باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ياپونىيە باشقۇرۇلىدىغان بومبا قىسىمى ئورۇنلاشتۇردى

2013.11.26 16:10         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ياپونىيە مېدىيالىرىنىڭ 6 – نويابىر خەۋەر قىلىشىچە، كەڭ كۆلەمدىكى ھەربىي مانېۋىرنىڭ بىر قىسىمى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ياپونىيە قوغدىنىش قىسىمى شۇ كۈنى ئوكىناۋا ناھىيەسىنىڭ مىياكو ئارىلىغا ئۇرۇش پاراخوتىغا قارشى باشقۇرۇلىدىغان بومبا قىسىمى ئورۇنلاشتۇرغان.

  خەۋەردە مۇنداق دېيىلگەن: شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ھەربىي پاراخوتقا قارشى باشقۇرۇلىدىغان بومبا قىسمىنى توشۇشقا مەسئۇل چوڭ تىپتىكى پاراخوت مىياكو ئارىلىنىڭ خېرارا پورتىغا يېتىپ بارغان، باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىش ئۈسكۈنىلىرى قاچىلانغان 20 ئاپتوموبىل پورتقا كىرىپ، مىياكو ئارىلىغا يۈرۈشكە تەييارلانغان.

  قوغدىنىش قىسىمى يەنە ئوكىناۋا ناھىيەسىدىكى ناخا بازىسىغىمۇ ئۇرۇش پاراخوتىغا قارشى باشقۇرۇلىدىغان بومبا قىسىمى ئورۇنلاشتۇرىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، ياپونىيە يەنە دېڭىزغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان قوغدىغۇچى پاراخوتنى ئاساس قىلىپ، ئۇرۇش پاراخوتىغا قارشى باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىشنى تەقلىد قىلىش مانېۋىرى ئۆتكۈزىدىكەن.

  ئىشىكاۋا ناھىيەسىدىكى ھاۋا مۇداپىئە ئەترىتىمۇ 6 – نويابىر مانېۋىر ئۆتكۈزگەن.

  ياپونىيە دۆلەت مۇداپىئە ۋازارىتى 23 – دېكابىر مۇنداق دېگەن: 1 – نويابىردىن 18 – نويابىرغىچە، قوغدىنىش قىسىمىنىڭ 34 مىڭدىن ئارتۇق ئەسكىرى كيۇشيۇ ئارىلى ۋە ئوكىناۋا قاتارلىق جايلاردا ئۆتكۈزۈلىدىغان كەڭ كۆلەمدىكى ھەربىي مانېۋىرغا قاتنىشىدۇ، مانېۋىردا ئۇرۇش ئايروپىلانى بىلەن قوغدىغۇچى پاراخوت راست ئوق ئىشلىتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر