خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: مىسىرنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى مۇرسى 4-نويابىر قاھىرە ساقچى ئىنستىتۇتىدا سوتقا چىقىپ، بۇلتۇر زۇڭتۇڭ مەھكىمىسى ئالدىدا يۈز بەرگەن نامايىشتا زوراۋانلىققا قۇترىتىش ۋە نامايىشچىلارنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈش جىنايىتىگە چېتىلغانلىقى ئۈچۈن سوتلاندى. سوت نەتىجىسىز بولغاچقا، سوت كوللېگىيىسى كېلەر يىلى 1-ئاينىڭ 8-كۈنى قايتا سوت قىلىشنى قارار قىلدى. مىسىر ھۆكۈمەت تەرەپ ئاگېنتلىقى ئوتتۇرا شەرق ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، شۇ كۈنى مۇرسى بىلەن يەنە مۇسۇلمان قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسىنىڭ 7 نەپەر ئالىي رەھبىرى تەڭ سوت قىلىنغان، يەنە 7 نەپەر جاۋابكار سوتقا قاتناشمىغان. جاۋابكارلار سوتتا قاراپ چىقىش داۋامىدا ۋاراڭ-چۇرۇڭ قىلىپ، سوتنى كۆزگە ئىلمىدى، دەپ ئەيىبلەنگەنگە ئوخشاش سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن شۇ كۈندىكى سوت بىر سائەتتىن كۆپرەك ئۈزۈلۈپ قالغان. سوت كوللېگىيىسى دەۋاگەر ۋە جاۋابكار ئادۋوكاتلىرىنىڭ بۇ دېلوغا ئائىت ماتېرىياللارنى كۆرۈپ چىقىشقا ۋە بۇ دېلوغا تەييارلىق كۆرۈشكە يېتەرلىك ۋاقىت بولۇشى ئۈچۈن، ئاخىر بۇ دېلونى كېچىكتۈرۈپ قاراپ چىقىشنى قارار قىلدى. شۇ كۈنى سوتتا قاراپ چىقىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، مۇرسى ئىسكەندەرىيەدىكى بىر تۈرمىگە يۆتكەپ ئاپىرىلىپ داۋاملىق نەزەربەنت قىلىنغان. (جېڭ يىخەن، ۋاڭ خەن خەۋىرى، جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى