باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

مەخسۇدنىڭ ئۆلۈمى ئافغانىستان بىلەن پاكىستاننىڭ بېشىنى ئاغرىتتى

2013.11.26 16:09         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پاكىستان پىرزىدېنت ئىشخانىسى 3 – نويابىر مۇنداق دېدى: پاكىستان ھۆكۈمىتى ئامېرىكىنىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان بىلەن پاكىستان تالىبانلىرىنىڭ كاتتىبېشى مەخسۇدنى پارتلىتىپ ئۆلتۈرگەنلىك ۋەقەسىنى كېلەر ھەپتە كېڭىشىدۇ.

  پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى مۇنداق دېدى: ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىزنى قايتىدىن بېكىتىمىز. پاكىستان ھۆكۈمىتى تالىبانىنىڭ رەھبىرى مەخسۇد ئافغانىستان چېگراسىغا يېقىن قەبىلە رايونىدا ئۆلتۈرۈلدى. بۇ پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ زوراۋانلىققا خاتىمە بېرىش ئۈچۈن قوراللىقلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈش پىلانىغا توسالغۇ بولدى. نۆۋەتتىكى ئەھۋالدا تىنچلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەرىكىتى توختاپ، ئۆچ ئېلىش ھۇجۇمى باشلىنىدىغاندەك قىلىدۇ.

  پاكىستان رەھبەرلىرى مۇنداق دېدى: ئامېرىكا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان بىلەن ھۇجۇم قوزغاپ تىنچلىق سۆھبىتىمىزنى بۇزدى. ھۆكۈمىتىمىز ئەسلىي پىلاندا 2 – نويابىر پاكىستان تالىبانلىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزمەكچى بولغان، لېكىن، ئامېرىكا بۇ پىلانىمىزنى بۇزىۋەتتى. پاكىستان دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ئامېرىكىنىڭ ئىسلامئابادتىكى باش ئەلچىسىنى چاقىرتىپ، ئامېرىكىنىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان بىلەن بومباردىمان قىلغانلىقىغا ئېتىراز بىلدۈردى.

  پاكىستان تالىبانلىرىنىڭ ئۈچ رەھبىرى مۇنداق دېدى: بىز 2 – نويابىر ھۆكۈمەتنىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن كۆرۈشمەكچى بولغانىدۇق. لېكىن، مەخسۇد ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، بىز ھۆكۈمەتنى يۈز ئۆرىدى، دەپ قاراپ، سۆھبەتتىنمۇ ۋاز كەچتۇق.

  پاكىستان تالىبانلىرىنىڭ باياناتچىسى مۇنداق دېدى: بىر مەيدان قىساس ئېلىش ھەرىكىتى پات ئارىدا باشلىنىدۇ.

  فىرانسىيە مېدىيالىرىنىڭ 4 – نويابىر خەۋەر قىلىشىچە، ئافغانىستان زۇڭتۇڭى كارزائىي ئامېرىكىنىڭ پاكىستان تالىبانلىرىنىڭ رەھبىرى مەخسۇدنى تازا قاملاشمىغان ۋاقىتتا ئېتىۋەتكەنلىكىنى تەنقىدلىگەن ھەمدە بۇ ۋەقەنىڭ رايون تىنچلىقىغا تەسىر كۆرسەتمەسلىكنى ئۈمىد قىلغان.

  كارزائىي ئىشخانىسى بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: ئامېرىكىنىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىنىڭ ھۇجۇم قوزغىغان ۋاقتى توغرا بولمىدى، بۇ ۋەقەنىڭ تىنچلىق قەدىمىمىزگە زىيان يەتكۈزمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر