىن كېيىن، يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ ئوچۇق ھەم سىغدۇرۇشچان بولۇشىنى، تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن ئۈزۈل-كېسىل ئالاقىنى ئۈزۈپ، ھەرقايسى دۆلەتلەر، بولۇپمۇ قوشنا دۆلەتلەر بىلەن ياخشى مۇناسىۋەت ئورنىتىشىنى ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز. جۇڭگو بىلەن ئىران ئافغانىستاننىڭ ئورتاق قوشنا دۆلىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئالاقىلىشىش ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئافغانىستاننىڭ مۇقىم ئۆتۈشى ۋە تىنچ قايتا قۇرۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشى ئۈچۈن ئىجابىي رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.

  ۋاڭ يى يەنە مۇنداق دېدى: ئامېرىكا ئافغانىستاندىن چېكىنىپ چىققان بولسىمۇ، ئافغانىستاننى تىنچ قايتا قۇرۇشتا باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى بار، تۈرلۈك ۋاسىتىلەردىن پايدىلىنىپ ئافغانىستانغا يېڭى مەسىلە تۇغدۇرۇپ بەرمەسلىكى، يېڭى داۋالغۇش پەيدا قىلماسلىقى ھەم ئەتراپتىكى قوشنا دۆلەتلەرنىڭ ھەققانىي ھوقۇق-مەنپەئەتىنى زىيانغا ئۇچراتماسلىقى كېرەك.

  ۋاڭ يى يەنە مۇنداق دېدى: ئامېرىكا ئافغانىستاندىن ئەسكەر چېكىندۈرۈشتىكى مەقسىتىنىڭ كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ جۇڭگو ۋە رۇسىيەگە تاقابىل تۇرۇش ئىكەنلىكىنى ئېيتقان، بۇ ئۆز مەغلۇبىيىتىگە باھانە ئىزدەش بولۇپلا قالماي، ئامېرىكىنىڭ دۇنيادا زومىگەرلىك سىياسىتىنى داۋاملىق يولغا قويۇشقا ئۇرۇنۇشتەك ماھىيىتىنى يەنە بىر قېتىم ئاشكارىلىدى. ئامېرىكا ئەگەر تېگىشلىك ساۋاقنى ھەقىقىي قوبۇل قىلىپ، تۇتقان يولىنى تەلتۆكۈس ئۆزگەرتمىسە، ئافغانىستاندا ئۆتكۈزگەن خاتالىقىدىن كېيىن تېخىمۇ چوڭ خاتالىق ئۆتكۈزۈپ، ئافغانىستاندىكى مەغلۇبىيەتتىن تېخىمۇ چوڭ مەغلۇبىيەتكە يۈزلىنىدۇ.

  ئابدۇللاھىيان مۇنداق دېدى: ئافغانىستان ۋەزىيىتىدىكى قالايمىقانچىلىقنىڭ تۈپ سەۋەبى ئامېرىكىنىڭ مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالمىغانلىقىدىن بولغان. ئىران تەرەپ ئوخشاشلا ئافغانىستاننىڭ سىغدۇرۇشچان ھۆكۈمەت قۇرۇپ، بارلىق مىللەتلەرنىڭ مەنپەئەتىنى گەۋدىلەندۈرۈشى كېرەك، دەپ قارايدۇ. ئىران تەرەپ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئافغانىستانغا پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى بېرىپ، ئافغانىستان ۋەزىيىتىنىڭ داۋالغۇشى تۈپەيلىدىن مۇساپىرلار دولقۇنى كېلىپ چىقىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا مۇراجىئەت قىلىدۇ. ئىران جۇڭگو بىلەن ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئافغانىستاننىڭ قىيىنچىلىقتىن بالدۇرراق قۇتۇلۇشىغا ياردەم بېرىشنى خالايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ