مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى جاكارلىدى

2021.05.11 09:02 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10 - ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شۇ جاي ۋاقتى 7- ماي، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسقا تاقابىل تۇرۇشنىڭ جۇڭگو دۆلەت دورا گۇرۇھى تەرىپىدىن ئىشلەپچىقىرىلغان بىر خىل ۋاكسىنىسىنى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ جىددىي ئىشلىتىش تىزىملىكىگە كىرگۈزۈدىغانلىقىنى جاكارلىدى، بۇ خىل ۋاكسىنا دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ جىددىي ئىشلىتىش تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن 6- خىل ۋاكسىنا بولۇپ قالدى. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ باش خادىمى تېدروس شۇ كۈنىدىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى جۇڭگو دۆلەت دورا گۇرۇھى جۇڭگو بىيولوگىيەسى بېيجىڭ بىيو ياسالما تەتقىقات ئورنى تەتقىق قىلىپ ياسىغان بىر خىل ۋاكسىنىنى جىددىي ئىشلىتىش تىزىملىكىگە كىرگۈزدى. بۇ خىل ۋاكسىنا دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسىنىڭ بىخەتەرلىكى، ئۈنۈمدارلىقى ۋە سۈپەت توغرىسىدىكى ئۆلچەملىرىنى قاندۇرىدۇ. تېدروس مۇنداق دېدى: بۇ، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى يېتەكچىلىكىدىكى «يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ۋاكسىنىسىنى ئىشلىتىشنى يولغا قويۇش پىلانى»( COVAX )نىڭ دۆلەت دورا گۇرۇھىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ۋاكسىنىسىنى سېتىۋېلىشقا بولىدىغانلىقىدىن، ھەمدە ئالاقىدار دۆلەتلەردىكى دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرىنىڭ بۇ خىل ۋاكسىنىنى تەستىقلاش ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇپ، دۆلەت دورا گۇرۇھى ۋاكسىنىسىنى ئىمپورت قىلىش ۋە ئەملەش سۈرئىتىنى تېزلىتىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى باياناتىدا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو دۆلەت دورا گۇرۇھىنىڭ يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسى ساقلاش ئاسان بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ،ئۇ ئالاھىدىلىك ئۇنى بايلىق كەمچىل بولغان مۇھىتقا ئىنتايىن ماس كېلىدىغان قىلدى. بۇمۇ ۋاكسىنا بوتۇلكىسى كۆزىتىش ئەسۋابى ئېلىپ يۈرگەن تۇنجى ۋاكسىنا بولۇپ، ۋاكسىنا بوتۇلكىسىدىكى كىچىك بەلگىلەر ۋاكسىنىنىڭ قىزىش سەۋەبىدىن رەڭگى ئۆزگىرىپ كەتكەن-كەتمىگەنلىكى ۋە سەھىيە خادىملىرىنىڭ ۋاكسىنىنى بىخەتەر ئىشلىتىشكە بولىدىغان-بولمايدىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلىشىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىدۇ. دۆلەت دورا گوروھىنىڭ ۋاكسىنىنىڭ ساقلاش شارائىتى ئىككى سېلسىيە گىرادۇستىن سەككىز سېلسىيە گىرادۇسقىچە بولۇپ، ھازىر بۇ خىل ۋاكسىنىنىڭ سوغۇق ساقلاش سىستېمىسى بار، ھەتتا ئائىلىدە ئىشلىتىدىغان توڭلاتقۇمۇ ئېھتىياجنى قاندۇرالايدۇ. بۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا، ئامېرىكا مودنېر ۋاكسىنىسىنىڭ ساقلاش تېمپېراتۇرىسى نۆلدىن تۆۋەن 20 سېلسىيە گىرادۇس بولۇپ، خۇيرۇي ۋاكسىنىسىنى يەنە تېخى نۆلدىن تۆۋەن 70 سېلسىيە گىرادۇستا ساقلاشقا توغرا كېلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ