مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 29- قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە مۇنداق تەكىتلىدى

ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتىدىغان زامانىۋىلىشىشنى تىرىشىپ بەرپا قىلىش كېرەك

2021.05.06 11:19 مەنبە: خەلق تورى

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 4 - ئاينىڭ 30 - كۈنى چۈشتىن كېيىن يېڭى ۋەزىيەتتە دۆلىتىمىزنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدا 29 - قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش بىلەن ئىقتىسادىي تەرەققىيات دىيالېكتىك بىرلىككە ئىگە بولۇپ، بىر - بىرىنى تولۇقلاپ، بىر - بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى بەرپا قىلىپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق ئايلانما تەرەققىياتقا تۈرتكە بولغاندا، خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا بولغان ئېھتىياجنى قاندۇرۇپلا قالماي، يەنە تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك، تېخىمۇ ئادىل، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل، تېخىمۇ بىخەتەر بولغان تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئىشلەپچىقىرىش تەرەققىي قىلغان، تۇرمۇش باياشات، ئېكولوگىيەسى ياخشى مەدەنىيلىك تەرەققىيات يولىدا ماڭغىلى بولىدۇ. «14 - بەش يىل» مەزگىلىدە، دۆلىتىمىزنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى كاربون قويۇپ بېرىشنى تۆۋەنلىتىشنى مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك يۆنىلىش قىلغان، بۇلغىما چىقىرىشنى ئازايتىش، كاربون قويۇپ بېرىشنى تۆۋەنلىتىشتە ھەمكارلىشىپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولىدىغان، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سۈپىتىنى ياخشىلاشتا سان ئۆزگىرىشىدىن سۈپەت ئۆزگىرىشىگە ئۆتۈشنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان ئاچقۇچلۇق مەزگىلگە كىردى. يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتۈش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى پىلانلاپ، بايلىق تېجەش ۋە مۇھىت قوغداشتىن ئىبارەت ئاساسىي دۆلەت سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، تېجەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، قوغداشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، تەبىئىي ئەسلىگە كېلىشنى ئاساس قىلىش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، بايلىق تېجەيدىغان ۋە مۇھىت قوغدايدىغان بوشلۇق ئەندىزىسى، كەسىپ قۇرۇلمىسى، ئىشلەپچىقىرىش شەكلى، تۇرمۇش شەكلىنى شەكىللەندۈرۈپ، بۇلغىنىشنى تۈزەش، ئېكولوگىيەنى قوغداش، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى سىجىل ياخشىلاشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتىدىغان زامانىۋىلىشىشنى تىرىشىپ بەرپا قىلىش كېرەك.

  ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىنىستىرلىقى مۇھىت پىلانلاش يۇرتىنىڭ باشلىقى يولداش ۋاڭ جىننەن بۇ مەسىلىنى چۈشەندۈردى، خىزمەت تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى. مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلار ئۇنىڭ چۈشەندۈرۈشىنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى ھەم مۇھاكىمە قىلدى.

  شى جىنپىڭ ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلغاندا سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، بىز پارتىيەنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىغا بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى پۈتۈن ۋەزىيەت خىزمىتىدە گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق، قۇمنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تۈزەپ، بىر قاتار تۈپ خاراكتېرلىك، ئىجادىي خاراكتېرلىك، ئۇزاق مۇددەتلىك خىزمەتلەرنى قانات يايدۇردۇق، ئىرادىمىزنىڭ زورلۇقى، سالمىقىمىزنىڭ زورلۇقى، نەتىجە - ئۈنۈمىمىزنىڭ زورلۇقى مىسلىسىز بولدى، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدا تونۇشتىن ئەمەلىيەتكىچە تارىخىي خاراكتېرلىك، بۇرۇلۇش خاراكتېرلىك، پۈتۈن ۋەزىيەت خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش بولدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، دۆلىتىمىزنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى يەنىلا نۇرغۇن زىددىيەت ۋە خىرىسقا دۇچ كەلدى. ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە ياخشىلاش ئۇزاق مۇددەت جاپاغا چىداپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغان جەريان بولۇپ، بىراقلا ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولمايدۇ، جەزمەن قەتئىي بوشاشماي، جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: دۆلىتىمىز بەرپا قىلىدىغان سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش نۇرغۇن مۇھىم ئالاھىدىلىككە ئىگە، بۇنىڭ ئىچىدىكى بىرى شۇكى، دۆلىتىمىزنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇشى ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتىدىغان زامانىۋىلىشىش بولۇپ، ماددىي مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى ۋە ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ماس قەدەمدە ئالغا سىلجىتىشقا ئەھمىيەت بېرىلىدۇ. قەتئىي بوشاشماي يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق ئايلانما تەرەققىيات ئىقتىساد سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. بۇلغىما چىقىرىشنى ئازايتىش، كاربون قويۇپ بېرىشنى تۆۋەنلىتىشتە ھەمكارلىشىپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى باش تۇتقا قىلىپ، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى، ئېنېرگىيە قۇرۇلمىسىنى، قاتناش - تىرانسپورت قۇرۇلمىسىنى، يەر ئىشلىتىش قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشكە تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىش كېرەك. دۆلەت زېمىن بوشلۇقىنى پىلانلاش ۋە ئىشلىتىشنى باشقۇرۇش - تىزگىنلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش، ئاساسىي ئېتىز - ئېرىق، شەھەر - بازارلارنى ئېچىش قاتارلىق بوشلۇقنى باشقۇرۇش - تىزگىنلەش پاسىلىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاساسىي فۇنكسىيەلىك رايون ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقىنى بېكىتىش ۋە ئۇنى قاتتىق ساقلاش كېرەك. بايلىقتىن پايدىلىنىشتىن ئىبارەت بۇ مەنبەنى چىڭ تۇتۇپ، بايلىق ئومۇمىي مىقدارىنى باشقۇرۇش، ئىلمىي تەقسىملەش، ئومۇميۈزلۈك تېجەش، ئايلانما پايدىلىنىشنى ئالغا سىلجىتىپ، بايلىقتىن پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش كېرەك. كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشتىن ئىبارەت بۇ مۇھىم ھالقىنى چىڭ تۇتۇپ، ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەر، يۇقىرى تېخنىكىلىق كەسىپلەر، زامانىۋى مۇلازىمەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىشكە تۈرتكە بولۇپ، ئېنېرگىيەدىن پاكىز، تۆۋەن كاربونلۇق، بىخەتەر، يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشقا تۈرتكە بولۇپ، كاربون قويۇپ بېرىش سىجىللىقىنى داۋاملىق تۆۋەنلىتىش كېرەك. يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇشنى قوللاش، يېشىل تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى قوللاش كېرەك. كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش، كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش دۆلىتىمىزنىڭ دۇنياغا بەرگەن تەنتەنىلىك ۋەدىسى، شۇنداقلا بىر مەيدان كەڭ كۆلەملىك ھەم چوڭقۇر بولغان ئىقتىساد، جەمئىيەت ئۆزگىرىشى بولۇپ، ھەرگىزمۇ ئاسانلا ئىشقا ئاشۇرغىلى بولمايدۇ. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر تۆمۈر، تاشتا ئىز قالدۇرىدىغان غەيرەت بىلەن ۋاقىت جەدۋىلى، يول خەرىتىسى، قۇرۇلۇش خەرىتىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى بايلىقتىن يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش ۋە يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىيات ئاساسىغا قويۇشى كېرەك. تەلەپكە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان يۇقىرى سەرپىياتلىق، كۆپ بۇلغىما چىقىرىدىغان تۈرلەرنى قەتئىي ئەمەلدىن قالدۇرۇۋېتىشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈزەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى چوڭقۇر ياخشى قىلىپ، پۇقرالارنىڭ ئەتراپىدىكى گەۋدىلىك ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مەسىلىلىرىنى مەركەزلىك كۈچەپ ھەل قىلىپ، پۇقرالارغا ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سۈپىتىنىڭ ياخشىلانغانلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇش كېرەك. بۇلغىنىشنى دەل جايىدا تۈزەش، بۇلغىنىشنى ئىلمىي تۈزەش، بۇلغىنىشنى قانۇن بويىچە تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، سالماقنى ساقلاپ، چوڭقۇرلۇق دەرىجىسىنى ئاشۇرۇپ، كەڭلىك دەرىجىسىنى كېڭەيتىپ، كۆك ئاسمان، سۈزۈك سۇ، پاكىز تۇپراقنى قوغداش جېڭىنى سىجىل ياخشى قىلىش كېرەك. كۆپ خىل بۇلغىمىنى ھەمكارلىشىپ تىزگىنلەش ۋە رايونلار ھەمكارلىشىپ تۈزەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئۇششاق دانچىلار ۋە ئوزوننى ھەمكارلىشىپ تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، ھاۋانىڭ ئېغىر دەرىجىدە بۇلغىنىشىنى ئاساسىي جەھەتتىن تۈگىتىش كېرەك. سۇ بايلىقى، سۇ مۇھىتى، سۇ ئېكولوگىيەسىنى تۈزەشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئاھالىلەرنىڭ ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكىنى ئۈنۈملۈك قوغداپ، شەھەرلەردىكى قارا، سېسىق سۇلارنى قەتئىي تۈزەش كېرەك. تۇپراق بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈزەشنى ئالغا سىلجىتىپ، يېزا ئىگىلىكىگە ئىشلىتىلىدىغان يەر ۋە قۇرۇلۇشقا ئىشلىتىلىدىغان يەرلەرنىڭ تۇپراق بۇلغىنىش خەۋپ - خەتىرىنى ئۈنۈملۈك باشقۇرۇش - تىزگىنلەش كېرەك. ئەخلەتنى تۈرگە ئايرىش ۋە مىقدارىنى ئازايتىش، بايلىققا ئايلاندۇرۇشنى يولغا قويۇپ، يېڭى بۇلغىمىلارنى تۈزەشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. بۇلغىمىنى تۈزەشنىڭ يېزا - بازار، يېزىلارغا كېڭىيىشىگە تۈرتكە بولۇپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ دائىرىلىك بۇلغىنىشىنى تۈزەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئېكولوگىيە سىستېمىسىنىڭ سۈپىتى ۋە مۇقىملىقىنى ئۆستۈرۈپ، سىستېما قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، ئېكولوگىيە سىستېمىسىنىڭ بىر پۈتۈنلۈكىنى چىقىش قىلىپ، تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق، قۇمنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، ھەر تەرەپلىمە تۈزەش، سىستېمىلىق تۈزەش، مەنبەدىن تۈزەشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. دۆلەت باغچىسىنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان تەبىئىي مۇھاپىزەت يېرى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، تەبىئىي مۇھاپىزەت يېرى، ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ئېكولوگىيە مەھسۇلاتلىرىنىڭ قىممىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش، ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە تېگىشلىك نەتىجىگە ئېرىشتۈرۈپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا بۇزغۇنچىلىق قىلغانلارغا مۇناسىپ بەدەل تۆلەتكۈزۈش كېرەك. چۆللىشىش، شېغىللىشىش، سۇ - تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىشىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەشنى ئىلمىي ئالغا سىلجىتىپ، دۆلەت زېمىنىنى كەڭ كۆلەمدە كۆكەرتىش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇش كېرەك. ئوتلاق، ئورمان، دەريا، ئېقىن، كۆللەرنى ئاسراش، كۆپەيتىشنى يولغا قويۇپ، چاڭجياڭ دەرياسىدا بېلىق تۇتۇشنى ئون يىل مەنئى قىلىشنى ياخشى يولغا قويۇش، تېرىلغۇ يەرلەرنى شۈدىگەر قىلىش، نۆۋەتلەشتۈرۈپ تېرىش تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداشتىن ئىبارەت مۇھىم، زور قۇرۇلۇشنى يولغا قويۇپ، سىرتتىن كىرگەن تۈرلەرنى باشقۇرۇش - تىزگىنلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، «جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى ئەھدىنامىسى» بويىچە 15 - قېتىملىق ئەھدىنامە تۈزۈشكەن تەرەپلەر يىغىنىنى ياخشى ئۆتكۈزۈش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يەر شارىۋى ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتقا پائال تۈرتكە بولۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، يەر شارىۋى مۇھىتنى تۈزەشكە پائال قاتنىشىپ، پۈتۈن يەر شارىنى تېخىمۇ كۆپ ئاممىۋى مەھسۇلات بىلەن تەمىنلەپ، دۆلىتىمىزنىڭ مەسئۇلىيەتچان چوڭ دۆلەتلىك ئوبرازىنى نامايان قىلىش كېرەك. جەنۇب - جەنۇب ھەمكارلىقى ھەمدە ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنى چامىمىزنىڭ يېتىشىچە مەبلەغ، تېخنىكا مەدىتى بىلەن تەمىنلەپ، مۇھىتنى تۈزەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە ياردەم بېرىپ، يېشىل «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش كېرەك. ئورتاق لېكىن پەرقى بولغان مەسئۇلىيەت پىرىنسىپى، ئادىللىق پىرىنسىپى ۋە ئۆز ئىقتىدارىغا قاراش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، كۆپ تەرەپچىللىكنى قەتئىي قوغداش، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قەتئىي قوغداش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى تۈزەش سىستېمىسى ۋە تۈزەش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، پارتىيە كومىتېتى رەھبەرلىك قىلىدىغان، ھۆكۈمەت يېتەكچىلىك قىلىدىغان، كارخانا سۇبيېكت بولغان، جەمئىيەت تەشكىلاتلىرى ۋە ئاۋام ئورتاق قاتنىشىدىغان مۇھىت تۈزەش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ پىلانلاش، بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئورۇنلاشتۇرما قىلىش، بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىش، بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ باھالاش تۈزۈم مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش كېرەك. ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، يېشىل تەرەققىياتنى قانۇن ۋە سىياسەت كاپالىتىگە ئىگە قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش، ئېنېرگىيە تېجەپ بۇلغىمىنى ئازايتىشتىكى چەكلىمە خاراكتېرلىك كۆرسەتكۈچلەرنى باشقۇرۇشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۇقىم مالىيە مەبلەغ سېلىنمىسى مېخانىزمىنى ئورنىتىش ۋە تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. بۇلغىما چىقىرىش ئىجازىتى تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، بۇلغىما چىقىرىش ھوقۇقى، ئېنېرگىيە ئىشلىتىش ھوقۇقى، سۇ ئىشلىتىش ھوقۇقى، كاربون قويۇپ بېرىش ھوقۇقىنى بازارلاشتۇرۇش سودىسىنى ئالغا سىلجىتىپ، خەۋپ - خەتەرنى باشقۇرۇش - تىزگىنلەش مېخانىزمىنى ئورنىتىش ۋە تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. ئومۇمىي خەلقنىڭ تېجەش ئېڭى، مۇھىتنى قوغداش ئېڭى، ئېكولوگىيە ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ئاددىي، تېجەشلىك، مۇۋاپىق، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تۇرمۇش شەكلىنى تەشەببۇس قىلىپ، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇشنى ئومۇمىي خەلقنىڭ ئاڭلىق ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىغا بولغان سىياسىي مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، بۇيرۇق - تەلەپنى جەزمەن ئىجرا قىلىشنى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى تۈرلۈك تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم بېرىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ