مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«1 - ماي» خەلقئارا ئەمگەكچىلەر بايرىمى يېتىپ كېلىش پەيتىدە

شى جىنپىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى كەڭ ئەمگەكچى ئاممىنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىدى ۋە ئۇلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى

2021.05.06 21:46 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  «1 - ماي» خەلقئارا ئەمگەكچىلەر بايرىمى يېتىپ كېلىش پەيتىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن پۈتۈن مەملىكەتتىكى كەڭ ئەمگەكچى ئاممىنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىدى ۋە ئۇلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بۇ يىل «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان يولغا قويۇلغان، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسى باشلانغان تۇنجى يىل، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى. كەڭ ئەمگەكچى ئامما قىيىنچىلىققا قارشى ئالغا ئىلگىرىلەپ، جان تىكىپ ئېلىشىپ، ئۆزىنى بېغىشلاپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى قاتارلىق پايدىسىز تەسىرلەرنى يېڭىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئەمگەك بەخت يارىتىدۇ، ئەمەلىي ئىشلەش ئۇلۇغ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىدۇ. كەڭ ئەمگەكچى ئاممىنىڭ ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى روھى، ئەمگەك روھى، ھۈنەرۋەن روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىجتىھات بىلەن ئىجاد قىلىپ، باتۇرلۇق بىلەن كۈرەش قىلىپ، ئاساسىي قوشۇنلۇق رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۇلۇغ ئىشلىرىغا ئاتلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر كەڭ ئەمگەكچى ئاممىنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى تولۇق قوزغاپ، كەڭ ئەمگەكچى ئاممىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى ھەقىقىي كاپالەتلەندۈرۈپ، كەڭ ئەمگەكچى ئاممىنىڭ يېڭى دەۋردە تېخىمۇ ياخشى تۆھپە قوشۇپ ئۇلۇغ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشىنى قوللىشى ۋە ئۇنىڭغا ئىلھام بېرىشى كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ