مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى

ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنىڭ مۇقىم تەرەققىياتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈش ئورۇنلاشتۇرۇلدى؛ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىقتىسادىي تەپتىش قانۇنى (تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن لايىھەسى)» ماقۇللاندى

2021.05.07 19:26 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 5-ئاينىڭ 6-كۈنى گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنىڭ مۇقىم تەرەققىياتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈش ئورۇنلاشتۇرۇلدى؛ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىقتىسادىي تەپتىش قانۇنى (تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن لايىھەسى)» ماقۇللاندى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە تەرەققىيات ئومۇمىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتىكى ئەڭ مۇھىم ۋەزىپە. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جايلاردىكى ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى تۇتۇپ، ئاشلىقتىن ئۇدا مول ھوسۇل ئالدى، مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەش يېتەرلىك بولۇپ، دانلىق زىرائەتلەردە ئاساسىي جەھەتتىن ئۆزىنى ئۆزى تەمىنلەش، ئاشلىقنىڭ مۇتلەق بىخەتەرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ مۇقىم تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ زەربىسىگە ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇش قاتارلىقلارنى پۇختا تىرەك بىلەن تەمىنلىدى. بۇ يىل ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىش ئاساسى بىرقەدەر ياخشى بولدى، كۈزگى بۇغداي كۆلىمى يېقىنقى تۆت يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئېشىپ، بۇلتۇر ۋە ئادەتتىكى يىللاردىن ياخشى ئۆستى، يازلىق ئاشلىقتىن يەنە مول ھوسۇل ئېلىشتىن ئۈمىد بار. ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئوڭۇشلۇق بولدى، چىلگە شال كۆلىمى مۇقىم بولدى. پۈتۈن يىلدا ئاشلىقنىڭ مۇددىئا تېرىلغۇ كۆلىمى يەنىمۇ كېڭەيدى، بۇنىڭ ئىچىدە كۆممىقوناق كۆلىمى ئالدىنقى يىلدىكىدىن كۆپەيدى. يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: بىرىنچىدىن، ئاشلىقتىن مۇقىم مول ھوسۇل ئېلىشنى قىلچە بوشاشماي ياخشى تۇتۇش كېرەك. شال، بۇغداينىڭ ئەڭ تۆۋەن سېتىۋېلىش باھاسى، كۆممىقوناق، سېرىق پۇرچاق ئىشلەپچىقارغۇچىلارغا تولۇقلىما بېرىش قاتارلىق سىياسەتلەرنى مۇقىملاشتۇرۇپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۈچ چوڭ ئاشلىق زىرائىتى تولۇق تەننەرخ سۇغۇرتىسى ۋە كىرىم سۇغۇرتىسىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، دېھقانلارنى ئاشلىق تېرىپ پۇل تاپالايدىغان قىلىش كېرەك. مەركەز خامچوتى ئىچىدىكى سېلىنما، ئۆلكە دەرىجىلىك بىرتۇتاش پىلانلايدىغان يەرنى ھەقلىق بېرىش پايدىسىنى ئىشلىتىش قاتارلىقلارنى ئاشلىق كۆپ چىقىدىغان ناھىيەلەرگە مايىللاشتۇرۇش كېرەك. يەرلىكنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئېتىز-ئېرىق پەرۋىشى ۋە يازلىق يىغىم، يازلىق تېرىلغۇنى كۈچەيتىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، تېخنىكا مۇلازىمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىپ، يېزا ئىگىلىكىدىكى ئېغىر، زور كېسەللىك، ھاشارات زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى گەۋدىلىك ياخشى تۇتۇش كېرەك. كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەش كېرەك. ئىككىنچىدىن، ئاشلىق سېتىۋېلىش، زاپاس ساقلاش ۋە بازار ئارقىلىق تەڭشەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، تەمىنلەشكە ۋە باھانىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئاشلىقنى ئامباردا ساقلاش ئەشيا ئوبوروتى ئەسلىھەلىرىنى ياخشىلاپ، ئاشلىق زاپىسى كۆلىمى قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇش كېرەك. بازار مېخانىزمىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، تەمىنلەش يوللىرىنى بېيىتىپ، تەمىنلەش يېتەرلىك، تۈرى كۆپ خىل بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاشلىق بازىرىنىڭ مۇقىم ئايلىنىشىنى ساقلاش كېرەك. ئۈچىنچىدىن، تېرىلغۇ يەرنى قوغداش ۋە سۈپەت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. يېڭى بىر نۆۋەتلىك يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشى يىرىك پىلانىنى يولغا قويۇپ، بۇ يىل قۇرغاقچىلىقتىمۇ، ھۆلچىلىكتىمۇ ھوسۇل ئالغىلى بولىدىغان، يۇقىرى، مۇقىم ھوسۇللۇق، يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىزدىن 100 مىليون مو بەرپا قىلىش كېرەك. تېرىلغۇ يەرنىڭ ئىشلىتىلىش ئورنىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تېرىلغۇ يەرنى «يېزا ئىگىلىكىدىن باشقا ئىشقا ئىشلىتىش»نى قەتئىي توسۇپ، «ئاشلىقتىن باشقا ئىشقا ئىشلىتىش»نى قاتتىق باشقۇرۇپ-تىزگىنلەپ، 1 مىليارد 800 مىليون مو تېرىلغۇ يەر قىزىل سىزىقىنى قاتتىق ساقلاش كېرەك. يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشنىڭ پەن-تېخنىكا تىرىكىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مەۋقەنى دۆلەت ئەھۋالىغا قويۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېھتىياجىنى چۆرىدەپ ئىلمىي، ئەمەلىيەتچىل بولۇش روھى بىلەن ئۆتكەلگە كۈچەپ ھۇجۇم قىلىپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش كېرەك. شال، بۇغداينىڭ سۈپىتى ۋە دادۇر يېغىنىڭ مىقدارىنى ئاشۇرۇپ، ئەلا سۈپەتلىك كۆكتات سورتلىرىنى يېتىشتۈرۈپ، مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ بىرلىك مەھسۇلاتى ۋە بازارغا لايىقلىشىش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، سۈت كالىسىنىڭ سۈت مىقدارى ۋە گۆش كالىسىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بازار كۈچىنى تولۇق قوزغاپ، پەن تەتقىقات ئاپپاراتلىرى، ئالىي مەكتەپلەر بىلەن كارخانا، دېھقان ئائىلىلىرىنىڭ ھەمكارلىشىپ يېڭىلىق يارىتىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. تاۋارلاشقان سورت يېتىشتۈرۈش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۇرۇقچىلىق كارخانىلىرىنى يېتىشتۈرۈپ ۋە زورايتىپ، ئەمەلىي، يۇقىرى ئۈنۈملۈك يېزا ئىگىلىك ماشىنا-ئۈسكۈنىلىرىنى تەتقىق قىلىپ ياساش ۋە كېڭەيتىشكە مەدەت بېرىش كېرەك. پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق يېزا ئىگىلىكىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  يىغىندا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىقتىسادىي تەپتىش قانۇنى (تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن لايىھەسى)» ماقۇللاندى. لايىھەدە ئىقتىسادىي تەپتىشلىك ئاساسىي تۈزۈمى ئۆزگەرتىلمەي، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇن رامكىسى ئاستىدا ئىقتىسادىي تەپتىش دائىرىسى كېڭەيتىلىپ، ھۆكۈمەت مەبلەغ سالغان قۇرۇلۇش تۈرلىرىدىن باشقا زور ئاممىۋى قۇرۇلۇش تۈرى، دۆلەت بايلىقى، دۆلەت مۈلكى، ئاممىۋى مەبلەغ ۋە يەرلىك بانكا قاتارلىقلارغا بولغان ئىقتىسادىي تەپتىش نازارەتچىلىكى بەلگىلىمىلىرى قوشۇلۇپ، ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش، نازارەت قىلىش ۋاسىتىسى كۈچەيتىلىپ، تەپتىش نازارەتچىلىكىنىڭ مۇستەقىللىقى ۋە ئىناۋىتى ئاشۇرۇلۇپ، ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىنغۇچى ئورۇنلاردىن بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا ئىقتىسادىي تەپتىشلىكتە بايقالغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىش ئېنىق تەلەپ قىلىندى؛ ئىقتىسادىي تەپتىش ئورگىنى تۈزىتىش ئەھۋالىنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈپ، تۈزىتىشنى رەت قىلغان ياكى تۈزەتكەندە ساختىپەزلىك قىلغانلارنىڭ جاۋابكارلىقىنى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈشى كېرەك.

  يىغىندا لايىھەنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇش قارار قىلىندى.

  يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇزاكىرە قىلىندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ