شىنجاڭدا «ئاددىي قەھرىمان» ناملىق كىنو يەنە بىر قېتىم«قويۇلدى»، تيەنجىن ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭ شۆبە شىركىتى «بوشلۇق بىلەن يەر يۈزى بىرلىشىپ» ئىككى ياشلىق بارمىقى ئۈزۈلۈپ كەتكەن بالىنىڭ ئۈرۈمچىگە ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىپ ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇشىغا پۈتۈن كۈچى بىلەن كاپالەتلىك قىلدى.
2-ئاينىڭ 27-كۈنى، مۇخبىرنىڭ تيەنجىن ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭ شۆبە شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، بارمىقى ئۈزۈلۈپ كەتكەن بالا شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارمىقىدىكى 1-دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلىپ 27-چېسلا سائەت بەش بىلەن ئوپېراتسىيە قىلىنغان، نۆۋەتتە، بالىنىڭ ئوپېراتسىيەسى ناھايىتى ئوڭۇشلۇق بولغان.
2-ئاينىڭ 26-كۈنى سائەت 21 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، تيەنجىن ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭ شۆبە شىركىتى ئاقسۇ خۇڭچىپو ئايرودۇرۇمىنىڭ مۇلازىمەت تېلېفونىنى تاپشۇرۇۋالغان، تېلېفوندا ئىككى ياشلىق بىر بالىنىڭ قولىنىڭ يارىسى ئېغىر بولۇپ، ئۈرۈمچىگە جىددىي بېرىپ داۋالىنىشقا توغرا كېلىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇلار ئەسلىدە زاكاس قىلغان ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ نۆۋەتچى ئايروپىلانى كېچىكتۈرۈلگەچكە، ئاقسۇ ئايرودۇرۇمى تيەنجىن ئاۋىياتسىيە شىركىتى بىلەن ئالاقىلىشىپ، يارىلانغان بالا ۋە ئائىلە تەۋەلىرى بولۇپ ئۈچ كىشىنى تيەنجىن ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ GS7518 نۆۋەتچى ئايروپىلانىدا ماڭىدىغانغا ئۆزگەرتىپ بەرگەن.
تيەنجىن ئاۋىياتسىيە مۇلازىمەت قوماندانلىق ئورنى ئۇچۇرنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، دەرھال بازاردىكى بىلەت سېتىش ئورۇنلىرىنى ماسلاشتۇرۇپ، يارىلانغان بالا ۋە ئۇنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىنىڭئالدىن مېڭىشىغا كاپالەتلىك قىلدى.
ئۇچۇشتىن بۇرۇن، تيەنجىن ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭ شۆبە شىركىتىنىڭ شۇ كۈنلۈك نۆۋەتچى خادىملىرى ئىش تەقسىماتى بويىچە ھەمكارلىشىپ، ئاقسۇ ئايرودۇرۇمىنى ماسلاشتۇرۇپ، كاپالەتلىك قىلىشنى كۈچەيتتى، نۆۋەتچى ئايروپىلان ئەسلىدىكى ۋاقىتتىن 10 مىنۇت بۇرۇن ئۇچتى؛
چارلاش باسقۇچىدا، ھاۋا قاتنىشىنى باشقۇرۇش تارماقلىرىنى ماسلاشتۇرۇپ، بىۋاسىتە ئۇچۇش يولىغا ئالدىن قوماندانلىق قىلىپ، ھاۋا بوشلۇقىدا يېشىل يول ئېچىپ بەردى؛
يەرگە قونۇشتىن بۇرۇن، ئۈرۈمچى دىۋوپۇ خەلقئارا ئايرودۇرۇمى يۈرۈشتۈرۈش-باشقۇرۇش كومىتېتى (يۈرۈشتۈرۈش-تىزگىنلەش مەركىزى) بىلەن چىقىش ئېغىزىغا يېقىن بولغان 100-نومۇرلۇق ئورنىنى ماسلاشتۇردى ھەم ئايرودۇرۇمدىكى جىددىي قۇتقۇزۇش قاتارلىق كاپالەت ئەترەتلىرى بىلەن ئالدىن ئالاقىلىشىپ، ئۇلارنىڭ ئايروپىلاندىن چۈشۈپ دوختۇرخانىغا بېرىپ داۋالىنىشىغا كاپالەتلىك قىلدى.
شۇ كۈنى سائەت 22 دىن 45 مىنۇت ئۆتكەندە يارىلانغان بالا ۋە ئۇنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى ئايروپىلانغا چىقتى. ئايروپىلان خادىملىرىئۇلارنىڭ يۈك-تاقلىرىنى قويۇشىغا ياردەم بېرىپ ھەمدە بىخەتەرلىك تاسمىسىنى تاقىشىغا ياردەملىشىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇلارنى ئىلمان سۇ، يۇڭ ئەدىيال بىلەن تەمىنلىدى. ئايروپىلان خادىملىرى باشلىقى يارىلانغان بالىنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى بىلەن توختىماي پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ جىددىيلىشىش، تەشۋىشلىنىش كەيپىياتىنى پەسەيتتى. سائەت 23 تىن 5 مىنۇت ئۆتكەندە، نۆۋەتچى ئايروپىلان ئوڭۇشلۇق ئۇچتى.
2-ئاينىڭ 27-كۈنى سائەت 0 دىن 7 مىنۇت ئۆتكەندە، يارىلانغان بالا ئولتۇرغان نۆۋەتچى ئايروپىلان ئەسلىدە بېكىتىلگەن ۋاقىتتىن 33 مىنۇت بۇرۇن ئۈرۈمچى دىۋوپۇ خەلقئارا ئايرودۇرۇمىغا يېتىپ كەلدى، يارىلانغان بالا ۋە ئۇنىڭئائىلە تەۋەلىرى ئالدى بىلەن ئايروپىلاندىن چۈشتى، جىددىي قۇتقۇزۇش ماشىنىسى دەرھال دوختۇرخانىغا ئېلىپ باردى، دوختۇرلار بالىنى كېچىلەپ ئوپېراتسىيە قىلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى