مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 28-قېتىملىق يىغىنى بېيجىڭدا يېپىلدى

2021.04.30 19:08 مەنبە: خەلق تورى

  يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى، يېمەكلىك ئىسراپچىلىقىغا قارشى تۇرۇش قانۇنى قاتارلىقلار ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى، خۇاڭ مىڭنى جىددىي ئىشلارنى باشقۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرلىقىغا تەيىنلەش قارار قىلىندى

  شى جىنپىڭ رەئىس پەرمانى ئىمزالىدى

  لى جەنشۇ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 28-يىغىنى 29-ئاپرېل چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا يېپىلدى. يىغىندا ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى، يېمەكلىك ئىسراپچىلىقىغا قارشى تۇرۇش قانۇنى، يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن دېڭىز قاتنىشى بىخەتەرلىكى قانۇنى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مائارىپ قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى، يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇنى قاتارلىق سەككىز قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ ۋەكىللىرىنى سايلاش چارىسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى ماقۇللاندى، خۇاڭ مىڭنى جىددىي ئىشلارنى باشقۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرلىقىغا تەيىنلەش قارار قىلىندى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 77-، 78-، 79-، 80-، 81-، 82-، 83-نومۇرلۇق رەئىس پەرمانىغا ئىمزا قويدى. كومىتېت باشلىقى لى جەنشۇ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەردىن 168 كىشى يىغىنغا قاتناشتى، يىغىنغا قاتناشقان ئادەم سانى قانۇندا بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن.

  يىغىندا يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مەركەز خامچوتىنى تەكشۈرۈش، نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى قارارى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ گوۋۇيۈەنگە ئەركىن سودا سىناق رايونىدا ئالاقىدار قانۇنلاردىكى بەلگىلىمىلەرنى ۋاقىتلىق تەڭشەپ تەتبىقلاش ھوقۇقى بېرىش توغرىسىدىكى قارارى ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى.

  يىغىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ «‹شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈش توغرىسىدىكى كېلىشىمى›نىڭ قوشۇمچە كېلىشىمنامىسى»نى تەستىقلاش توغرىسىدىكى قارارى، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلاردا قانۇن يۈرگۈزۈشتە ھەمكارلىشىش شەرتنامىسى»نى تەستىقلاش توغرىسىدىكى قارارى، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەق تەلەپ ۋە سودا ئىشلىرىدا قانۇن يۈرگۈزۈشتە ھەمكارلىشىش شەرتنامىسى»نى تەستىقلاش توغرىسىدىكى قارارى، «كىۋادرات كىلومېتىرلىق قاتار رەسەتخانا قۇرۇش ئەھدىنامىسى»نى تەستىقلاش توغرىسىدىكى قارارى ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى.

  يىغىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ۋەكىللەرنىڭ سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئايرىم ۋەكىللەرنىڭ ۋەكىللىك سالاھىيىتى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى.

  يىغىندا ئاۋاز بېرىش ئارقىلىق لىن دو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى جۇڭگو چياۋمىنلىرى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ئەزالىقىغا تەيىنلەندى؛ جياڭ خۇڭجۈن جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ھەربىي تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشلىكىدىن قالدۇرۇلدى، چېڭ دۇڭفاڭ جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ھەربىي تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشلىكىگە تەيىنلەندى.

  يىغىندا يەنە باشقا تەيىنلەش-قالدۇرۇش لايىھەسى ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىرىدىن ۋاڭ چېن، ساۋ جيەنمىڭ، جاڭ چۈنشيەن، شېن يۆيۆ، جى بىڭشۈەن، ئەركىن ئىمىرباقى، ۋەن ئېشياڭ، چېن جۇ، ۋاڭ دۇڭمىڭ، بەيما چىلىن، دىڭ جۇڭلى، خاۋ مىڭجىن، سەي دافېڭ، ۋۇ ۋېيخۇا، باش كاتىپ ياڭ جېنۋۇ يىغىنغا قاتناشتى.

  دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ياڭ شياۋدۇ، دۆلەت كومىسسارى ۋاڭ يى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى جوۋ چياڭ، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى جاڭ جۈن، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ھەرقايسى مەخسۇس كومىتېتلىرىنىڭ ئەزالىرى، ھەرقايسى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ قىسمەن ۋەكىللىرى، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى قاتارلىقلار يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.

  يېپىلىش يىغىنىدىن كېيىن، 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 23-قېتىملىق مەخسۇس تېمىلىق لېكسىيە ئۆتكۈزدى، كومىتېت باشلىقى لى جەنشۇ رىياسەتچىلىك قىلدى. تاشقى ئىقتىساد-سودا ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن ئىنستىتۇتىنىڭ پىروفېسسورى، گوۋۇيۈەن مونوپوللۇققا قارشى تۇرۇش كومىتېتى مۇتەخەسسىسلەر مەسلىھەت بېرىش گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى خۇاڭ يۇڭ «مونوپوللۇققا قارشى قانۇن-تۈزۈملىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، رىقابەت سىياسىتىنىڭ ئۇللۇق ئورنىنى كۈچەيتىش» توغرىسىدا لېكسىيە سۆزلىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ