مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خەن جېڭ خېبېي شيۇڭئەن يېڭى رايونىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا ھەم بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېينى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچقاندا مۇنداق تەكىتلىدى

يىرىك پىلان بويىچە يۇقىرى ئۆلچەم، يۇقىرى سۈپەتتە شيۇڭئەن يېڭى رايونىنى قۇرۇپ، بېيجىڭنىڭ پايتەختكە خاس بولمىغان فۇنكسىيەسىنى پائال، پۇختا، تەرتىپلىك تارقاقلاشتۇرۇش كېرەك

2021.04.30 19:09 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خەن جېڭ 4-ئاينىڭ 28-كۈنى خېبېي شيۇڭئەن يېڭى رايونىغا بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېينى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ۋە يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يىرىك پىلان بويىچە يۇقىرى ئۆلچەم، يۇقىرى سۈپەتتە شيۇڭئەن يېڭى رايونىنى قۇرۇپ، بېيجىڭنىڭ پايتەختكە خاس بولمىغان فۇنكسىيەسىنى پائال، پۇختا، تەرتىپلىك تارقاقلاشتۇرۇش كېرەك.

  خەن جېڭ شيۇڭئەن يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولىغا كېلىپ، يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول ۋە يۈرۈشلەشكەن ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشىنىڭ تىجارەت ئەھۋالىنى تەكشۈردى؛ رۇڭدۇڭ تەۋەلىك رايونى شيۇڭئەن سودا مۇلازىمەت مەركىزى تۈرى ۋە جىنخۇ باغچىسى تۈرى نەق مەيدانىغا بېرىپ، تۈر قۇرۇلۇشىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى، رۇڭدۇڭ تەۋەلىك رايونى ئورۇنلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىدى؛ بېيجىڭ 4-ئوتتۇرا شيۇڭئەن مەكتەپ رايونى تۈر قۇرۇلۇشى نەق مەيدانىغا كىرىپ، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ شيۇڭئەندە مەكتەپ ۋە دوختۇرخانا قۇرۇش قاتارلىق ئاچقۇچ تاپشۇرۇش تۈرلىرىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى تەكشۈردى؛ قوزغىتىش رايونىنىڭ ئالىي مەكتەپ باغچە رايونىنى تاللاش ئورۇن بۆلىكىگە كېلىپ، ئالىي مەكتەپ باغچە رايونى، دوختۇرخانا قاتارلىقلارنىڭ ئورنىنى تاللاش ۋە خىزمەتلەرنى ئۇدۇللاشتۇرۇش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى.

  جۇڭگو سۈنئىي ھەمراھ تور گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى شيۇڭئەن يېڭى رايونىغا ماكانلاشقان تۇنجى مەركەز كارخانىسى. خەن جېڭ شىركەتنىڭ تاللىماقچى بولغان ئورنىغا كېلىپ، شىركەتنىڭ شيۇڭئەن يېڭى رايونىدا كەسىپنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە قۇرۇلۇش لايىھەلەش تەپەككۇرى قاتارلىق ئەھۋاللار توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئاڭلىدى، شىركەتنىڭ شيۇڭئەن يېڭى رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى بىلەن ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىغانلىقىغا گۇۋاھ بولدى ھەم شىركەتنىڭ يوپۇقىنى ئاچتى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شىركەتنىڭ مەركەز كارخانىلىرىغا ئۈلگە بولۇپ، شيۇڭئەننىڭ تەرەققىياتى، دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  خەن جېڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: مەركەزدىكى ئالاقىدار تارماقلار، ئورۇنلار ۋە بېيجىڭ شەھىرى، خېبېي ئۆلكىسى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەۋقەنى ئومۇمىيەتكە قويۇپ، بېيجىڭنىڭ پايتەختكە خاس بولمىغان فۇنكسىيەسىنى تارقاقلاشتۇرۇش ۋە شيۇڭئەن يېڭى رايونىنى پىلانلاش، قۇرۇشنى پۇختا، كۈچلۈك ئالغا سىلجىتتى، نەتىجىلەرنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە ئەرزىيدۇ. شيۇڭئەن يېڭى رايونى بېيجىڭنىڭ پايتەختكە خاس بولمىغان فۇنكسىيەسى ۋە قۇرۇلۇشىنى ماس قەدەمدە ئىلگىرى سۈرۈش باسقۇچىغا كىردى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى تۈپ مىزان قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە جاسارەت بىلەن تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  خەن جېڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېينىڭ ماس تەرەققىيات نىشانى ئايدىڭ بولۇشى، يېتەكچى ئىدىيەسى ئېنىق بولۇشى كېرەك، مەيلى ماكرولۇق مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىشتا بولسۇن ياكى مىكرو تۈرلەرنى پىلانلاشتا بولسۇن، بېيجىڭنىڭ پايتەختكە خاس بولمىغان فۇنكسىيەسىنى تارقاقلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ مۇھىم ھالقىنى باشتىن-ئاخىر پۇختا ئىگىلەش كېرەك. شيۇڭئەن يېڭى رايونى بېيجىڭنىڭ پايتەختكە خاس بولمىغان فۇنكسىيەسىنى تارقاقلاشتۇرۇشنى مەركەزلىك ئۈستىگە ئالغان جاي، ئالدى بىلەن ساقلانما مىقدارنى قوبۇل قىلىش كېرەك، چوقۇم ئېغىر-يېنىك، جىددىي-جىددىي ئەمەسلىكىنى ئېنىق ئايرىپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، بېيجىڭدىكى قىسمەن ئالىي مەكتەپلەر، دوختۇرخانىلار، مەركەز كارخانىلىرى باش ئىشتابى قاتارلىقلارنى شيۇڭئەن يېڭى رايونىغا تارقاقلاشتۇرۇشنى تۈركۈمگە بۆلۈپ ئالغا سىلجىتىش كېرەك. مائارىپ، داۋالاش، ئىجتىمائىي كاپالەت، تۇرالغۇ قاتارلىق تارقاقلاشتۇرۇش سىياسەتلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شيۇڭئەن يېڭى رايونىنىڭ تارقاقلاشتۇرىدىغان ئورۇنلار ۋە خادىملارغا بولغان جەلپ قىلىش كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

  «پىلاننى ئاخىرغىچە تۈزۈش»تە چىڭ تۇرۇپ، تۈر قۇرۇلۇشىنى يىرىك پىلان بويىچە قاتتىق ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. تۈر قۇرۇلۇشىنىڭ قانۇنىيىتىگە ھۆرمەت قىلىپ، سۈپەتنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، سۈرئەتنى سۈپەتكە بويسۇندۇرۇش، بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپى قالدۇرماسلىق كېرەك. ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، يېشىل تەرەققىي قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، بەيياڭديەننىڭ بۇلغىنىشىنى تۈزەش ۋە ئېكولوگىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قوغداشنى ياخشى تۇتۇش كېرەك. پاكلىق ئىدىيەسىنى شيۇڭئەن يېڭى رايونى قۇرۇلۇشىغا باشتىن-ئاخىر سىڭدۈرۈپ، پۈتۈن جەرياننى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تىرىشىپ پاكلىق قۇرۇلۇشى بەرپا قىلىپ، پاك شيۇڭئەن بەرپا قىلىش كېرەك.

  خې لىفېڭ ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ