خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تۈركىيە ئاناتولىيە ئاگېنتلىقىنىڭ مەلۇماتىدىن قارىغاندا، تۈركىيەنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى كەنان ئەۋرېن 9-چېسلا 97 يېشىدا كېسەل سەۋەبلىك ئالەمدىن ئۆتكەن. 2014-يىلى 18-ئىيۇن، تۈركىيە ئەنقەرە ئونىنچى ئالىي جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى كېسىم ئېلان قىلىپ، 1980-يىلىدىكى ھەربىي ئۆزگىرىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئەرېننى ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان. (بۇ ئەۋرېننىڭ 1982-يىلى تۈركىيەنىڭ 7-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلانغان چاغدىكى سۈرىتى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان.)
مەنبە: خەلق تورى