باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئىتالىيە، رۇسىيە باشلىقلىرى يىغىنى ئۈچ يىل ئۈزۈلۈپ قالغاندىن كېيىن قايتىدىن ئۆتكۈزۈلدى

2013.11.27 16:34         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۈزۈلۈپ قالغىنىغا ئۈچ يىل بولغان ئىتالىيە-رۇسىيە باشلىقلار يىغىنى تۈنۈگۈن ئىتالىيەنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى ترېنتې شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى، يىغىندا ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىسادى ۋە ئىجتىمائىي ساھەسىدىكى ھەمكارلىقى نوقتۇلۇق مۇھاكىمە قىلىندى، ئىككى تەرەپ ھۆكۈمەتلەر ئارا كېلىشىم يەتتە ۋە 21 ئىقتىساد سودا ھەمكارلىق مۇددىئامىسىنى ئىمزالىدى.

  ئىتالىيە رۇسىيەنىڭ ياۋروپادىكى ئىككىنچى چوڭ سودا شېرىكى، ھەر كۈنى رۇسىيەدىن 80 مىليون كۇب مېتىر تەبىئىي گاز ئىمپورت قىلىدۇ. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد سودىسى تېز تەرەققىي قىلدى، پۈتۈن يىللىق ئىككى تەرەپلىك سودا سوممىسىنىڭ 45 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىشىدىن ئۈمىد بار. پۇتىن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۆلچەرلەپ: كەلگۈسىدە ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى سودا سوممىسى 50 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ كېتىدۇ دېدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر