مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىن ئاچتى

2021.05.06 21:46 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي ۋەزىيەت ۋە ئىقتىساد خىزمىتىنى تەھلىل قىلدى، تەتقىق قىلدى، 3 - قېتىملىق مەملىكەت بويىچە دۆلەت زېمىنىنى تەكشۈرۈش ئاساسىي ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلاپ ئۆتتى، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ تەشكىلات خىزمىتى نىزامى»غا قاراپ چىقتى

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 4 - ئاينىڭ 30 - كۈنى يىغىن ئېچىپ، نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي ۋەزىيەت ۋە ئىقتىساد خىزمىتىنى تەھلىل قىلدى، تەتقىق قىلدى؛ 3 - قېتىملىق مەملىكەت بويىچە دۆلەت زېمىنىنى تەكشۈرۈش ئاساسىي ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلاپ ئۆتتى؛ «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ تەشكىلات خىزمىتى نىزامى»غا قاراپ چىقتى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا مۇنداق قارالدى: بۇ يىلدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلار يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، ماكرولۇق سىياسەتنى كۈچلۈك يولغا قويۇپ، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە تۈرتكە بولۇشتا كۆرۈنەرلىك نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى، ئىقتىسادىي ئايلىنىشنىڭ باشلىنىشى ياخشى بولدى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا يېڭى نەتىجە - ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: 1 - پەسىلدىكى ئىقتىسادىي سانلىق مەلۇماتلارغا دىيالېكتىك مۇئامىلە قىلىش كېرەك، ھازىر ئىقتىسادنىڭ ئەسلىگە كېلىشى تەكشى ئەمەس، ئاساسى مۇقىم - تۇراقلىق ئەمەس. مۇقىم ئېشىش بېسىمى بىرقەدەر كىچىك بولۇۋاتقان كۆزنەك مەزگىلىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئىقتىسادنىڭ مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىشقا قاراپ يۈزلىنىشىگە تۈرتكە بولۇپ، زېھنى كۈچنى مۇجەسسەملەپ تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىش، دۆلەت ئىچى، خەلقئارادىن ئىبارەت قوش ئايلىنىشتىكى توسۇق نۇقتىلارنى راۋانلاشتۇرۇپ، «14 - بەش يىل» مەزگىلىدە دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى سىجىل ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا كۈچەپ تۈرتكە بولۇپ، ئاخىرىدىمۇ باشتىكىدەكلا ئېھتىياتچان بولۇپ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى ياخشى تۇتۇش كېرەك. ماكرولۇق سىياسەتنى دەل جايىدا يۈرگۈزۈپ، ماكرولۇق سىياسەتنىڭ داۋاملىشىشچانلىقى، مۇقىملىقلىقى، ئىمكانىيەتلىك سىجىللىقىنى ساقلاپ، جىددىي بۇرۇلۇش قىلماي، ۋاقىت، ئۆلچەم، ئۈنۈمنى ياخشى ئىگىلەپ، ئاساسنى مۇستەھكەملەپ روھ يېتىلدۈرۈپ، كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىنى مۇۋاپىق ئارىلىقتا ساقلاپ، ئىقتىسادنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش داۋامىدا تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك تەڭپۇڭلۇقنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ئاكتىپ مالىيە سىياسىتىنى پۇختا، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ «ئۈچ كاپالەت» تۆۋەن چېكىنى تولۇق مۇستەھكەملەپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى ئەلالاشتۇرۇشتىكى قوزغىتىش رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. مۇقىم، ساغلام پۇل سىياسىتىنىڭ ئوبوروت خاراكتېرلىك مۇۋاپىق، يېتەرلىك بولۇشىنى ساقلاپ، ئەمەلىي ئىقتىساد، نۇقتىلىق ساھەلەر، ئاجىز ھالقىلارنى قوللاشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ مۇۋاپىق تەڭپۇڭ سەۋىيەدە ئاساسىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇشىنى ساقلاش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: كەسىپلەرنى ئەلالاشتۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە يېتەكچىلىك قىلىپ، دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك پەن - تېخنىكا كۈچىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، سانائەت ئالاقە تورىنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كەسىپلەرنى رەقەملەشتۈرۈشنى تېزلىتىش كېرەك. كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش، كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇش خىزمىتىنى تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى ئېنېرگىيەنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك. دۆلەت ئىچى ئېھتىياجىنى تېز ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ياسىمىچىلىق سېلىنمىسى ۋە پۇقرالار سېلىنمىسىنىڭ تېزرەك ئەسلىگە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلەتنىڭ مۇھىم، زور تۈرلىرىگە يەر ئىشلىتىش قاتارلىق مۇھىم ئامىللار كاپالىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئورتاق بېيىش ھەرىكەت پىروگراممىسىنى تۈزۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شەھەر - يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئومۇميۈزلۈك ئاشۇرۇش ئارقىلىق ئىچكى ئېھتىياجنى سىجىل كېڭەيتىشكە تىرەك بولۇش كېرەك. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، دۆلەت ئىلكىدىكى كارخانىلار ئىسلاھاتىنىڭ ئۈچ يىللىق ھەرىكەت لايىھەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىيات مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، تۈرلۈك يۇقىرى سەۋىيەلىك ئوچۇق سۇپا قۇرۇشنى تېزلىتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئىقتىساد، پۇل مۇئامىلە خەۋپ - خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، يەرلىك پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى مەسئۇللۇقىدىكى مالىيە، پۇل مۇئامىلە خەۋپ - خەتىرىنى بىر تەرەپ قىلىش مېخانىزمىنى ئورنىتىش كېرەك. سۇپا ئىقتىسادىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، ئادىل رىقابەتنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش سىياسىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار قاتارلىق نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ياخشى ئىشلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش داۋامىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلغان نوپۇسنىڭ تۇرمۇشىنى سىجىل ياخشىلاپ، مۇھىم خەلق تۇرمۇشى تاۋارلىرى تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە باھاسىنى مۇقىملاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. ئۆينى پۇل تېپىش ۋاسىتىسى قىلىۋالماي، تۇرالغۇ قىلىش نىشانىدا چىڭ تۇرۇپ، كاپالەتلىك ئىجارە ئۆي ۋە ئورتاق مۈلۈك ھوقۇقىغا ئىگە تۇرالغۇ تەمىناتىنى كۆپەيتىپ، مەكتەپ رايونىدىكى ئۆي قاتارلىق ناملار بىلەن ئۆي باھاسىنى ئۆستۈرۈۋېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى قەتئىي بوشاشماي ياخشى تۇتۇش كېرەك. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىن ئىبارەت بۇ كىرىچنى باشتىن - ئاخىر چىڭىتىپ، سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىچكى جەھەتتە قايتا كۆرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ۋاكسىنا ئەملەشنى ياخشى تۇتۇپ، خەلقئارا بىرلىشىپ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: 3 - قېتىملىق مەملىكەت بويىچە دۆلەت زېمىنىنى تەكشۈرۈش يېقىنقى يىللاردىن بۇيان قانات يايدۇرۇلغان بىر قېتىملىق مۇھىم، زور دۆلەت ئەھۋالى، دۆلەت كۈچىنى تەكشۈرۈش، شۇنداقلا پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىدىن كېيىن بىرتۇتاش قانات يايدۇرۇلغان تەبىئىي بايلىق ئاساسىنى تەكشۈرۈش بولۇپ، تەكشۈرۈشتە ئىنكاس قىلىنغان مەسىلىلەرگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىش، چوڭقۇر تەھلىل قىلىش، قاراتمىلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ ھەقىقىي تۈردە تېزدىن ھەل قىلىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئەڭ قاتتىق بولغان تېرىلغۇ يەرنى قوغداش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ، يېزىلارنىڭ يەر ئىشلىتىش ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، تەڭشەپ، ھەرقايسى جايلارنىڭ تېرىلغۇ يەرلەرنى ساقلاش مىقدارى ۋە مەڭگۈلۈك ئاساسلىق دېھقانچىلىق ئېتىزلىرىنى قوغداش ۋەزىپىسىنى بېكىتىپ، تېرىلغۇ يەرلەرنىڭ تولۇقلىما نىسبىتى تەڭپۇڭلۇقىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، ئۇزاق مۇددەت مۇقىم پايدىلىنىشقا بولىدىغان تېرىلغۇ يەر ئومۇمىي مىقدارىنىڭ قايتا ئازىيىپ كەتمەسلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. يەرلىك ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت تەڭ مەسئۇل بولۇشنى يولغا قويۇپ، تۈرلۈك قانۇن ۋە بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا تېرىلغۇ يەرنى ئىگىلىۋېلىش ياكى تېرىلغۇ يەرنى باشقا ئىشقا ئىشلىتىش قىلمىشلىرىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، تېرىلغۇ يەرنى «يېزا ئىگىلىكىدىن باشقا ئىشلارغا ئىشلىتىش»نى توسۇپ، «ئاشلىقتىن باشقا ئىشلارغا ئىشلىتىش»نى قاتتىق باشقۇرۇپ - تىزگىنلەپ، تېرىلغۇ يەرنى قوغداش جەھەتتە قىل دېگەننى قىلمىغانلار، قىلما دېگەننى قىلغانلار، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغانلار، مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغانلارنىڭ جاۋابكارلىقىنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. سىستېما قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى قاتلامدىن پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش پىلانلاش كېرەك. تېجەشلىك، تۈجۈپىلىك بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭىدىن كۆپىيىدىغان قۇرۇلۇش يەرلىرىنىڭ كۆلىمىنى مۇۋاپىق بېكىتىپ، يەرنى ئېچىش، پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. شەھەر - يېزىلاردىكى ساقلانما قۇرۇلۇش يەرلىرىنى ئېچىش، پايدىلىنىشقا داۋاملىق تۈرتكە بولۇپ، ھۆكۈمەت يېتەكلەيدىغان، بازار قاتنىشىدىغان شەھەر - بازارلاردىكى ئىشلىتىلىش ئۈنۈمى تۆۋەن يەرلەرنى قايتا ئېچىش سىياسەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. يەردىن پايدىلىنىش ئۆلچىمى ۋە تېجەشلىك، تۈجۈپىلىك يەر ئىشلىتىشنى باھالاشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يەر تېجەش ئەندىزىسىنى زور كۈچ بىلەن ئومۇملاشتۇرۇش كېرەك. تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن ئورتاق بەھرىلىنىش، پايدىلىنىشنى كۈچەيتىپ، مۇشۇ ئاساستا دۆلەت زېمىنى بوشلۇقىنى پىلانلاشنى ياخشى ئىشلەپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقى، مۇھىت سۈپىتى تۆۋەن چېكى، بايلىقتىن پايدىلىنىش يۇقىرى چېكىنى تەڭشەش ھەم يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك. بايلىق، دۆلەت ئەھۋالى تەشۋىقات تەربىيەسىنى يەنىمۇ چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ بايلىقنى تېجەش، پايدىلىنىش ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: تەشكىلىي جەھەتتە چىڭ بولۇش پارتىيەنىڭ شەرەپلىك ئەنئەنىسى ۋە ئۆزگىچە ئەۋزەللىكى، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ تەشكىلات خىزمىتى نىزامى»نى تۈزۈپ چىقىرىش پارتىيەنىڭ تەشكىلات خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىش، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش، تەشكىلات خىزمىتىنى تۈزۈملەشتۈرۈش، قېلىپلاشتۇرۇش، ئىلمىيلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش، تەشكىلات خىزمىتىنىڭ سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: يېڭى دەۋردىكى تەشكىلات خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تەشكىلىي لۇشيەن سىياسىي لۇشيەن ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە رەھبەرلىكىنى تەشكىلات خىزمىتىنىڭ ھەرقايسى جەھەتلىرىنىڭ پۈتۈن جەريانىدا ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك. پارتىيەنىڭ تەشكىلات سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ مەركەزلىك، بىرلىككە كەلگەن تەشكىلىي تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، قوغداپ، يۇقىرى - تۆۋەن تۇتاشقان، ئىجراسى كۈچلۈك بولغان تەشكىلات سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي رەھبەرلىك ئىقتىدارى، ئىدىيەۋى يېتەكچىلىك ئىقتىدارى، ئاممىنى تەشكىللەش ئىقتىدارى، جەمئىيەتكە قارىتا چاقىرىق كۈچىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك. پارتىيە كادىرلارنى باشقۇرۇش پىرىنسىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ياخشى كادىر ئۆلچىمىدە چىڭ تۇرۇپ، ئەخلاقلىق ھەم قابىلىيەتلىك بولۇش، ئەخلاقنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، ھەر يەر - ھەر جايدىن بولۇش، ئىختىساسلىقلارنى تاللاپ ئىشلىتىشتە چىڭ تۇرۇش، توغرا ئادەم تاللاش، ئادەم ئىشلىتىش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، كۈچەپ سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان يۇقىرى ساپالىق كەسىپلەشكەن كادىرلار قوشۇنى قۇرۇپ چىقىش كېرەك. پارتىيە ئىختىساسلىقلارنى باشقۇرۇش پىرىنسىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىلمىي، قېلىپلاشقان، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان، يۈرۈشۈشى يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولغان ئىختىساسلىقلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىدارە قىلىش سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، ۋەتەننى سۆيۈپ، جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىدىغان، باتۇرلۇق بىلەن يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىشقا ئىرادە باغلىغان مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلار قوشۇنىنى تىرىشىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېت(پارتىيە گۇرۇپپىلىرى)لىرى تەشكىلات خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇشتىكى رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن زىممىسىگە ئېلىپ، سىستېمىلىق پىلانلاش، بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇش، ئۆتكەلنى ئىگىلەپ يۆنىلىشنى بېكىتىشنى كۈچەيتىپ، تەشكىلاتنى كۈچەيتىش، بەنزىنى تۇتۇش، قوشۇننى يېتەكلەش، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، تەشكىلات خىزمىتى ئۈچۈن ياخشى شارائىت ھازىرلىشى، ياخشى مۇھىت يارىتىشى كېرەك.

  يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار تەتقىق قىلىندى.

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ