مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى باخ بىلەن تېلېفونلاشتى

2021.05.08 13:37 مەنبە: خەلق تورى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 7-ماي خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى باخ بىلەن تېلېفونلاشتى.

  شى جىنپىڭ باخنىڭ خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسلىكىگە ئۇدا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى ھەم مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس باخنىڭ رەھبەرلىكىدە، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ كۈچىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ئولىمپىك تەنھەرىكىتىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولدى. يېڭى تاجىسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى تارقالغاندىن بۇيان، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى نۇرغۇن خىزمەتلەرنى ئىشلەپ، دۇنيانىڭ ئىتتىپاقلىشىپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىغا ئاكتىپ كۈچ قوشتى. يۇقۇم ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى قاتارلىق تەنتەربىيە كاتتا يىغىنلىرىغا زور تەسىر كۆرسەتتى. جۇڭگو خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىغا داۋاملىق ماسلىشىپ، توكيو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈشنى قوللايدۇ. جۇڭگو خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى بىلەن ۋاكسىنا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ بىخەتەر مۇسابىقىگە قاتنىشىشىنى قوغدايدىغان ئۈنۈملۈك توساقنى ئورتاق بەرپا قىلىشنى خالايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆز قەرەلىدە ئۆتكۈزۈش نىشانىنى چۆرىدەپ، تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرى سۈرۈۋاتىدۇ. نۆۋەتتە، بارلىق مۇسابىقە مەيدان-سارايلىرىنىڭ ھەممىسى پۈتتى، مۇسابىقە تەشكىللەش ۋە مەيدان-سارايلارنى يۈرۈشتۈرۈش تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇلدى، مۇسابىقە مۇلازىمىتىگە كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتى تېز ئىلگىرى سۈرۈلدى، تەشۋىق قىلىش، كېڭەيتىش ۋە مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈلدى. جۇڭگو قار ئۈستى تۈرى، مۇز ئۈستى تۈرىنى سىناش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، مۇسابىقە ئۆتكۈزۈشكە چېتىلىدىغان ھالقىلىق ئامىللارنى ئۈنۈملۈك تەكشۈردى. جۇڭگو كېيىنكى يېرىم يىللىق تۈرلۈك سىناق مۇسابىقىلەرنى ياخشى تەشكىللەيدۇ، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە تېخىمۇ پۇختا ئاساس سالىدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ كاتتا مەرىكىسى، دۇنيا تەنھەرىكەتچىلىرىنىڭ ئادىل ماھارەت كۆرسىتىش سەھنىسى. خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە تەييارلىق قىلىشنى پائال قوللىغانلىقى ۋە ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىمەن. جۇڭگو بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئۆز قەرەلىدە مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈشىگە تولۇق ئىشىنىدۇ، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى ۋە خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىرلىكتە، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلار ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ ئاددىي، بىخەتەر، ئېسىل ئولىمپىك كاتتا مەرىكىسى بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى خالايدۇ.

  باخ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگونىڭ ھەر قايسى ساھەلەردىكى تەرەققىياتتا قولغا كەلتۈرگەن پەخىرلىك نەتىجىلىرىنى تەبرىكلەيمەن. بولۇپمۇ جۇڭگو باشلامچىلىق بىلەن يېڭى تاجىسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك تاقابىل تۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنى ئالدى بىلەن ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، دۇنيانىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقى ۋە ئىقتىسادنىڭ ئەسلىگە كېلىشىدە مۇھىم يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇردى. خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى جۇڭگو بىلەن بولغان ياخشى ھەمكارلىققا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، جۇڭگو بىلەن ۋاكسىنا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ. نۆۋەتتە بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تەييارلىق خىزمىتى مۇھىم باسقۇچتا تۇرماقتا. خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى «ئولىمپىك خارتىيەسى»دە چىڭ تۇرۇپ، ئولىمپىك تەنھەرىكىتىنى سىياسىيلاشتۇرۇشقا قارشى تۇرىدۇ، جۇڭگو بىلەن داۋاملىق زىچ ھەمكارلىشىپ، جۇڭگونىڭ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆز قەرەلىدە ئۆتكۈزۈشىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللايدۇ. بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ دۇنياغا يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتىكى ئۈلگىلىك كۈچىنى نامايان قىلىپ، دۇنيا قار-مۇز تەنھەرىكىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئولىمپىك تەنھەرىكىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ