مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ كۇبا كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 1-شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى دىئاز كانېل بىلەن تېلېفونلاشتى

2021.05.07 12:21 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7 - ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 5-ئاينىڭ 6-كۈنى كۇبا كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 1-شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى دىئاز كانېل بىلەن تېلېفونلاشتى.

  شى جىنپىڭ جۇڭگو كومپارتىيەسى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن كۇبا كومپارتىيەسى مەملىكەتلىك 8-قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلغانلىقىنى ۋە دىئاز كانېلنىڭ كۇبا كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 1-شۇجىلىقىغا سايلانغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم تەبرىكلىدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كۇبا كومپارتىيەسىنىڭ 8-قۇرۇلتىيىدا نۆۋەتتىكى ۋە بۇندىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى كۇبا پارتىيەسى ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئىستراتېگىيەلىك پىلانلاندى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇلدى، بۇ كۇبانىڭ سوتسىيالىزم ئىشلىرىدا زور ئەھمىيەتكە ئىگە. شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، بىرىنچى شۇجى دىئاز كانېل باشچىلىقىدىكى يېڭى بىر نۆۋەتلىك كۇبا كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، كۇبا پارتىيەسى ۋە ھۆكۈمىتى كۇبا خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، كۈرەش قىلىشقا يېتەكلەپ، كۇباچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىدا يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرىدۇ. شى جىنپىڭ دىئاز كانېلدىن يولداش رائۇل كاستروغا سەمىمىي سالام يوللىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن كۇبا ياخشى دوستلار، ياخشى يولداشلار، ياخشى قېرىنداشلار، ئورتاق غايە ئېتىقاد بىزنى زىچ باغلاپ تۇرىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مەن سىز بىلەن يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو-كۇبا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى توغرىسىدا نۇرغۇن ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدۇق. بۇ يىل جۇڭگو كومپارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى ۋە جۇڭگو «14-بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى يولغا قويۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلىغان يىل، شۇنداقلا فىدېل كاسترو كۇبا ئىنقىلابىنىڭ سوتسىيالىستىك خاراكتېرگە ئىگە ئىكەنلىكىنى جاكارلىغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى ۋە كۇبا ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئەندىزىنى يېڭىلاشنى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈپ، گۈللەنگەن، ئىمكانىيەتلىك سىجىل سوتسىيالىستىك دۆلەت قۇرۇشتا مۇھىم قەدەم باسقان بىر يىل. يېڭى ۋەزىيەتتە، مەن سىز بىلەن جۇڭگو-كۇبا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشىگە بولغان يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو-كۇبا دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى مۇستەھكەملەپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، سوتسىيالىزم ئىشلىرى ئۈچۈن بىرلىكتە يېڭى مەنزىل ئېچىپ، يېڭى تۆھپە قوشۇشنى خالايمەن. جۇڭگو كومپارتىيەسى كۇبا كومپارتىيەسى بىلەن زور نەزەرىيەۋى ۋە ئەمەلىي مەسىلىلەردە ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بېرىش ھەمدە مۇھاكىمە قىلىشنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ. بىز «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنى پۇرسەت بىلىپ، ئىككى تەرەپنىڭ ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايمىز. جۇڭگو كۇبا بىلەن زور خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرىدە قويۇق ئالاقە ۋە ماسلىشىشنى ساقلاپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، ئادىللىقى ۋە ھەققانىيلىقىنى قەتئىي قوغدايدۇ. جۇڭگو كۇبانىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە مۇستەقىللىقىنى قوغدىشىنى، ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان سوتسىيالىزم يولىدا مېڭىشىنى ئاۋۋالقىدەكلا قوللاپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرىدۇ.

  دىئاز كانېل رائۇل كاسترونىڭ شى جىنپىڭغا يوللىغان ياخشى تىلىكىنى يەتكۈزدى، كۇبا كومپارتىيەسىنىڭ 8-قۇرۇلتىيىغا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى نۇقتىلىق ئۇقتۇردى، ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كۇبا كومپارتىيەسىنىڭ 8-قۇرۇلتىيىدا كۇبانىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى، كۇبا كومپارتىيەسىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە كادىرلار سىياسىتى قاتارلىق مەسىلىلەر مەركەزلىك مۇزاكىرە قىلىنىپ، كۇبانىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئەندىزىسىنى يېڭىلاش ئۈچۈن يېڭى پىلان ۋە سىياسەت تۈزۈلۈپ، كۇبانىڭ سوتسىيالىزم يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇش ئېتىقادى چىڭىتىلدى.

  دىئاز كانېل جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ 100 يىلدىن بۇيان جۇڭگو خەلقىگە رەھبەرلىك قىلىپ قولغا كەلتۈرگەن تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە، بولۇپمۇ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، جۇڭگونىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشتا قولغا كەلتۈرگەن غايەت زور نەتىجىلىرىگە يۇقىرى باھا بەردى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، جۇڭگونىڭ تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرەلەيدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. دىئاز كانېل جۇڭگونىڭ ئۇزۇندىن بۇيان كۇبانىڭ ھەققانىيەت ئىشلىرىنى قەتئىي قوللىغانلىقىغا، جۈملىدىن كۇبانىڭ يېڭى تاجىسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشىغا ۋاقتىدا ياردەم بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى، كۇبانىڭ بىر جۇڭگو سىياسىتىنى قەتئىي قوللايدىغانلىقى، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىدىغان بارلىق قىلمىشلارغا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى، كۇبا كومپارتىيەسىنىڭ جۇڭگو كومپارتىيەسى بىلەن دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، كۇبا-جۇڭگو ئىقتىساد ـ سودا ئارىلاشما كومىتېتى قاتارلىق مېخانىزملاردىن ياخشى پايدىلىنىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش قاتارلىق ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز راۋاجلاندۇرۇشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ