مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تۈركمەنىستان زۇڭتۇڭى بەردىمۇھەممەدوف بىلەن تېلېفونلاشتى

2021.05.07 12:22 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7 - ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 5-ئاينىڭ 6-كۈنى كەچتە تۈركمەنىستان زۇڭتۇڭى بەردىمۇھەممەدوف بىلەن تېلېفونلاشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن تۈركمەنىستان دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن بۇيان، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدە نۇرغۇن «بىرىنچىلىك»لەر بارلىققا كەلدى، ئىككى دۆلەت ھەقىقىي ئىشەنچلىك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلار. جۇڭگو-تۈركمەنىستان ھەمكارلىقىغا ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ يۈرەك قېنى ۋە ئەقىل-پاراسىتى مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ ھەسسىلەپ قەدىرلىشىگە ئەرزىيدۇ. بۇ يىل جۇڭگو كومپارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى، شۇنداقلا تۈركمەنىستان مۇستەقىل بولغانلىقىنىڭ 30 يىللىقى، كېلەر يىلى يەنە ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى كۈتۈۋالىدۇ. ئىككى تەرەپ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ھەمكارلىقنى ئومۇميۈزلۈك كېڭەيتىپ، ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىغا يېڭى ھاياتىي كۈچ ئاتا قىلىپ، جۇڭگو بىلەن تۈركمەنىستاننىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى، گۈللىنىشىگە زور كۈچ قوشۇشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تەبىئىي گاز ھەمكارلىقى جۇڭگو-تۈركمەنىستان مۇناسىۋىتىدە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىشنىڭ روشەن ئىپادىسى. جۇڭگو ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىك ۋە يىراق كەلگۈسى نۇقتىسىدىن مۇئامىلە قىلىدۇ، تۈركمەنىستان بىلەن يىراققا نەزەر سېلىپ، كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ، تەبىئىي گاز قاتارلىق ئېنېرگىيە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، باشقا ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى زور كۈچ بىلەن كېڭەيتىپ، تۈركمەنىستاننىڭ تېخىمۇ كۆپ ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ سودا قۇرۇلمىسىنى سەرخىللاشتۇرۇپ، ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، رەقەم، ئاۋىياتسىيە، ئالەم قاتنىشى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىشنى خالايدۇ. جۇڭگو تۈركمەنىستان بىلەن جۇڭگونىڭ چوڭ بازىرى ئېلىپ كەلگەن پۇرسەتتىن تەڭ بەھرىمەن بولۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق تەرەققىياتى ۋە گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى خالايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن تۈركمەنىستان يېڭى تاجىسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش جەھەتتە بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ، قىيىنچىلىقلارنى بىرلىكتە يېڭىپ، دۇنيانىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى. نۆۋەتتە، يەر شارىنىڭ يۇقۇم ۋەزىيىتى يەنىلا كۆڭۈلدىكىدەك ئەمەس، ۋاكسىنا يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتىكى ئۈنۈملۈك توساق. جۇڭگو تۈركمەنىستان بىلەن يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش، بولۇپمۇ ۋاكسىنا ھەمكارلىقىنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇپ، خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى ئورتاق قوغداپ، ئىنسانىيەت سەھىيە ساغلاملىق ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.

  بەردىمۇھەممەدوف مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە تۈركمەنىستان-جۇڭگو مۇناسىۋىتى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇر تەرەققىي قىلماقتا. تۈركمەنىستان جۇڭگونىڭ تۈركمەنىستاننىڭ مەڭگۈلۈك بىتەرەپلىك سىياسىتىنى يولغا قويۇشىنى قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىدۇ، جۇڭگونىڭ دۇنيا تىنچلىقى، خەۋپسىزلىكى، مۇقىملىقىنى قوغداش، شۇنداقلا ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق تەرەققىياتى ۋە گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن كۆرسەتكەن پائال تىرىشچانلىقىغا ئاپىرىن ئوقۇيدۇ. تۈركمەنىستان جۇڭگو بىلەن بولغان چوڭقۇر دوستلۇققا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ ھەم قەدىرلەيدۇ، يۈكسەك ئىشىنىش روھى بويىچە، جۇڭگو بىلەن داۋاملىق بىر-بىرىنى قوللاپ، يوشۇرۇن كۈچلەرنى يەنىمۇ قېزىپ، تەبىئىي گاز، ئىقتىساد-سودا، چېگرا ھالقىغان تىرانسپورت، داۋالاش -سەھىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئادىمىيەت ئالاقىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ.

  جۇڭگونىڭ تۈركمەنىستاننىڭ يېڭى تاجىسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشىغا قىممەتلىك ياردەم بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىدۇ، جۇڭگو بىلەن بىرلىكتە يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ