مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى بىلەن خەلق قۇرۇلتىيى ئورگىنىدىكى پارتىيەلىك كادىرلار بىرلىكتە پارتىيە تارىخى كونسۇلتاتسىيە دوكلاتىنى ئاڭلىدى

لى جەنشۇ قاتناشتى

2021.05.08 20:14 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى بىلەن خەلق قۇرۇلتىيى ئورگىنىدىكى پارتىيەلىك كادىرلار 7-ماي چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭدا پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى مەخسۇس كونسۇلتاتسىيە دوكلاتىنى ئاڭلىدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى لى جەنشۇ يىغىنغا قاتناشتى.

  مەركەز لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، مەركەز پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت تەتقىقات يۇرتىنىڭ باشلىقى چۈ چىڭشەن تەكلىپكە بىنائەن دوكلات بەردى. دوكلاتتا «پارتىيەنىڭ 100 يىللىق تارىخىدىن ئەقىل-پاراسەت ۋە كۈچ-قۇۋۋەت ئېلىش» تېما قىلىنىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى سەپەرۋەرلىك يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈش چۆرىدىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىغا بىرلەشتۈرۈلۈپ، پۈتۈن پارتىيەدە پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتى شەرھلەندى؛ پارتىيە تارىخى ئاساسىي ئەسەرلىرىنى ياخشى ئۆگىنىش ۋە ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىشنى چۆرىدەپ، 100 يىلدىن بۇيان پارتىيەمىزنىڭ خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ بېسىپ ئۆتكەن شانلىق مۇساپىسى، قولغا كەلتۈرگەن شانلىق نەتىجىلىرى ئەسلەپ ئۆتۈلدى، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى ۋە جەزمەن چوڭقۇر ئىگىلەشكە تېگىشلىك مۇھىم نۇقتىسى تونۇشتۇرۇلدى، بۇ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئورگىنىنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى يەنىمۇ ئەمەلىيلەشتۈرۈش، چوڭقۇرلاشتۇرۇش، قەلبلەرگە سىڭدۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، نەزەرىيە يېتەكچىلىكى رولىنى جارى قىلدۇردى.

  دوكلات يىغىنىغا قاتناشقان يولداشلار مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى پۈتۈن يىللىق مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بېكىتكەن نىشان-ۋەزىپە، ئۆگىنىش مەزمۇنى، خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە ئەسلىي مەقسەت-بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، باشلامچىلىق بىلەن چوڭقۇر ئۆگىنىپ، چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ئۈزلۈكسىز ھالدا «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەيمىز.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرىدىن ۋاڭ چېن، ساۋ جيەنمىڭ، جاڭ چۈنشيەن، شېن يۆيۆ، جى بىڭشۈەن، ئەركىن ئىمىرباقى، ۋاڭ دۇڭمىڭ، بەيما چىلىن، ياڭ جېنۋۇ قاتناشتى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئورگىنى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى، مۇئاۋىن باش كاتىپلار، مەخسۇس كومىتېتلارنىڭ شۆبە پارتگۇرۇپپىلىرىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، ئورگاندىكى قىسمەن پارتىيەلىك كادىرلار دوكلات يىغىنىغا قاتناشتى. چۈشتىن كېيىن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى دوكلات تېمىسىنى چۆرىدەپ مەخسۇس مۇزاكىرە قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ