جۇڭگو بوشلۇق پونكىتىنىڭ تيەنخې يادرولۇق بۆلۈمچىسىنى قويۇپ بېرىش ۋەزىپىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى

2021.05.06 09:21 مەنبە: خەلق تورى

  شى جىنپىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

  لى كېچياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ بېيجىڭدا قويۇپ بېرىش ئەمەلىي ئەھۋالىنى كۆردى

  4 - ئاينىڭ 29 - كۈنى سائەت 11 دىن 23 مىنۇت ئۆتكەندە، جۇڭگو بوشلۇق پونكىتىنىڭ تيەنخې يادرولۇق بۆلۈمچىسى دۆلىتىمىزنىڭ ۋېنچاڭ ئالەم قاتنىشى قويۇپ بېرىش مەيدانىدا قويۇپ بېرىلىپ بوشلۇققا كۆتۈرۈلۈپ، ئالدىن بەلگىلەنگەن ئوربىتىغا دەل جايىدا كىردى، ۋەزىپە مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇندالدى. □

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جاڭ لىيۈن فوتوسى

  تەبرىك تېلېگراممىسى

  ئادەملىك ئالەم قاتنىشى قۇرۇلۇشى بوشلۇق پونكىتىنىڭ باسقۇچلۇق ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىش باش قوماندانلىق ئىشتابىغا ھەم تيەنخې يادرولۇق بۆلۈمچىسىنى قويۇپ بېرىش ۋەزىپىسىدە تەتقىق قىلىشقا، سىناق قىلىشقا قاتناشقان ھەرقايسى ئورۇنلارغا ۋە بارلىق يولداشلارغا:

  بوشلۇق پونكىتىنىڭ تيەنخې يادرولۇق بۆلۈمچىسىنى قويۇپ بېرىش ۋەزىپىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان پەيتتە، مەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن سىلەرنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن ۋە سىلەرگە سەمىمىي سالام يوللايمەن!

  بوشلۇق پونكىتى قۇرۇش، دۆلەت ئالەم بوشلۇقى تەجرىبىخانىسى قۇرۇش دۆلىتىمىزنىڭ ئادەملىك ئالەم قاتنىشى قۇرۇلۇشىدىكى «ئۈچ قەدەم بويىچە مېڭىش» ئىستراتېگىيەسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم نىشان، پەن - تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى، ئالەم قاتنىشى كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشتىكى مۇھىم يېتەكچى خاراكتېرلىك قۇرۇلۇش. تيەنخې يادرولۇق بۆلۈمچىسىنى قويۇپ بېرىشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقى دۆلىتىمىز بوشلۇق پونكىتى قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش باسقۇچىغا كىرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ، بۇ شۇنداقلا كېيىنكى باسقۇچلۇق ۋەزىپىلەرنى قانات يايدۇرۇشقا پۇختا ئاساس سالدى. سىلەرنىڭ «ئىككى بومبا، بىر سۈنئىي ھەمراھ» روھى ۋە ئادەملىك ئالەم قاتنىشى روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئۆز كۈچۈڭلارغا تايىنىپ، ئۆزۈڭلارنى قۇدرەت تاپقۇزۇپ، يېڭىلىق يارىتىپ ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، بوشلۇق پونكىتى قۇرۇش ۋەزىپىسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن!

  شى جىنپىڭ

  2021 - يىلى 4 - ئاينىڭ 29 - كۈنى

  ( شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 - ئاينىڭ 29 - كۈنى تېلېگراممىسى)

  4 - ئاينىڭ 29 - كۈنى سائەت 11 دىن 23 مىنۇت ئۆتكەندە، جۇڭگو بوشلۇق پونكىتىنىڭ تيەنخې يادرولۇق بۆلۈمچىسى قويۇپ بېرىلىپ بوشلۇققا كۆتۈرۈلۈپ، ئالدىن بەلگىلەنگەن ئوربىتىغا دەل جايىدا كىردى، ۋەزىپە مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇندالدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن ئادەملىك ئالەم قاتنىشى قۇرۇلۇشى بوشلۇق پونكىتىنىڭ باسقۇچلۇق ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىش باش قوماندانلىق ئىشتابى ھەم تيەنخې يادرولۇق بۆلۈمچىسىنى قويۇپ بېرىش ۋەزىپىسىدە تەتقىق قىلىشقا، سىناق قىلىشقا قاتناشقان ھەرقايسى ئورۇنلار ۋە بارلىق يولداشلارنى قىزغىن تەبرىكلىدى ۋە ئۇلارغا سەمىمىي سالام يوللىدى.

  شى جىنپىڭ تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بوشلۇق پونكىتى قۇرۇش، دۆلەت ئالەم بوشلۇقى تەجرىبىخانىسى قۇرۇش دۆلىتىمىزنىڭ ئادەملىك ئالەم قاتنىشى قۇرۇلۇشىدىكى «ئۈچ قەدەم بويىچە مېڭىش» ئىستراتېگىيەسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم نىشان، پەن - تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى، ئالەم قاتنىشى كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشتىكى مۇھىم يېتەكچى خاراكتېرلىك قۇرۇلۇش. تيەنخې يادرولۇق بۆلۈمچىسىنى قويۇپ بېرىشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقى دۆلىتىمىز بوشلۇق پونكىتى قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش باسقۇچىغا كىرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ، بۇ شۇنداقلا كېيىنكى باسقۇچلۇق ۋەزىپىلەرنى قانات يايدۇرۇشقا پۇختا ئاساس سالدى. سىلەرنىڭ «ئىككى بومبا، بىر سۈنئىي ھەمراھ» روھى ۋە ئادەملىك ئالەم قاتنىشى روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئۆز كۈچۈڭلارغا تايىنىپ، ئۆزۈڭلارنى قۇدرەت تاپقۇزۇپ، يېڭىلىق يارىتىپ ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، بوشلۇق پونكىتى قۇرۇش ۋەزىپىسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن!

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ خۇنىڭ بېيجىڭ ئالەم قاتنىشى ئۇچۇشنى كونترول قىلىش مەركىزىدە قويۇپ بېرىش ئەمەلىي ئەھۋالىنى كۆردى.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ يوۋشيا خەينەن ۋېنچاڭ ئالەم قاتنىشى قويۇپ بېرىش مەيدانى نەق مەيدانىدا شى جىنپىڭنىڭ تەبرىك تېلېگراممىسىنى ئوقۇدى.

  ليۇ خې، شۈ چىلياڭ، شياۋ جيې، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئەزالىرىدىن لى زوچېڭ، مياۋ خۇا، جاڭ شېڭمىن بېيجىڭ ئالەم قاتنىشى ئۇچۇشنى كونترول قىلىش مەركىزىدە قويۇپ بېرىشنى كۆردى.

  جۇڭگو بوشلۇق پونكىتى جۇڭگونىڭ مۇستەقىل، ئۆز ئالدىغا ياساپ ئىشقا كىرىشتۈرگەن ئادەملىك بوشلۇق پونكىتى بولۇپ، تيەنخې يادرولۇق بۆلۈمچىسى، ۋېنتيەن تەجرىبە بۆلۈمچىسى، مېڭتيەن تەجرىبە بۆلۈمچىسىدىن ئىبارەت ئۈچ بۆلۈمچە بۆلىكىدىن تەركىب تاپقان. تيەنخې يادرولۇق بۆلۈمچىسى بوشلۇق پونكىتىنىڭ باشقۇرۇش ۋە كونترول قىلىش مەركىزى بولۇپ، قويۇپ بېرىپ ئوربىتىغا كىرگۈزۈلگەن بوشلۇق پونكىتىنىڭ تۇنجى بۆلۈمچە بۆلىكى ھېسابلىنىدۇ. ۋەزىپە ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، بوشلۇق پونكىتىنى 2022 - يىلى ئوربىتىدا قۇرۇشنى تاماملاپ، يەرگە يېقىن بوشلۇقتا ئىلمىي تەجرىبە، تېخنىكا سىنىقىغا ئادەم قاتنىشىش ۋە ئالەم بوشلۇقى بايلىقىدىن ئۇنىۋېرسال ئېچىپ پايدىلىنىشنى ئۇزاق مۇددەت قانات يايدۇرۇش ئىقتىدارىنى ھازىرلاپ، ئەمەلىي قوللىنىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش باسقۇچىغا ئۆتۈش پىلانلاندى.

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ